ئىرىمنىڭ تومۇچۇقلىرى
تۇرغۇن پەيزۇللا1
سەن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى، سەن ئىشەنگەن باغدا ھۇۋقۇش ھوۋلىدى، سەن ئىشەنگەن تاغدا تۈلكىلەر قۇترىدى....
ئۆيگە كىردىڭ. ھوجرىدىن ئاڭلانغان كۈلكىلەر ئىچىڭگە ئوت يېقىۋەتتى ياق ، ياققوقاس چېچىۋەتتى ،قوقاس. دۇنيا قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غۇلىدى. كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە ئوڭمۇ-تەتۈر پىقىراشقا باشلىدى. قەلبىڭگە بىر خىل نەپرەت، ئاچچىق ھەسرەتنىڭ گۈخانلىرى تۇتاشتى. نېمىدۇر بەر نەرسە ئىچىڭنى زەھەرلىك تىرناقلىرى بىلەن توختىماي تاتلايتى، يەر بىلەن ئاسمان ئوڭتەي –توڭتەي بولۇپ كەتتى. شۇتاپتا « سېنى سەۋدايىلارچە سۆيىمەن ! » دېگەن ئېرىڭ باشقا بىرىسى بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىۋاتاتتى، مۇھەببەتكە تولغان تۇرمۇشۇڭ خانۇ-ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بىردىن -بىر ئاشىقىڭ ھەم بۆلەنچۈكىڭبولغان ئىرىڭ ساڭا رەسۋالارچە يۈزسىزلىك قىلىۋاتاتتى، بەختىڭنىڭ تۈۋرىكى غۇلاپ كېتىۋاتاتتى،ئەقىدە قىلىپ كەلگەن ئېرىڭدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىڭدىن بەكمۇ ھەسرەتلەندىڭ، باللىرىڭنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى سېنى ھەممىدىن بەتتەر ئازابلايتى. يېقىندىن بۇيانئېرىڭنىڭ ، ئىلگىركى ساڭا كۆيۈنىدىغان ،سېنى قاندۇرۇپ سۆيىدىغان ئەركە زادىلا ئوخشىماي قالغانلىقىدىكى سىرنى چۈشەندىڭ، يۈرىكى قوقاسقا تاشلانغاندەك پۇچىلاندى.
- جېنىم تۇمۇچۇقىم بىر كۈنلەر كېلىپقولۇمدىن ئۇچۇپمۇ كەتەرسەنمۇ ؟ - بۇ ئىرىڭنىڭ ئاۋازى ئىدى. « توۋا بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى ئەمدى ؟ » كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇلىشىپ ، پۇت-قولۇڭدا جان قالمىدى.
- ئەمدى نەگىمۇ ئۇچالايتىم ، سىز قانىتىمنى بوغۇشلاپ قويغان تۇرسىڭىز.- بۇ بالا باققۇچى قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى. بالا باققۇچى سېنىڭ بىر نەۋرە سېڭلىڭ ئىدى، ئىشەنگەن تېغىڭدا كىيىك ياتمىدى ، بېغىڭدا ھوۋقۇش ھوۋلىدى ، قوتۇنۇڭدا تۈلكە ھۈردى.
-سەن مېنىڭ قار مەلىكەم .
-سز مېنىڭ دۇلدۇلغا مىنگەن شاھزادەم .
- سىز دۇلدۇلغا مىنگەن شاھزادىڭىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيسىز؟
- قولىغا قول ، پۇتىغا پۇت بولۇپ ، ئېغىرىنى بىللە كۆتۈرىشىمەن. ئۇنىڭغاتومۇزدا سايە ، قىشتا گۈلخان بولىمەن، ئاينىڭ قاراڭغۇ كۈنلىرى مەشئەل بولۇپ يولىنى يورىتىمەن، باغرىمنى كەڭ ئاچىمەن ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ بەختى دەپ بىلىمەن .
- مېنى بەكمۇ خوشال قىلىۋەتتىڭ ، جېنىم تاتلىقىم !
- ئېيتىڭە قېنى ،قار مەلىكىڭىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيسىز؟ - بۇ ئاۋاز ماغا چۈشكەن مۇشۈكنىڭ ئاۋازدەك يېقىمسىز بولۇپ ، يۈرىكىڭگە بىگىزدەك سانجىلدى، كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇلاشتى.
- چاڭقىغاندا سۇسىز ، توڭلىسا گۈلخانسىز قويمايمەن، دۇنيادىكى بارلىق بەختنىڭ تەمىنى تېتىتىمەن، بارلىق ئارزۇلىرىغا يەتكۈزىمەن.
-سىزنىڭ ماڭا ئاتىغان نېمىڭىز بار ؟
- بارلىقىم ، مۇشۇ چاغقىچە توپلىغان مال-دۇيارىم بار، سېنىڭچۇ؟
- پەقەت مۇھەببەت –سۆيگۈملا بار.
- ماڭا شۇلا كۈپايە.
- كېلىڭە يېقىن ، ئەككىلىڭە ھەسەل تېمىپ تۇرغان ئاغزىڭىزنى ئاق ئاتلىق زاھزادەم !...
-مانا ، مانا ... بۇنداق چاغدا سەن بەك ئاچ كۆز جۇمۇ!
-تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىڭە ، بەللىرىمدىن قاس چىقىپ كەتسۇن تازا بىر .
- بۇنىڭدىنمۇ چىق قۇچاقلامدىم.
-ھەئە.
-بىر يىرى ئاغرىپ كېتەمدىكىن دەپ سېنى ئايايدىكەنمەن.
- بۇنداق چاغدا ئاياپ ئولتۇرماڭ.
-ئۇنداق بولسا چىدا جۇمۇ ؟
- ھەببەللى ، مانا مۇشۇنداق ...
خېلى بۇرۇنلا ئاياللىق سىزىمىڭغا ئايان بولغان، ئەمما سەن بىلىشنى خالىمايدىغان ، لېكىن يۈرىكىڭنى لەختە-لەختە قان قىلىۋىتىدىغان بىر ئىشنى بىلىپ قالدىڭ، چىدىغۇچىلىكىڭ قالمىدى. ئېرىڭگە بولغان مۇھەببىتىڭ قاتتىق كۈچەيدى ، كۈندەشلىكىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالدى، غەزەپ-نەپرىتىڭ ئۇلغايدى. سەن ئۆمۈر بويىبىر پۇتلاپ ئۆرە تۇرغاندەك قىينىلىشقا باشلىدىڭ، ئاچچىق ھەسرەت ئىچىڭنى تۈتۈن قىلىۋەتتى. بۇ تومۇچۇقنى ئىرىڭگە ئۆزۈڭ تۇتۇپ ئەكىلىپ بەرگەنتىڭ ئەمەسمۇ ؟ بۇ تومۇچۇق خامىنىڭدا ئەركىن ئازادە ، ئىختىيارىچە دانلاۋاتقىنى بەش يىلدىن ئاشقانتى، ئىرىڭنىڭ ئۆزىگە قانداق چاغلاردا كۆندۈرىۋالغانلىقىنى بۈگۈنگىچە بىلەلمەي يۈرگەنلىكىڭدىن بەكمۇ ئازابلاندىڭ .شۇتاپتا ، ئىرىڭنىڭنېمىلەردىن ئايرىلىپ ، نېمىلەرنىيوقۇتۇپ قۇيۇۋاتقانلىغىنى خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتى . بالا باققۇچىنىڭ نازلىنىپ ، يىنىك-يىنىك ئىڭراشلىرى سېنى ئەسەببىلەشتۈرىۋەتتى، تىنىڭ مۇزلاپلا كەتتى. قۇلاق تۈۋىڭدە قاراڭغۇ كېچىدە قەبرىشتانلىقتىن ئاڭلانغاندەك سۈرلۈك ھەم قورقۇنچلىق بىر ئاۋاز جاراڭلاپ ، تىنىڭنى جىغۇلدىتىشقا باشلىدى. سەن بۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى خېلى تەستە پەرق ئەتتىڭ،ئۇ بالا باققۇچىنىڭ ئىرىڭنىڭ ئاستىدا نازلانغان چاغدىكى نازلىق ھەم چىقىراق ئاۋازى ئىدى. قەبرىستانلىقتىن چىقىپ ئورمانلىققامۈكۈۋالغان بىر تۈن مۈشۈكى ساڭا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى . خىلمۇ-خىل ئويلىرىڭ ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭ خانۇ-ۋەيران بولدى. ساپ ھېچقانداق غەرەز ئارلاشمىغان ھېسسىياتىڭدەھشەتلىك خورلۇققا ئۇچرىدى. ئۆيۈڭگە ئۆزۈڭ باشلاپ كىرگەن بالا باققۇچى قەدىناس ئېرىڭنى تارتىۋالغانتى، ئېرىڭنىڭئۇنىڭ بىلەن قانچاندىن بىرى مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەڭمۇ،مۇناساۋەت ئورناتقانلىقىغا خېلى ئۇزاق بولغانلىقىنى قىياس قىلدىڭ، كونىلارنىڭ « يېغى ياندىن ،بالا قېرىنداشتىن دېگىنى بەكمۇ ئورۇنلۇق » ئىدى. سەن ئۇنچە دۆت-كالا ئەمەستىڭ، لېكىن ئاق كۆڭۈللۈكىڭ سېنى بۈگۈنكى مۇشۇ ئازابقا مۇپتىلا قىلغانتى.
- ھۇ رەسۋا ، پاسكىنا ، پاسىقلار...- سەن ئۆزۈڭنى باسالماي ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى تېپىپلا ئېچىپ ، ئىچىگە ئېتىلىپلا كىردىڭ . قىپيالىڭاچ ئىككى ھەيۋان نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى. ئۇياتلىق يەرلىرىنىمۇ يوشۇرالمىدى. سەن ئۇلارغا قاراپ تۈكۈردىڭ ، تىل-ھاقارەت ، قارغىشلار ئاغزىڭدىن پىلىمۇتنىڭ ئوقلىرىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېتىلىپ چىقاتتى.
- ئىشەكلەر ، چوچقىلار ، مەينەت ، پاسكىنالار....
كۆز ئالدىڭدىكى بۇ ئىشلارغا زادىلا ئىشەنگۈڭ كەلمەيتى، ئۆزۈڭنى چۈش كۆرىۋاتىمەن ، ئويغىنىپ كەتسەملا ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇدەپ بەزلەيتىڭ،لېكىن بۇ چۈش ئەمەستى، يۈرىكىڭنى تەگسىز ھەسرەت-نادامەت چىرمىۋالدى. ئەمدى سەن بەختلىك بولالمايتىڭ، خوشال چاغلىرىڭ توزۇپ كەتكەنتى، ئويلىغانچە سېنى قورقۇنچ باستى. سەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغانتىڭ ، ئىرىڭگە چەكسىز سادىق ئىدىڭھەم چەكسىز ئىشىنەتتىڭ . سەن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى، سەن ئىشەنگەن باغدا ھۇۋقۇش ھوۋلىدى، سەن ئىشەنگەن تاغدا تۈلكىلەر قۇترىدى.« ئاھ خۇدا ، بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ مەن ھەم بالام ئىرىشىشكە تېگىشلىك ھوقۇقلار مۇشۇنداقلا ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ ؟ ...» زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك ئاچچىق تولغىنىپ كەتتىڭ. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇزاق يىل گومۇشلۇق كېسىلى تارتقان ئادەمدەك بولۇپ قالدىڭ، كۆزلىرىڭدىن شۇقەدەر ئازابلىنىۋاتقانقىلىقىڭ چىقىپلا تۇراتتى. سەن ئۆلگىدەك سۆيگەن ھەم سېنىمۇ قاندۇرۇپ ، رازى بولغۇدەك سۆيگەن ، تۇرمۇشۇڭنىڭ بارلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن ،«مېنى قارا قىشنىڭ جۇدۇن-چاپقۇلىرىدىن، قارا تومۇزنىڭ كۆيدۈرگۈچ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدىن، كۆڭلى قارا ، نىيىتى يامانلاردىن قوغدايدۇ » دەپ تاغدەك ئىشەنگەن ، بارلىق تەلەپلىرىڭنىبار كۈچى بىلەن قاندۇرۇپ كەلگەنئېرىڭ سېنى ھەسرەت- نادامەت پاتقىقىغا ئىتتىرىۋەتكەنتى، پاتقاق ئىچىدە تىپىرلايتىڭ،پاتقاقتىن كېتىش ئۈچۈن بار كۈچۈڭ بىلەن يۇلقۇناتتىڭ. سەن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى، سەن ئىشەنگەن باغدا ھۇۋقۇش ھوۋلىدى، سەن ئىشەنگەن تاغدا تۈلكىلەر قۇترىدى....
« ئانا تومۇچۇق دېگەن نېمە؟ »
« قانداق دەيسەن بالام؟ »
« دادام باياتىنئۇكامنى باقىدىغان ئاچاشنى ‹ سەن مېنىڭ تومۇچۇقىم › دەپ كۆتۈرىۋالدى .»
« نېمە؟» - سەن بالاڭنىڭ گېپىدىن گاڭگىراپلا قالدىڭ ، يۈرىكىڭ چوغ ياققاندەك ئېچىشىپ كەتتى.
« ئاندىنچۇ ؟» –سوردىڭ سەن ، ئاۋازىڭ ئۆزۈڭنىڭكىگە ئوخشىماي قالدى.
« ئاندىنشۇ كۆتىرىۋالدى ئاندىن...»
«ئاندىنچۇ ؟ »
«يەنە ، يەنە... »
شۇلارنى ئويلاپتېنىڭ شۈركىنىپ كەتتى . شۇچاغداكۆڭلۈڭ بىر قىسمىلا بولۇپ ، نېمە دىيىشىڭنى ، نېمە قىلىشىڭنى بىلەلمەي تىڭىرقىغىنىڭچە خېلى بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتكەنتىڭ، يىلىڭ چىقىپ كەتكەندەك لاسسىدە بولۇپ قالغانتىڭ. شۇچاغدىن تارتىپ بىر تاغار قورساق كۈپۈكى تېپىۋالغانتىڭ. بۇ قورساق كۆپۈكى داۋاملىق سېنى تەتۈر قىيناپ كېلىۋاتاتتى. دۇنيادىكى ھەر قانداق مۈشۈكنىڭ بەز يەيدىغانلىقىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويغانلىقىڭ ئۈچۈن بەكمۇئازابلاندىڭ، ئۇنتۇغاقلىقتائۆزۈڭنى ئەيىپلىدىڭ.
- مەن نېمانچە دۆت ، مەن ساڭا 10 يىلدىن بىرى ئالدىنىپ كەپتىمەن ئەمسمۇ ؟ پۈتۈن بارلىقىمنى ، ئەقىدەمنى ساڭا بېغىشلىسام مېنى قانداقمۇ ئالدىغىڭ كەلدى ، مېنى مۇشۇنداقمۇ داغدا قويامسەن ھۇ نامەرد ؟ ئىسىت ئالدىنىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىم ، ۋاي ئىسىت !... كۆزۈمدىن يوقال، رەسۋا قانجۇق ، كۆزۈمدىن يوقال!...
-قاراپ تۇرۇشماي كۆزۈمدىن يوقۇلۇش .
- رەسۋاچىلىقنى قىلىۋاتقان چېغىڭدا ئىككى بالىنى ئويلاپ قويمىدىڭمۇ، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ ، پاسكىنا توڭگۇز ...
- مەن ئېزىپتىمەن ، مەن ئۆلەي !...
- ئۆزۈڭنى مەن ھايات دەۋاتامسەن ، ئىشەك؟
-مېنى كەچۈرىۋەت خوتۇن ، بىر قېتىم پۇرسەت بەرگۇناھيىمنى يۇيۇۋالاي .
-تېنىڭدىكى مەينەتچىلىكنىغۇ سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋىتەرسەن ، روھىڭدىكى مەينەتچىلىكنى قانداقمۇ چىقىرارسەن مەينەت .
- بۇ ئىشنى چىۋىن بىلسە بىلسۇن لېكىن قانىتى بىلمىسۇن خوتۇن ، مەن ئېزىپتىمەن ، ئىككىنچى بۇ پوقنى يېمەيمەن.
كۈنلىرىڭ بۇرخۇتۇملۇق ئىچىدە ئۆتمەكتە. باللىرىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر بولىۋاتاتتىڭ. « ئانا دېگەن باللىرىنىڭ كۈلكىسى ، بەختى ، شادلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئويلاپ بالىلارنى سەرسانلىق كوچىسىغا تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. بەختى باللىرىڭنىڭ خوشاللىقىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالغان ئانا –ئەڭ يارامسىز ئانىدۇر.خوشاللىقىنى باللىرىنىڭ بەختىدىن تاپىدىغان ئانا ئەڭ ياراملىق ئانىدۇر . » سەن پات-پات شۇنداق ئويلايتىڭ ، بۇنداق چاغدا باللىرىڭنىڭ گۈدەك چىرايى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولۇپ ئازابلىرىڭ يەڭگىللىگەندەك بولۇپ قالاتتى، ئەمما كۆزلىرىڭدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلەتتى، يۈز بەرگەن ئىشلارغا سېنىڭ زادىلا ئىشەنگۈڭ كەلمەيتى.
2
سەن ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى، سەن ئىشەنگەن باغدا ھۇۋقۇش ھوۋلىدى، سەن ئىشەنگەن تاغدا تۈلكىلەر قۇترىدى....
« خۇدا !ھەممىنى ئۇنتۇپ ، كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئېرىم، ماڭا راستتىنلائىزچىل يالغان سۆزلەپ ، مېنى داۋاملىق ئالداپ كەلگەنمىدۇ، باشقىلارنى تېپىۋالغانمىدۇ؟ ... »
بىردىنلا سەن يېتىپ قوپۇدىغان ئۆيگە ئاق تومۇچۇق ، قارا تومۇچۇق ، سېرىق تومۇچۇق ، كۆك تومۇچۇق ، يېشىل تومۇچۇق ، ئالا چىپار تومۇچۇق ، قىزىل سېرىق تومۇچۇقلار تولۇپ كەتتى. بۇ تومۇچۇقچلار بىر –بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك بىردەم ئېرىڭنىڭ ئوڭ دولىغا قونسا بىردەم سول دولىغا قونىشاتتى؛ بىردەم بېشىغا ، بىردەم قوللىرىغا قونۇۋالاتتى، قاناتلىرى بىلەن مەڭزىللىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ سىيلايتى، لەۋلىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ چوقۇلايتى...سەن تومۇچۇقچلارغا ، ئۇلارنىڭ ھەر كەتلىرىگە زەڭ سېلىپ قاراشقا باشلىدىڭ ، قارىغانچە ئۇ تومۇچۇقچلار كۆزلىرىڭگە سەن تونۇيدىغان ھەم تونۇمايدىغان قىز-چوكانلاردەك كۆرۈنىشكە باشلىدى. ئەنە ئاۋۇ ئاق تومۇچۇقنەۋرە سىڭلىڭغا بەكمۇ ئوخشايتى، ئاۋۇ سېرىق تومۇچۇق ئىرىڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى ، پەقەت خوشۇڭ كەلمەيدىغان ، ئەزمىسىنى ئىزىپ گەپ قىلىپ ، ئېرىڭنى پۈتۈنلا يۈتىۋەتمەكچى بولغاندەك پات-پات يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ قويىدىغان ئانىگۈلغا ئوخشايتى. ئاۋۇ يېشىل تومۇچۇق ، ھەر خىل باھانا سەۋەبلەر بىلەن ھەر كۈنى ئۆيۈڭگە بىر قېتىم چىرىۋالمىسى ئۇنىمايدىغان ئۇدۇل قوشناڭ سەلىگۈلدەك كۆرۈنىپ كەتتى.ئاۋۇ قارا تومۇچۇق ساڭا تۇنۇشلا بىرسىگە بەكمۇ ئوخشايتى لېكىن كىمگە ئوخشايدىغانلىقىنى تازا ئەسلىيەلماۋاتاتتىڭ ، لېكىن ئۇ سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئايلىنىپ يۈرگەن بىرسىگە بەكمۇ ئوخشايتى. ئاۋۇ ئالا چىپار تومۇچۇقمۇ ، قىزىل سېرىق تومۇچۇقچمۇ تونۇشتەكلا قىلاتتى . لېكىن قاچان ، قەيەردەكۆرگەنلىكىڭنى زادىلا ئەسلىيەلمەۋاتاتتىڭ قانداقلا بولمىسۇن بۇ تومۇچۇقچلار ساڭا تونۇش قىز-ئاياللارغا بەكمۇ ئوخشايتى. بۇلارنىڭ چۈشۈڭ ياكى ئوڭۇڭ ئىكەنلىكىنى ، خىيالىڭ ۋەياكىرىئاللىقىڭ ئىكەنلىكىنى زادىلا پەرق قىلالماي گاڭگىراپ قالغانتىڭ. تومۇچۇقچكلار ئېرىڭنىڭ دوللىرىغا ، بېشىغا تالىشىپ قوڭنۇشاتتى، لەۋلىرىنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ چوقۇلىشاتتى ، يۈزلىرىنى بەس-بەس بىلەن يۇمشاق پەيلىرى بىلەن سىلىشاتتى. كۈندەشلىكتىن يۈرىكىڭ يانغىنغا ئايلانغانتى ، يېشىل تومۇچۇق بىردىنلا توپ ئىچىدىن ئايرىلىپ سېنىڭ ئالدىڭغا كەلدى-دە، كۆزلىرىڭگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سوردى:
« مېنى تونىدىڭمۇ ؟» - ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىمسىز بولۇپ ، كۆزلىرىدىن چەكسىز ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇراتتى.
« ياق ، پەقەتلا تۇيۇيالمىدىم ، سىز كىم بولىسىز سىڭلىم ؟ » - سوردىڭسەن مۇلايىملىق بىلەن.
« بىلىۋال ، مەن سېنىڭ بۇرۇنقى ئېرىڭنىڭ ھازىرقى خوتۇنى. بۇرۇنقى تومۇچىقى ، ھازىرقى قۇرغۇيى. »
« نېمە؟ »- بىرى تۇيۇقسىز كېلىپ مەيدەڭگە ئۇرىۋەتكەندەك ، يۈرىكىڭ چىمىلداپ ئاغرىپ ، چىرايىڭ بۆلەكچىلا ئۆڭدى.
« بۇرۇنقى ئېرىڭنىڭ ھازىرقى خوتۇنى.»
« نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز، ئېلىشىپ قالمىغانسىز سىڭلىم ؟»
« خاتىرجەم بول ، مەن ساپمۇ-ساق.»
«ئۇنداق بولسا نېمىشقا ئاغزىڭىزغا كەلگەننى بىلجىرلايسىز؟ »
«راستتىنى دېدىم شۇ. »
« مېنىڭ ھازىرقى ئېرىم بۇرۇنقى ئېرىم ، بۇرۇنقى ئېرىم ھازىرقى ئېرىم، مەن پەقەت بىرلا ئەر بىلەن ئۆتىۋاتىمەن. »
«ۋاي بىچارە ، ۋاي بىچارە بۇرۇنقى ئىرىڭنىڭ ھازىرقى خوتۇنى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنسەن- دە، بىلىپ قال مەن بۇرۇنقى ئىرىڭنىڭ ھازىرقى خوتۇنى، ئەڭ ئاۋالقى مەشۇقى ، سەن ئۇنى مەندىن تارتىۋېلىپ ، ئون نەچچە يىلدىن بىر مېنى قىيناپ كەلدىڭ . بۇ شۇنداق جاھان ، ھىچكىمنىڭ ھىچكىمدە قالمايدىغان بۇرۇنقى سۆيگۈنىمنى قايتۇرۇپ كەلدىم.»
« سەندەك بۇزۇقلارنىڭ كاساپىتىدىن ، ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى قالماۋاتىدۇ، ئانىلارغا داغ چۈشىۋاتىدۇ، ئىناق ئائىلىلەر بۇزۇلۇپ ، بەختىيار بالىلار بەختسىزلەرگە ئايلىنىپ ، كوچىلاردا سەرسان –سەرگەردان بولۇپ يۈرىشىۋاتىدۇ. »ئاچچىقىڭ ئەۋجىگە چىقتى ، بەك ئاچچىقىڭ كەلگەنلىكىتىن چىرايىڭ كۆكۈرۈپ كەتكەنتى، دىرىلدەپ تىترەيتىڭ ، كۆزلىرىڭدىن غەزەپ-نەپرەت ئوتلىرى چاقنايتى.
«بۇ ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگىنى ، چىدىيالماي قالدىڭغۇ تازا؛بىلمەيدۇ دېمە ، ئېرىڭنى نەۋرە سىڭلىڭ بىلەن تۇتۇۋالغىنىڭنىمۇ بىلىمەن، لېكىن سەن بىچارە ئېرىڭنىڭ مەندىن باشقا ئۇدۇل قوشناڭ بىلەن ، يان بىنادىكى مارى قارا بىلەن چاتىقىڭنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسەن-دە، بىچارە.»
«ئاغزىڭغا كەلگەننى دەۋەرمە قانجۇق . »
«توۋا سەن نېمە دېگەن بىچارە ، ئىرىڭنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرگىنىڭنى قارا. بىلىمەن ، قەستەن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋېلىۋاتىسەن لېكىن يۈرىكى لەختە-لەختە بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن شۇتاپتا؟ » - يېشىل تومۇچۇق شۇنداق دەپلا پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. باشقا تومۇچۇقچلار بەس-بەس بىلەن سەكرىشىپ ئالدىڭغا كېلىشكە باشلىدى . بۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئاق تومۇچۇق ساڭا قاراپ ۋىلىقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ كۈلكىسى تولىمۇ مەسخىرىلىك ئىدى، كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بارلىق تومۇچۇقچلار سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ، كۆزلىرىڭگە غەزەپ بىلەن تىكىلىشتتى، سېنى چوقۇلاپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئەلپازى بەكمۇ يامان ئىدى. ئېرىڭ بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەن چىرايلىق ، بىر-بىرىدىن ھىلى-مىكىرلىك نۇرغۇنلىغان بۇزۇققىز-ئاياللار يۈرىكىڭگە ئوت يېقىۋەتتى .
« ئادەم ھەر ۋاقىت ئادىمىيىلىكىنى يوقاتماي، ئادەمدەك ياشىمىسا ئۇنىڭ ھەيۋاندىن نېمە پەرقى؟ » - سەن تومۇچۇقچلارغا قاراپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدىڭ ، قورقۇپ كەتكەن تومۇچۇقچلار گۈررىدە ئۇچۇپ كەتتى-دە، شۇئان كۆز ئالدىڭدىن غايىپ بولدى.
شۇ كۈندىن بۇيان ئازابلىق ، بوران-چاپقۇنلۇق تۇرمۇشىڭ باشلاندى. ساڭا ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيتى، كۈنلىرىڭ دەككە-دۈككىچىلىك ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. خاتىرجەملىكىڭ بۇزۇلدى، ئىرىڭنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتىدىن ، سىرتتىدىكى ۋاقتى كۆپەيدى. ھەر قېتىم ئىرىڭ ئۆيگە كىرگەندە ساڭا قاراپ ؛ « نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىمەن ، سېنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقىڭ يوق ؛ سەن ئىشلىرىمغا ئارلاشماي ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر،بولمىسا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ‹ۋايجېنىم ! › دەپ ئەتراپىمدىن ئەگىپ كېتەلمەيدىغانلار بىلەن توشقۇزۇۋىتىمەن › دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بەكمۇ ئازابلىناتتىڭ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چېچىلىۋاتقان سوغۇق نۇر يۈرەك-باغرىڭنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتىۋاتاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە زۇلۇم تارتىۋاتىمەن دېسەڭ تېخى ، راھەت كۆرىۋاتىمەن دەي دېسەڭ تېخى ! كۈندىن-كۈنگە ئېغىر كېسەل تارتقان ئادەمدەك سارغايدىڭ ، يىگىنىڭ زەھەر ، كەيگىنىڭ كېپەن بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى. سەن مۇھەببەتلا تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئېرىڭنى باشقىلار ئىگىلىۋالدى ، سەندەك بىر ساداقەتمەن ، ئەقىدىسى پاكىز ئايالنىڭ كۆڭلىنىئۆمۈرلۈك داغدا قويدى. سەن ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىردىن-بىر زىيان تارتقۇچى ، باللىرىڭ بىردىن-بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالدىڭلار.بۇ ئازابلىق ، رەھىمسىز ، چىداش مۇمكىن بولمايدىغان رېئاللىق سېنى ھەر بىر نەپەس تەتۈر قىينايتى . سەن تولىمۇ مۈشكۈلچىلىكتە قېلىۋاتاتتىڭ ، قۇتۇلۇشقا ئامال ئىزدەيتىڭ لېكىن ئامال تاپالماۋاتاتتىڭ. ساڭا ئىرىشكۈچە « تورغىيىڭ بولاي ، پاختىكىڭ بولاي »دېگەن ، سېنى داۋاملىق سېغىنىدىغانلىغىنى سۆزلەپ ھارمايدىغان ئېرىڭ كۆڭلۈڭگە ئۆمۈرلۈك ئازار بەرگەنتى، رۇمانتىك ئۆتكەن چاغلىرىڭ كەلمەسكە كەتكەنتى . سەن ئاخىرى ئېرىڭنىڭ سېنى ئىزچىل يالغان سۆزلەپ ئالداپ كەلگنلىكىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلاندىڭ ، ھەسرەتلەندىڭ ، قايغۇردىڭ ، ياش تۆكتىڭ.
نەۋرە سىڭلىڭنىڭ : « ئاچا ، سىڭگەن نېنىڭنى يەپ ، شۈكرى قىلىپ يۈرىۋەر ، سېنىڭ ئىرىڭنىڭ ، مېنىڭ ئاشنامنىڭتومۇچۇقلىرى بەك تولا ، ئاق تومۇچۇق ، قارا تومۇچۇق ، سېرىق تومۇچۇڭ ، قىزىل تومۇچۇق... قاندىغىنىڭ دېسەڭ بار !...» دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىڭدا توختىماي جاراڭلاپ يۈرىكىڭگە يىڭنىدەك سانجىلاتتى. « كۆزۈمدىن يوقال شالتاق » سەن ۋاقىراپ –جاقىراپ كەتتىڭ . نەۋرەسىڭلىڭنىڭ تازا ئاچچىقىڭنى كەلتۈرىۋالغىنىڭدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپبەكمۇ خۇش بولۇپ كەتكەنتى . بۇ ئىش ساڭا مەكمۇ ھار كەلگەنتى.
تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تىلفۇن ئاۋازىدىن چۇچۇپ كەتتىڭ، تىلىفۇننىڭ ئاۋازى نېمىشقىكىن بۆلەكچىلا ئەنسىز ئاڭلىنىپ ، يۈرىكىڭ ئەندىشىلىك سوقۇپ كەتتى. سەن قورقۇنچ ئىچىدە تىلفۇننى ئالدىڭ ، قۇلۇقىڭغا ئاپپاردىڭ، لاغىلداپ تىترەيتىڭ .
-ۋەي...
- ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم ئاسسالام ! بۇ دولقۇننىڭ ئۆيىمۇ ؟
-ھەئە .
-مەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ،سىز دولقۇننىڭ نېمىسى بولىسىز؟
- خوتۇنى .
- تىزراق كەلگەن بولسىڭىز ، دولقۇن قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپتۇ.- يۈرىكىڭ كۆكرەك قەپىزىڭگە پاتماي قالدى. كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇلاشتى، نېمە قىلارىڭنى بىلمەي بىر ھازاغىچە داڭ قېتىپ تۇرغاندىن كېيىن ، ئىككى ياشلىق ئوغلۇڭنى كۆتۈرگۈنىڭچە سىرتاقا قاراپ يۈگۈردىڭ. تىز قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە كىردىڭ ، باش-كۆزى تېڭىلغان داكا قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتكەن بىرى ئاچچىق ئىڭراپ ياتاتتى، داكىلارنىڭ ئارىسىدىن توختىماي قان ئېقىپ تۇراتتى، دوختۇر ، سېستىرالارئېقىپ چىقىۋاتقان قان ئاپپاق پاختا بىلەن توختىماي ئېرتاتتى... يۈرىكىڭ تونىدى ، ئۇ دولقۇن ئىدى، ئۇنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىڭ.
- ئاي...نۇر ...ئاي...نۇر...- دولقۇن سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ ئازابلىق ئىڭرايتى.
-مانا مەن – سەن شۇنداق دېگىنىڭچە ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇڭ.
- كەل ...دىڭ... ىزمۇ؟...-دولقۇن ئورنىدىن تۇرماقچى بولغاندەك ، ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىڭ ، ئىشەنچىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك بار كۈچى بىلەن مىدىرلاشقا باشلىدى.
-كەلدىم...مىدىرلىماڭ ...- كۆز ياشلىرىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تكۈلىشكە باشلىدى. نۇرغۇنلىغان تومۇچۇقلار ئەتراپىدا پىقىرىتىپ يۈرگەن ئېرىڭنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچىڭ سىرىلىپ كەتتى.- دوختۇر ئېرىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭ- سەن ئېرىڭنىڭ بۇرنىدىن چىقىۋاتقان قاننى توختىىش كويىدا بولىۋاتقان دوختۇرغا يېلىنىش بىلەن قارىدىڭ.
- تىرىشىمىز ، ئەمما...
- نېمە ، نېمە دېمەكچى سىز دوختۇر ؟
- سىڭلىم ئۆزۈڭىزنى بېسىۋېلىڭ ، ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر دەرجىدە زەخمىلىنىپتۇ ...
- دېمەكچى بولغىنىڭىز...
- ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ، باركۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز....
- ئاي... نۇر ... مېنى ... كە...چۈر...- ئېرىڭ سەندەك ساداقەتمەن،ۋاپادارئەپۇ سوردى. شۇتاپ قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىقىڭنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئالقانلىرىنى ئالقانلىرىڭ ئارىسىغا ئالدىڭ ، لېكىنقوللىرىڭ تىترەيتى. ئېرىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى ، لېكىن ئۇ كېچىككەنتى ، كېچىككەنتى...
- بىزگە سىز بولسىڭىزلا بولدى ، ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات !-سەن شۇنداق دېگىنىڭچە ئېرىڭنىڭ مەيدىسىگە بېشىڭنى قويدۇڭ. سەمىمىيەت كۈندىن –كۈنگە كەمچىل بولىۋاتقان بۇ كۈن ، بۇ ئايلاردا ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەر-ئازاب ، نادامەت-ھەسرەتتە قالغان ئاياللارنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى سەن ئويلىمايتىڭ ، ئەتراپىڭدىكى كۈلۈپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بەختلىك ، خوشال دەپ قارايتىڭ . چۈنكى سەن تولىمۇ سادا ، ئاق كۆڭۈل ، ساداقەمەن ، مېھرىبان ساددا ئىدىڭ.
- رەخ ...مەت ...سا...ڭا ...ئىسىت ... بال... لىر...ىم ...- بىردىنلا ئېرىڭنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرغان قولى سىرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئېرىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ئاجايىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئامال بولمىدى.
– بالىلارغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ دولقۇن!!... –سەن شۇنداق دەپ ۋاقىرىغىنىڭچەھۇشۇڭدىن كەتتىڭ. ئىككى سېستىرا سېنى ياندىكى كارۋاتقا ئاغرىپ ئاۋايلاپ ياقتۇزۇپ قويدى.
-ماشىنىدا قانچە ئادەم باركەن ؟
- تۆت كىشلىك ماشىنىغا ئۈچ ئەر ، ئۈچ ئايال جەمئى ئالتە ئادەم چىقىپتىكەن .
-باشقىلار نەدە؟
- جەسەت ساقلاش ئۆيىدە.
- نېمە؟
- مۇشۇنىڭ بىلەن ھەممىسى قازا قىلدى.
- ماشىنىڭ ئىچىدە نېمىلەر باركەن ؟
- قۇرۇقدالغان تۆت دانە ھاراق بوتۇلكا ، بىر دانە نىشە چىكىدىغان قاپاق .
كىملەرنىڭدۇر پاراڭلىرى قۇلاقلىرىڭغا يەرنىڭ تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئورنىڭدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولاتتىڭيۇ تۇرالمايتىڭ. يەر بىلەن ئاسمان توختىماي پىقىرايتى، پۇتۇڭ ئاسماندا ، بېشىڭ يەردە تورغاندەك بىلىنىپ قاتتىڭ قىينىلىپ كېتىۋاتاتتىڭ .سەن ئەلەم - نادامەت ، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئويلايتىڭ: « ئىرىمنىڭ تومۇچۇقلىرى ئۈركۈپ قاياقلارغىدۇر يوقالدى. بەلكىم ئۇ تومۇچۇقلار يىراق ، يىراق جايلاردا دانلاۋاتقاندۇ.ياكى لاچىنلارغا يەم بولغاندۇ ۋەياكى بولمىسا قەپەزلەرگە سولىنىپ ئەلەملىك سايرايۋاتقاندۇ ، ئۇۋا ياساپ تۇخۇم باسقاندۇ ، دانلارنى تىرىپ كېلىپ باللىرىنى بېقىۋاتقاندۇ... » نېمىلا بولمىسۇن ئېرىڭنىڭ تومۇچۇقلىرى تىزىپ كەتكەنتى، ئەمدى سېنىڭ رىزقىڭغا چاڭ سالالمايتى . سېنىڭ رىزقىڭغا چاڭ سالمىغان بىلەن باشقىلارنىڭ ھالال رىزقىغا كۆز قىزارتىپ چاڭ سالساچۇ؟ ...
تۇرمۇشتا بوران چاپقۇنلارغا يولۇقسام يۆلەك بولىدۇ ، بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ قالسا تېرەك بولىدۇ دەپ ئەقىدە قىلغان ئىشەنگەن ئېرىڭ قەلبىڭدە ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى ، ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ قايىتىپ كەلمەيدۇ . سېنىڭ تۇرمۇشتىكى ، ھاياتىڭدىكى كەملىرىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇيدىكى ، ھەرگىزمۇ تولۇقلانمايدۇ.
يېرىم كېچە. بەكمۇ يالغۇزسىراپ كەتكەنتىڭ. ھەممىلا دەردنى يۈدۈپ كەلگەن يۈرىكىڭ نېمىشقىكىن ئەنسىز سوقۇپ كەتتى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭ.بىر-بىرىدىن توقۇناق خىياللار بىلەن ئەتىنىڭ سەھىرىنى كۈتۈپ ، ئۆينىڭ ئىچىدە توختىماي ئۇياندىن-بۇيانغا ، بۇياندىن-ئۇيانغا مېڭىشقا باشلىدىڭ. تۇرمۇشتا نېمىنىڭ ھەممىدىن زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنتىڭ ، پات-پات دەرىزىدىن سىرتقا ، يىراق ئۇپۇققا قارايتىڭ...!
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى، ئىشەنگەن باغدا ھۇۋقۇش ھوۋلىدى، سەن ئىشەنگەن تاغدا تۈلكىلەر قۇترىدى، ئىشەنگەن تېغىڭ غۇلاپ كەتتى...
مەنبە:http://www.nur.cn/news/2014/10/188080.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-3 12:30
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشى يىزلغان ئەملىى تۇرمۇشتىن ئىلىنغان ھىكايكەن، رەھىمەت.
بولسا ئىملا خاتالىقىغا يول قويمايلى رەھمەت. مەنمۇ ئۇلىنىش تورىدا كۆرۈپ ياقتۇردۇم شۇڭا كۆچۈرۈپلا ئەكەلگەن. ھازىرقى جەمىيىتىمىزنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بېرىپتۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەرئىكەن. :victory: ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە ئىبرەتلىك ئەسەركەن
بەت:
[1]