ablikim520baby يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 22:31:25

كومپىيېتىر قاتتىق دىسكىسىنى كۆچمە دىسكا قىلىپ ئىشلىتىشتىن ياردەم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!!!

بۈگۈن سىلەردىن كىچىككىنە ياردەم سۇراپ كەلدىم.

مىنىڭ بىردانە dell ماركىلىق ئائىلە كومپىيېتىرىم بارئىدى .    ئالغىلى 3-4 يىلدەك بوپقالدى .

ئۇ كومپىيېتىر 1يىلدەك بولدى بۇزۇلۇپ قالدى . كىيىن سونىي ماركىلىق خاتىرە كومپىيېتىردىن بىرنى ئالغان ،ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن .
مەن ئادەتتە كومپىيېتىرغا كۆپ قېتىم سىستىما قاچلاپ كۆنۈپ قالغاچقا ،پات پات سىستىما قاچلاپ باققۇم كېلىپلا تۇرىدۇ…… بەزى ۋاقىتلاردا كومپىيېتىرنىڭ c دىسكا رايۇنىدىن باشقا رايۇۇنلىرىمۇ (d,e,f)رايۇنلىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم، ئىھتىياتشىزلىقتىن فورماتلىنىپ كەتتى.يىققان ماتىريال ،كىنو،دىتاللار يوق بولدى،……


كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ھە!!!
مەخسەتكە كەلسەك مەندىكە بۇزۇلۇپ قالغان دېل كومپىيېتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسى 80Gئىدى ،
ئاشۇ قاتتىق دىسكىنى كۆچمە دىسكا قىلىپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟ قاتتىق دىسكىنى كۆچمە دىسكا قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ،قانداق سايمانلارنى (قاپ،سىم دېگەندەك) تەييارلاش كىرەك؟مۇشۇھەقتە تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مۇمكىن بولسا خوتەننىڭ قاراقاش تەۋەسىدىكى كومپىيېتىر رىمونىت قىلىدىغان ئۇستاملار بولسا ئالاقىلىش ئۇسۇلىڭلارنى قالدۇرساڭلار ،قېشىڭلارغا ئاپارسام ،كومپىيېتىر نورمال تۇنۇيدىغان قىلىپ تەييارلاپ بەرسەڭلار…… ئەلۋەتتە ھەقلىق.

ablikim520baby يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 07:58:35

ھەراسئىچىدەمۇھىم ماتىرياللاربار   ئىدى

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:08:54

بۇبەك ئاسانغۇ،سىز پەقەت40يۇەنگە بىردانە ئۇنۋىرسال ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆچمە دىسكىنىڭ قېپىنى ئالسىڭىزلا بولىدۇ.

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:10:30

ھە راست،خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ دېكىسىمۇيا،شۇنداق بولسا مەن دىگەندەك قىلسىڭىز بولىدۇ.

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:41:18

قاپ سىتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ چۇڭ دىسكىغىمۇ بۇلىدۇ

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 10:19:04

ئەڭ ياخشى ئامال قاتتىق دىسكىنى ئىلىۋىلىپ نەخ نەيداندا سىناپ كۆرسىتىپ قويمىسا سىز بىلىپ بوللالماي كىيىن ئاۋارە بولدىغان ئىش چىقدۇ.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 10:20:56

ياخشىراقلىرنى ئالسىڭىز 80 يۇئەن ئەتراپدا قاتتىق دىسكا ئىچىگە چۇشدۇ بەك قولاي مەنمۇ ئالماتۇرۋاتقان 500جىلىق قاتتىق دىسكىنى كۆچمە دىسكا قىلۋالدىم بەك ياخشى بولدىكەن.

كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:18:28

قاتتىق دىسكىنىغۇ كۆچمە دىسكا قىپسىلە ،ئەمدىكى كۆچمە دىسكىنى ياكى بارماق دىسكىنى قاتتىق دىسكا قىلالامسىلەر؟

كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:26:09

كونا قاتتىق دىسكا ساتا نەچچە ؟ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەڭ

كاشكارى يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:46:25

   پۇل تىجەيدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى دەپبىرەي.
   قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ ساتا نەچچە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋىلىڭ ئاندىن مۇناسىپ ئۇچۇر سىمى سىتىۋىلىڭ(10يۈئەندىن 20يۈئەنگىچە).ئاندىن ئۆزىڭىز مۇقۇم قىلىڭ قاتتىق دىسكا قىپىنىدىن بىرنى ياسىۋىلىڭ.
    قاپ ياساشنىڭ تەلەپلىرى تۆۋەندىكىدەك:
   1.سىلكىنىپ قاتتىق دىسكا يىڭنىسىنىڭ چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قاپنىڭ تىشىنى ئامال بار مىتالدىن ئىچىنى كۆپتۆرمە سۇلياۋ بىلەن قاپلاڭ(ئۇنداق بولغاندا يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ قاتتىق دىسكا ئاسانلىقچە كاردىن چىقمايدۇ).
   2.ئۇچۇر سىمىنىڭ ئىككى ئىغىزلىقىنى ئىلىڭ(بىر ئىغىزى كومپىيوتىرغا يەنە بىر ئىغىزى توك مەنبەسىگە چىتىلىش ئۈچۈن).
   3.ئۇچۇر سىمىنىڭ تارتىلىپ ئۈزۈلۈپ كىتىشنىڭ ياكى ئىچ ئىغىزىدىن چىقىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچىدىن مۇقۇملاپ قويۇڭ(ئۇچۇر سىمنى ئىچ تەرەپتىن تۈگۈنەك قىلىپ چىلىپ چىگىشياكى ئىچ قاپقا مەھكەم قىلىپ چاپلاش دىگەندەك).ئۇرۇر سىمى چىقىدىغان ئىغىزنى كىچىك تۆشۈك قىلىپ كىسىڭ(ئالدىراپ چىقىپ كەتمەيدۇ).
   مەن يۇقىردا دىگەندەك ئىشلارنى قىلسىڭىز بازاردا توپ 120 كوي سىتىۋاتقان قاتتىق جازا ئىغىزىغا ئەرزان پۇل بىلەنلا ئىرىشكەن بولىسىز{:1_1:}
   ئەسكەرتىش:بۇلۇت ئەمەس كۆپتۈرمە سۇلياۋيەنى تىلۋىزۇر دىگەندەك ئائىلە ئۈسكىنلىرنى سىتىۋالغاندا چىقىدىغان بالىلار ئىتىپ ئوينايدىغان قوغدۇنۇش قەۋىتى.قاپنى ئوبدان تاللاڭ قاتتىق دىسكىنى قورساق قىسمى چوقۇش شامال ئۆتۈشۈپ تۇردىغان بولۇشى كىرەك،بولمىسا كونا قاتتىق دىسكىلار ئىتتىك كاردىن چىقىدۇ.
   چوقۇم قول سىلىپ قىلىپ بىقىڭلار دوسلا رازى بولىسىلەر ھەم بىر كىشلىك بىلىمگە ئىگە بولىسىلەر{:1_1:}
بەت: [1] 2 3
: كومپىيېتىر قاتتىق دىسكىسىنى كۆچمە دىسكا قىلىپ ئىشلىتىشتىن ياردەم