Windows 10 نىڭ تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئېلان قىلدى
يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نىڭتېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئېلان قىلدىئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.
Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.
Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى
تەپسىلاتىنىhttp://www.alimahat.com/?p=3983دىن كۆرۈڭ... تېخنىكىلىق نەشرىنىئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟{:6_275:}چۈشۈرۈش ئادىرسى قېنى؟ ۋىندوۋىس9 نى تىخى بىرەسىمىز ئىشلەتمەي تۇرۇپلا 10 چىقىپ بوپتىغۇ روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-10-2 01:46
تېخنىكىلىق نەشرىنىئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟چۈشۈرۈ ...
تەپسىلاتىنى ....دىگەنيەرنىباسسىڭىزچۈشۈرۈشئادرېسىچىقىدىكەن چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://news.mydrivers.com/1/323/323245.htm سىناپ باقايلى،چوقۇم ئورتاقلىشىدىغان مەسىللەرگە يولۇقىمىز. يەنە بىر ئادرسى:http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso بۇ سىستېمىدا كۆزنەك 7 ۋە كۆزنەك 8 نىڭ ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن، باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋە يوقۇرقىدەك چۈشەندۈرۈشلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولسا، مېنىڭچە بولغاندا ئابونتلارنى زور كۆلەمدە ئۆزىگە قارىتالىشىدا ۋە قارشى ئېلىنىشىدا گەپ يوق دەپ قارايمەن. نېمىلا بولمىسۇن بىز يەنىلا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، «چۈجىنى كۈزدە ساناش» نى ئەستىن چىقارمىغىنىمىز تۈزۈك. zulpikar0998 يوللىغان ۋاقتى2014-10-2 10:42
يەنە بىر ئادرسى:http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso
چۈشۈرسەم بىرمىگا مۇكەلمەيدىغان بىر isoھۆججەت چۇشتى،،،مېنڭچە مەن يەنىلا ghost نۇسخىسى چىققاندا ئىشلىتەي روھلانداشلار بۇ تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرنى قانچىلىك ۋاقىتقىچە ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولدىغاندۇ؟؟؟؟
بەت:
[1]
2