ئايروپىلان بۇلايمەن دەپ دەۋراڭ سالغانلار زوراۋانلىق ،تېررولۇق د...
http://bagdax.cn/uploadfile/2014/0929/20140929120248459.jpg«ئايروپىلان بۇلايمەن »دەپ دەۋراڭ سالغانلار زوراۋانلىق ،تېررولۇق دېلوسى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىدۇ
ج خ مېنىستىرلىقى 21-سىنتەبىر زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ،دىنىي ئەسەبىي جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ،ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،ج خ مېنىستىرلىقى بىرلىشىپ تۈزۈپ يولغا قويغان «زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ،ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك جىنايى دىلولىرىنى بىجىرىشتە تەدبىقلىنىدىغان قانۇنغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر »نى ئېلان قىلدى .«پىكىر »دە مۇنداق بەلگىلەندى :«پارتلىتىش تەھدىتى ،بىئو خىمىيە تەھدىتى رادىئو ئاكتىۋ بۇيۇملار تەھدىتى ،ئاۋىياتسىيە ئەسلىھەلىرىنىمۇ بۇلاش تەھدىتى ،ئېغىر ئاپەت ئەھۋالى ،ئېغىر يۇقۇم قاتارلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلار زوراۋانلىق ،تېررورلۇق دېلوسى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىدۇ ».
باشقىلارنى «كاپىر» دەپ تىللىغانلار ئۆكتەملىك بىلەن چاتاق چىقىرىش جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىدۇ
«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى :«دېلو خاراكتىرىنى توغرا بىكىتىش كېرەك ،تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تەشەببۇس قىلىش ،قۇرۇش ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە مەشىق بازىسىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئائىت بەدەن ئىقتىدارى ،تېخنىكا ماھارىتى بويىچە مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ،ئادەم ئۆلتۈرۈش ،يارىلىنىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلغان ياكى قەستەن پەيدا قىلغان ،ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن ،رەھبەرلىك قىلغان ،قاتناشقانلىق جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ؛توردا دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنى تەرغىپ قىلغان ،تارقاتقان تەشۋىق قىلىپ دۆلەتنى پارچىلار ،دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراقۇلۇق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ؛مىللىي ئۆچمەنلىك ،مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ،قىلمىشى ئېغىرلار مىللىي ئۆچمەنلىك ،مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ؛تېررولۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ ،شۇ تەشكىلاتنى راسخوت ۋە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگەنلەر تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىش جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ؛‹كاپىر ›،‹دىنىي ئاسىي›قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ،باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ قوغلاپ ،توسۇپ ،ھاقارەتلەپ ،ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولسا ،ئۆكتەملىك بىلەن چاتاق تېرىش جىنايىتى سادىر قىلدى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ».
تور بېكىتىمۇ «پارچىلاش جىنايىتى»نىڭ ئورتاق جىنايەتچىسى ،دەپ قارىلىدۇ.
«پىكىر »دە يەنە مۇنداق بەلگىلەندى :«تور بېكىتى،تور بېتى ،مۇنبەر ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ،بىلوگ، مىكرو بىلوگ،ئالاقىلىشىش قورالى ،توپ ،چايخانا ،تور قاتتىق دېتالى ،تور تېلىفونى ،يانفۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالى ھەمدە باشقا تور قوللانما مۇلازىمەتلىرىنى قۇرغانلار ،ئاچقانلار ،تىجارەت قىلىدىغانلار ،باشقۇرىدىغانلار ،باشقىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش ،دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتقانلارنى ياكى مىللى ئۆچمەنلىك ،مىللى كەمسىتىش مەزمۇنلىرىنى تارقاتقانلىقىنى ،تەرغىب قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،شۇ خىل مەزمۇنلارنى تور بېكەتلىرىدە ،مۇنبەرلەردە ،ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىدا ،بىلوگ، مىكرو بىلوگ ،ئالاقىلىشىش قورالى ،توپ ،چايخانا ،تور قاتتىق دېتالى ،تور تېلفۇنىدا ،يانفۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىدا ھەمدە باشقا تور قوللانمىلىرى مۇلازىمەتلىرىدە تارقىتىشقا يول قويسا ياكى ئىختىيارىغا قويسا ،دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتىنىڭ ئورتاق جىنايەتچىسى ،دەپ بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ ».
يەتتە قىلمىش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللەش ،رەھبەرلىك قىلىش ،قاتنىشىش جىنايىتى،دەپ بېكىتىلىدۇ
1. تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىنى تەشەببۇس قىلىش،قۇرۇش ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنىشنى مەقسەت قىلغان مەشىق لاگىرىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بويىچە بەدەن ئىقتىدارى ،تېخنىكا ماھارىتى مەشىقى قىلغانلار .
2.تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرغانلار ،تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى يىتىشتۈرگەنلەر ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلەر ،پىلانلىغانلار ،يولغا قويغانلار ،دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنى تەرغىپ قىلغانلار ،تارقاتقانلار ،تەشۋىق قىلغانلار .
3.تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ ،تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى كونتىرول قىلغانلار ،تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنىشىغا قوماندانلىق قىلغانلار .
4. ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ياكى ئالاھىدە بەلگىلەنمىگەن نىشانلارنى پارتىلاتقانلار ،ئوت قويغانلار ،ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ،،يارىلاندۇرغانلار ،تۇتقۇن قىلغانلار ،بۇلاڭچىلىق قىلغانلار ،تەھدىت سالغانلار ،خەتەرلىك بۇيۇملارنى سالغانلار ھەمدە باشقا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار .
5. قورال-ياراغ ،ئوق-دورا پارتىلتىش بۇيۇملىرىنى ياسىغانلار ،ساتقانلار ،سېتىۋالغانلار ،توشۇغانلار ،ساقلىغانلار .
6.زوراۋانلىق تېررورلۇق ئىدىيەسى مەزمۇن قىلىنغان بەلگە ،تۇتىم ،بايراق ئىزناك ،كېيىم -كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ،سايمانلىرىنى ،خاتىرە بۇيۇملىرىنى لاھىيەلىگەنلەر ،ياسىغانلار تارقاتقانلار ،پوچتىدىن ئەۋەتكەنلەر ،ساتقانلار كۆرگەزمە قىلغانلار .
7. ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ،دېلو سادىر قىلىش ئۈسكۈنلىرىنى تەييارلاش قاتارلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار .
ئالتە خىل قىلمىش دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ،دەپ بېكىتىلىدۇ
1.دىنىي ئەسەبىيلىكنى ،زوراۋانلىق،تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش ،تارقىتىش ،تەشۋىق قىلىشنى تەشكىللىگەنلەر ،باشقىلارنى توپلىغانلار .
2. دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق تېررورلۇق ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان كىتاب ،ژورنال ،ئۈن -سىن بۇيۇملىرىنى ،ئېلىكتىرونلۇق نەشىر بۇيۇملىرىنى نەشىر قىلغانلار ،باسقانلار ،كۆپەيىتكەنلەر ،تارقاتقانلار ياكى دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى ،سۈرەت ،شۇئار ،گېزىتلەرنى ياسىغانلار ،باسقانلار ،كۆپەيىتكەنلەر .
3. تور بېكىتى ،تور بېتى ،مۇنبەر ،ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ،بىلوگ ،مىكرو بىلوگ ،ئالاقىلىشىش قورالى ،توپ،چايخانا ،تور قاتتىق دېتالى ،تور تېلىفونى ،يانفۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالى ھەمدە باشقا تور قوللانما مۇلازىمەتلىرىنى قۇرغانلار ،ئاچقانلار ،تىجارەت قىلىدىغانلار ،باشقۇرىدىغانلار ياكى يانفۇن ،كۆچمە ساقلىغۇچ ۋاستىسى ،ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق تېررورلۇق ئىدىيەسى مەزمۇن قىلىنغان كىتاب ،ماقالە ،سۈرەت ئاۋاز چاستوتىسى ،سىنلىق كۆرۈنۈش ،ئۈن -سىن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلىرىگە چىقىپ ،دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلارنى چاپلاش ،كۆپەيتىش ،تارقىتىش ،قويۇش ،كۆرسىتىش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغانلار ،تارقاتقانلار تەشۋىق قىلغانلار .
4. دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررورلۇق ئىدىيەسى مەزمۇن قىلىنغان كىتاب ،ماقالە ،سۈرەت ،ئۈن -سىن قاتارلىقلارنى ياسىغان ،تەرجىمە قىلغان ،تۈزگەن تەھرىرلىگەن ،توپلىغان ياكى چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ،ئاپپارات ،شەخىس ،تور بەتلىرىدىن مەخسۇس بۇ توغرىسىدا مەزمۇنغا ئېرىشىپ ،باشقىلارنىڭ ئوقۇشى ،كۆرۈشى ئاڭلىشى ئۈچۈن نەشىر قىلغان ،بېسىپ چىقارغان ،كۆپەيىتكەن ،تارقاتقان ،تەشۋىق قىلغانلار .
5. دىنىي ئەسەبىيلىك ،تېررولۇق ئىدىيەلىرى مەزمۇن قىلىنغان شەرتلىك بەلگە ،تۇتىم ،بايراق ،ئىزناك ،،كېيىم -كېچەك ۋە زىبۇ -زىننەت ،سايمان، خاتىرە بۇيۇملىرىنى لاھىيەلىگەنلەر ،ياسىغانلار تارقاتقانلار ،پوچتىدىن ئەۋەتكەنلەر ،ساتقانلار ،كۆرسەتكەنلەر .
6. باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ،زوراۋانلىق ،تېررولۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغانلار .
مەنبە http://xj.bagdax.cn/2014/0929/4713.html
ھەممىگە ئورتاقمىدۇ يا، ئىشقىلىپ دىققەت قىلىش كىرەك ،،كىچكنە سەۋەنلىك ئۆتكۇزۇشكىمۇ بولمايدۇ. زادى زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاشقۇنلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش كېرەك
بەت:
[1]