ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:41:10

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ بەش چوڭ زىيىنى

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ بەش چوڭ زىيىنى
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/38393fba/
كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر تۈرلۈك گازلىق ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى كاربونات كىسلاتالىق سۇ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق كىسلاتالىق ماددىلار ھەم ئاق شېكەر، پۇراقلىق ماددا، ھەتتا كوفېئىن، پىگمېنت ماددىسى بار. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە نۇرغۇن كىشى كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر گەرچە تەمى ياخشى، ئىچىشلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ خېلى بار. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ بەش چوڭ زىيىنى:

1.ئىچكەنسېرى ئۇسسۇزلۇق قانمايدۇ

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق ماددا يوق دېيەرلىك بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن: پىگمېنت، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ، كىسلاتالىقىنى تەڭشىگۈچ قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئۇلار بەدەندە ماددا ئالماشتۇرغاندا، كۆپ مىقداردا سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كولادىكى كوفېئىننىڭ كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، بەدەندىكى سۇنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئۇسسىغاندا كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچسە، ئىچكەنسېرى ئۇسسايدۇ.

2.چىشنى زەخىملەندۈرىدۇ

قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە قەنت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپ مىقداردا كاربونات كىسلاتا بار. بۇ كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن قەنتلەر چىشنىڭ ئېمال ماددىسىنى يۇمشىتىپ، چىشنى ئاسان قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەبتىن، چىشنىڭ ئېمال ماددىسى يۇمشاپ، چىشنى قۇرت يېسە، چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، چىشنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈدۇ

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، كاربونⅣ ئوكسىدى گەرچە ئىچىملىكتىكى باكتېرىيەلەرنى تىزگىنلەش بىلەن، يەنە ئاشقازان – ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تىزگىنلىيەلىسىمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە، ھەزىم سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بولۇپمۇ ياشلار كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى بەك كۆپ ئىچسە، قورسىقى كۆپۈپ، ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئوزۇقلۇق ناچارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

4. سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاساسىي جەھەتتىن فوسفات كىسلاتاسى بار، فوسفات كىسلاتاسى بەدەندىكى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىنسا، بەدەندىكى كالتسىي – فوسفور نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ياش – ئۆسمۈرلەر فوسفات كىسلاتاسىنى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى دائىم، كۆپ مىقداردا ئىچىدىغان بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ سۇنۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى بالىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدىكەن.

5.ئاسانلا بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ

كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە كوفېئىن بولىدۇ، ئادەم بەدىنى كوفېئىننى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، سۈيدۈكتىكى كالتسىي ئىئونىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ماگنىي بىلەن لىمون كىسلاتا تۇزى ئەمەلىيەتتە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، بىراق كوفېئىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى خىل ماددىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاش پەيدا بولۇش كېسىلىنىڭ خەۋپى زور دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ.

ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى 

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:16:24

شۇنداق مەنمۇ بۇ يىل ئامال بال بۇ خىلىدىكى سۇلاردىن يىراق تۇردۇم بۇ خىلىدىكى سۇلار ھەقىقەتەن زىيانلىق.

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:25:36

بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىكەن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 01:05:16

ئابىدە سودا سۈيىمۇ گازلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىكىمۇ شۇ ھەقىچان...

dilmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 23:03:09

ھەقىقەتەنمۇھىمئشكەنئۆزىمىزنڭ سالامەتلىكىنى ئاسىرماي بولمايدۇ دە   رەھمەت سىزگەجاپاچەكتىڭز
بەت: [1]
: كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ بەش چوڭ زىيىنى