شورلۇق يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 11:28:41

دۆلەت بايرىمى زادى كىمنىڭ بايرىمى؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-1 15:13

    دۆلەت بايرىمى زادى كىمنىڭ بايرىمى؟بۈگۈن مەملىكەت بويچە مەملىكىتىمىزنىڭ قۇتلۇق 65 يىللىق قۇتلۇقكۈننى مەملىكىتىمىزدىكى 1مىليارد 360 مىليۇن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلقى چەكسىز خۇشاللىق بىلەن تەبرىكلەشمەكتە,مەملىكىتىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە بايرام تەنتەنىسى كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە!!!
    ئەپسۇس بۇخۇشاللىقتىن مەن ۋە مىنىڭ كەسىپداشلىرىم،ئۇقۇغۇچىللىرىم مەملىكىتىمىزنىڭ قۇتلۇق 65 يىللىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەشتىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزدىن تولىمۇ كۆڭلىمىز يېرىم ئىشلىمەكتىمىز.
    سەۋەپ،" قۇربان ھېيىت،دۆلەت بايرىمى بىرگە كەلدى،سىلەر داۋاملىق ئىشلەپ ھېيتىڭلاردا ئارام ئېلىڭلار! قوش ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ!!!........."
    كاللامدىن ئۆتمىگىنى «بۇلارنىڭ قارىشىدا بىزمۇ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇخراسىمۇ يا،ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
بۇ قۇتلۇق كۈنگە جۈر بولۇش ھوقۇقىمىز بارمۇ يوق؟...بۇلارنى ئويلاپ راسلام كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.ھەم بۇنىڭ سەلبى تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.
    1- بۇ بايرام ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەيمىز،پەخىرلىك ھىسياتىمىز بىلەن ھۈرمەت بىلدۈرىمىز.ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيىسىنى بۇئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرىمىز.بۈگۈندىن مەھرۇم قالدۇرۇلسا قانداق تەسىر بىرىدۇ؟دۆلەت بايرىمى زادى كىمنىڭ بايرىمى؟ ...
   2-بۈگۈن بىركۈن بۇ كۈننى تەبرىكلىسەك ئەتىدىن باشلاپ ئىشلىسەك مائارىپىمىز قانچە ئەسىر چىكىنىپ كىتە؟
   3-خانىم-قىزلاربايرىمى،ياشلار بايرىمى،ئايتۇقاچ بايرىمى،تاۋۇز چاغىنى......قاتارلىقلاردىمۇ ئارام ئالدۇق.بۇ دۆلەت بايرىمى يۇقارقى بايرامچىلىك ئورنىدىمۇ كۆرمەمدۇق ئەمدى...
شۇڭا بىزگە ئوخشاش بىرقانچە مىللى مەكتەپلەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولغاچقا, كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭدەردىمىزگە ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:13:13

بۇ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ئىش توختاپ قالسا بولمايدىغان خەۋەرلىشىش، دوختۇرخانا، قۇرلۇش ئىشچىلىرى، توك، قاتناش،... قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان جاپاكەش خىزمەتچىلىرىمىدىن باشقىلار ئادەتتە نورمال دەم ئېلىپ دۆلىتىمىز بەلگىلىگەن بۇ بايرامدىن قانۇنلۇق ھالدا بەھرىمان بولالايدۇ.
سىز بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئېنىق تەكىتلىمەپسىز، مەسىلەن:
1. ئۇ زادى قانداق مەكتەپ؟
2. بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىگەن بولساڭلار ئوقۇتۇش ئېلىپ باردىڭلارمۇ ياكى بايرامغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟
3. (2) تۈردىكى سۆزىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:53:40

قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت- بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ئاۋام پۇقرا ۋە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەھرۇم قىلىدىغانغا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق. بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۈندە بىر پەتىۋا بىلەن يوقۇرقىدەك بۇيرۇق چۈشۈرگەن باشلىق قانداق باشلىقتۇ زادى. بۇ قانداق بولۇپ كەتكەن ئىش بولدى ئەمدى.
دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، بۇ كۈننى خوشال- خورام تەبرىكلەش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئورتاق ئارزۇسى ۋە خىيالى، چۈنكى دۆلىتىمىز تېنچ- ئامان، سىياسەت مۇقىم بولغاچقا ھەرقايسى ساھە- ھەر كەسىپ كىشىلىرى خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشلىرىنى قىلماقتا. مانا مەنمۇ بىر ئاددىي تىجارەتچى، ھىچكىم مېنى ئۇنى قىل ياكى قىلما دەپ بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدۇ، دۆلەتكە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشۈم، مىننەتدارلىقىم بولغاچقا دۆلەت بايرىقىنى تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكان ئىشىكىگە يوپۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئازراق بولسىمۇ بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئۇسۇلدا دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدىم.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:32:30

ھەققەتەن مىنىڭ ئىككى بالامۇ بۇگۇن مەكتەپكە باردى ،باللىرىم خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيتتى سائەت 12دەدەم ئىلشقا قۇيۇپ بىرىپتۇ 9 چىسلا ئەتىگەندە مەكتەپكە باردىكەن.

يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:08:31

ھازىر مائارىپىمىزدا قارا قويۇق ئىش تۇتىدىغان قارا قوساق باشلىقلار كۆپىيىپ قالدى. نادان قازى بولسا ئاقىلغا كۈن يوق.

aska0077 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 23:44:02

ھەي… بىزدەك ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا ھىچقانداق بايرام بايرام ئەمەس ،بىزگە ھەر بىر قىتىملىق بايرام ئامانلىقنى قوغدايدىغان سايرام بولىدۇ ،

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 15:51:37

دۆلەت بايرىمى سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ، يىغىپ ئېيىتقاندا ھەممىمىزنىڭ بايرىمى.

نۇرقۇت يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 18:45:50

بۇنىڭغا مەن ئانچە ھەيران قالمىدىم،چۇنكى ھازىر ئېتىزلىقتىن تىرىپ كەلگەن قانۇن-نىزاملارنى،ئوقۇتۇش قانۇنيەتلىرنى چۇشەنمەيدىغان سامان قۇساق باشلىقلار ساماندەك تۇرسا.

كىشمىش يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:09:29

    بايرامدىن ئىلگىرى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئورۇنلاتۇرۇش قىلغاندا، ئۇلارغا يۇقۇرىنىڭ قوش دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ، پىكرىڭلارنى ھەممىڭلار تەڭ دەپ باقمىدىڭلارمۇ؟. ھىچبولمىسا توپلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ باقساڭلارمۇ بولاتتىغۇ. سىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇندا بىرەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورنى يوقمۇ؟ شۇلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغاچ، يۇقۇرىقى پىكرىڭلارنى دىمىدىڭلارمۇ؟ .... بۇ يازمىنى يازغىچىلىكمۇ ئاچچىقىڭىزنىڭ خېلى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سىلەرگە تولىمۇ ھېسداشلىقىم كەلدى. بىراق، دوستلۇق يۈزىسىدىن دەپ تۇرۇپ ئېيتسام، سىلەردە بەكلا ئىچ مىجەزلىك ئېغىر ئوخشايدۇ. كونىلاردا : « بالا يىغلىمىسا، ئانا ئاغزىغا ئەمچەك سامايدۇ»،« تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار»... دەيدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلەر بارغۇ. بۇ دېگەن سوتسىيالىستىك جەمىيەتقۇ. ئۆزەڭلار تەشەببۇسكارراق بولساڭلار بۇندىن كېيىنكى ئىشىڭلارمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن. مېنى ئەپۇ قىلىۋەتەيسىلەر. بەزى گەپلىرىم سەل ئاچچىق كېتىپ قالدى.   
بەت: [1]
: دۆلەت بايرىمى زادى كىمنىڭ بايرىمى؟