باھانە تاپماڭ، چارە ئىزدەڭ
باھانەتاپماڭ، چارەئىزدەڭhttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/18537a3c/
ھەرقانداق بىر ئىشتا قىيىنچىلىققائۇچرىغاندا ياكى مەغلۇپ بولغاندا، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن ۋايساپ باھانە ئىزدەمسىز ياكى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ شۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ چارە ئىزدەمسىز؟ قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە باھانە ئىزدەش پاسسىپ پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى. ناۋادا بىرەر كىم سىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىقىڭىزغا باھانە كۆرسىتىپ ئۇلارنى قايىل قىلغان، چۈشۈنىشىنى، ئەپۇقىلىشىنىقولغاكەلتۈرگەنياكىئۆزىڭىزنىڭكۆڭلىنىئاۋۇندۇرۇپ، تەسەللىي تاپقان بولسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق باھانىۋازلىق ئىقتىدارىڭىزنى، ئوبرازىڭىزنىئاستا - ئاستاخۈنۈكلەشتۈرىدۇ. سىزگەشۇخىزمەتنىتاپشۇرغانكىشى قارىماققا سىز تاپقان «ئۈنۈملۈك» ، «مۇۋاپىق» باھانىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغان، سىزگە يەنە پۇرسەت بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سىزگە بىر چىكىت قويۇپ قويغان بولىدۇ.
تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇساپىمىزدە بەزى پىلان، ئىشلىرىمىز ئويلىغىنىمىزدەك يۈرۈشمەي، كۆزلىگەن مەقسەت - نىشانغا يېتەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن زېھنىمىزنى يىغىپ چارە - تەدبىر ئىزدەش، ئانچە - مۇنچە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىش، ئۇچۇر ئىگىلەپ كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇش ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. سىزنى ئىشقا بۇيرۇغىچىلاربەزىدە سىزنى سىناش، ئىقتىدارىڭىزنىمۆلچەرلەپ بېقىش، خىزمەتتىكى ھەقىقىي پوزىتسىيەرىڭىزنىبىلىپبېقىشمەقسىتىدەھەلقىلىشقاسەلكۈچكېتىدىغانخىزمەتلەرگە بۇيرۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا سىز چارە - تەدبىر ئىزدەپ، شۇخىزمەتنىڭھۆددىسىدىنچىقىشىڭىز، ھەرگىزمۇپاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ باھانە - سەۋەب ئىزدىمەسلىكىڭىز لازىم.
ئەمەلىيەتتە باھانە - سەۋەب ئىزدەش توغرا ۋە ساغلام بولمىغان بىر خىل ئادەت ھەم پاسسىپئۇسۇلىدۇر. باھانە ئىزدەپ ئۆزىڭىزگە ۋاقىتلىق تەسەللىي تاپقاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىڭىز تەبىئىي ھالدا باھانىۋازلىققا كۆنۈپ قېلىپ، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىپ مىدىرلىغىڭىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالىسىز - دە، ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىسىز. خىزمەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان، ئازراقلا قىيىنچىلىق ياكى سەل كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا ئالدى - كەينىنى ئويلاشماي، سىناپ باقماي، ئازراقبولسىمۇتىرىشىپبېقىشقارايىڭىزبارماي، باھانە - سەۋەب ئىزدەشكە ئالدىرايدىغان بولۇپ قالىسىز - دە، خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدىكى «يۈك»كەئايلىنىپ قالىسىز. ناپالىيون مۇنداق دىگەن: «دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلىساڭ، چوقۇم ئۇلۇغ بىر يول ئاچقۇچىغا ئوخشاش، يەتمەكچى بولغان ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۆزۈڭنى بېغىشلىيالىشىڭ كېرەك، شۇ ئارقىلىقئۆزۈڭنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرالايسەن، ئۇنى دەسمايە قىلالايسەن».
دېمەك، قىزغىنلىقۋەتىرىشچانلىقخىزمەتتىكىئالىي پەزىلەت. خىزمەتكەقىزغىنپوزىتسىيەدەبولغاندا، ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى، قابىلىيەتنى نامايان قىلغىلى، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرغىلى، ئەتراپىمىزدىكىخىزمەتداشلىرىمىزغائىجابىي تەسىركۆرسەتكىلى ھەمئۇلارنىڭ قوللىشىغا، ئىززەت - ھۆرمىتىگەئېرىشكىلىبولىدۇ. خىزمەتكەقىزغىنپوزىتسىيەدەبولغانداكەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ، زېھنىمىز ئوچۇق، ئىشەنچىمىز تولۇق، چارە - تەدبىر تېپىشقاماھىربولىمىز. مانابۇھەرقانداقئىشتانەتىجە قازىنىشنىڭ ئاساسى. بىرەر ئىشقا باھانە ئىزدەش گۈزەل ئەخلاققا مۇخالىپ كىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا گۈزەل ئەخلاقنى يار قىلايلى !
رەھمەت ،،مەن مۇشۇنداق ماقالىلەرگە ئامراق:P شۇنداق ئامال ئىزدەشكە ماھىر بولساق قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
بەت:
[1]