مۇكەممەل ئايال بولۇڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-30 17:21مۇكەممەل ئايال بولۇڭ
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/34da52a4/
ھازىرقى زامان ئاياللىرى مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن ،تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە بولىدۇ.
1. مېھىر - مۇھەببەتكە باي بولۇش. مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان گەپ -سۆزلەر خۇددى باھار شامىلىدەك ئادەمنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ. شۇنىڭ بىرگە ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنىمۇ نامايان قىلىدۇ.
2. باشقىلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇش. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ گېپىنى بېرىلىپ ئاڭلايدىغان ، ئۆزىگە ھەممە جەھەتتىن كۆيىنىدىغان ئادەمدىن چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئامراق كېلىدۇ. ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشنۈشكە ماھىر بولۇشتەك ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسا ، باشقىلاردا ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
3. سەمىمىي، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇش. ئۆزىگە ئىشەنچى كامىل ، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئامراقلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا تېخىمۇ ئېرىشەلەيدۇ.
4. ئىنكاسى تېز بولۇش. ئاغزى ئىتتىكلىك ۋە كوت- كوتلۇقنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا، تەپەككۇرغا باي، ئىنكاسى تېز بولۇشتەك ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنداق چىۋەر ، سەزگۈر، ئەقىللىق ئاياللار نەگىلا بارسا ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ.
5. جانلىق ، شوخ بولۇش. يۇمۇرىستىك ، مۇلايىم، قىزىقچى بولۇش ئاياللارنىڭ جانلىق ، شوخ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
6. سىرلىق، خۇش مۇئامىلىلىك بولۇش. سىرلىق، خۇش مۇئامىلىگە ئىگە ئاياللار دائىم ئىما- ئىشارەتكە ئۇستا بولۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چەكسىز لەرزىگە سالىدۇ.
7. مۇلايىم، رايىش بولۇش. كەسىپچان ئاياللارنىڭ دائىم قەيسەرلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ يۈرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆزىنىڭ مۇلايىم، رايىش ئىكەنلىكىنى ئېرى، يىگىتى ياكى يېقىن دوستلىرىغا ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى نامايان قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئاياللارنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىدىغان دانا تاكتىكىدۇر.
8. چوڭ سۈپەت، سىپايە بولۇش. ئاياللارنىڭ گەپ -سۆزلىرى بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، بۇلۇتلاردەك يۇمشاق ، قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك قۇلاققا يېقىشلىق بولۇشى كېرەككى ، سەت، قوپال، چاكىنا، تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىشتىن ، تاققا-تۇققا، تاغدىن-باغدىن، سۆزلەشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلىشى زۆرۈر. بىلىملىك ئاياللار مەنىسىز تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك تۈسكە كىرگۈزەلىسە، نېمىدېگەن ياخشى- ھە.
مەنبە: ‹‹خانىم-قىزلار نازاكىتىنىڭ سىرى›› نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/a63f3e57/ بۈگۈن ئاياللار توغۇرسىدا بەك كۆپ تېما يوللاپ كەتتىم، ئەسلىدە يوللىمايتتىم، بۇمۇ دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بولغاچقا يوللاپ قويدۇم. كەچۈرگەيسىلەر. بۇنى ئاياللار كورسە بولغدەك مەن كورمىگەن بولاي :P مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 18:27
بۈگۈن ئاياللار توغۇرسىدا بەك كۆپ تېما يوللاپ كەتتىم، ئ ...
ئۆزىڭىزمۇ ئايال بولغاندىكىن يوللىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ھازىر روھلاندا خانىم-قىزلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ، يەنە كېلىپ بۇ يوللىغانلىرىڭىز روھلان ئۈندىدار سالونىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 18:27
بۈگۈن ئاياللار توغۇرسىدا بەك كۆپ تېما يوللاپ كەتتىم، ئ ...
ئۆزىڭىزمۇ ئايال بولغاندىكىن يوللىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ھازىر روھلاندا خانىم-قىزلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ، يەنە كېلىپ بۇ يوللىغانلىرىڭىز روھلان ئۈندىدار سالونىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن .
بەت:
[1]