ئەقىللىق ئاياللاردىن بولۇڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-30 16:23ئەقىللىق ئاياللاردىن بولۇڭ
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/7caf536f/
ئەقىل- پاراسەت ھەرگىزمۇ تۇغما بولمايدۇ. ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش ، تەجىربە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ، قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاز- ئازدىن يىغىلىدۇ. ئەقىل- پاراسەت ئاياللاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ھەقىقىي ئەقىللىق ئاياللار ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان ، ئەمما قورسىقىدا ئۇمىچىنىڭ تاينى يوق بىلەرمەنلەردىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئەقىل- پاراسەت ئاياللارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك. ئەقىللىق ئاياللار مەيلى كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىشلار ۋە ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بولسۇن، ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا دانالىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ . ئەقىللىق ئاياللار تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە پەزىلىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ ، كىشىلەر ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ئاياللارغا چىراينىڭ گۈزەل بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلاردا يەنە ئەقىل- پاراسەت بولۇشى كېرەك، ئەقىللىق ئاياللار ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ.
ئۆزىنى قەدىرلەش دىگەنلىك، ھاياتلىقتىكى ھەر بىر كۈننى قەدىرلەش دىگەنلىكتۇر، ئۆزىنى قەدىرلەش خۇددى باشقىلارنى ئوبدان قەدىرلەشكە ئوخشاشلا مۇھىمدۇر ، ئادەم ئۆزىنى سۆيەلىگەندىلا ، ئاندىن باشقىلارنىمۇ چىن دىلىدىن سۆيەلەيدۇ.
ھەق گەپنى قىلغاندا،ئەر- ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى باراۋەر بولىدۇ، ئۆگىنىش پۇرسىتىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئەر- ئاياللارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىمۇ كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ‹‹ ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئەرلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ›› دېگەندەك گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئەر- ئاياللارنىڭ ئەقىل-پاراسەتنى قوللىنىش ساھەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىندۇر.كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئىشلارنى پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ، ئاياللارنىڭبولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ، باھا تالىشىپ مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلاردا كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن: ئەرلەر بىلەن ئاياللاردىن: ‹‹بىر دۆۋە پۇرچاقىنىڭ ياخشى - ناچىرىنى قانداق ئايرىغىلى بولىدۇ؟›› دەپ سورىساق ، ئەرلەر كۆزىنى پارقىرىتىپ ، بېشىنى قاشلاپ قاراپ تۇرىدۇ. ئاياللار بولسا: ‹‹ سۇغا چىلاش، تاسقاش ئارقىلىق ئايرىغىلى بولىدۇ›› دەپ تېزلا جاۋاپ بېرەلەيدۇ.
مەنبە: ‹‹ خانىم-قىزلار نازاكىتىنىڭ سىرى›› نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/90e19df0/
بۇنىمۇ بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە يوللاپ قويدۇم.:lol بىز توغۇرلۇق يوقما ؟ بارى يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 18:48
بىز توغۇرلۇق يوقما ؟
سىلەر تۇغۇرلۇققۇ بار ئىدى ،يوللاپ قويسام بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ يوللىمىدىم شۇ...:lol
بەت:
[1]