مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:12:01

سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاياللاردىن بولۇڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-30 16:18

                                       سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاياللاردىن بولۇڭ

               http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/a5ddbe68/


    سىز سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاياللاردىن بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى نوقتىلارغا قۇلاق سېلىڭ:

1. بىلىمىنى بېيىتىش: ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئىگىلەش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاقىلىق ئەقىل- پاراسىتىنى سۆزى، تەبەسسۇمى ۋە تۇرمۇشىدا نامايەن قىلىش كېرەك.

2. ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇش: بۇنداق ئاياللارنىڭچىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ، لېكىن سېھرىي كۈچكە باي كېلىدۇ.بۇ ئۇلاردا ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان مىجەز ۋە مۇكەممەل ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنىڭ بولغانلىقىدا. ئېسىل پەزىلەت- ئاياللار بىلەن ئەرلەرئوتتۇرسىدىكى قەلب ئالاقىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى.

3. ئاق كۆڭۈل ،مۇلايىم بولۇش: ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى ئەرلەرنىڭ پاناھگاھى، شۇنداقلا تايانچى.

4. غۇرۇرلۇق ، سالماقبولۇش: ئاياللارنىڭ سالماق ، سىپايە پەزىلىتى ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغان سېھرىي كۈچتۇر، شۇڭا ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ، ئازدۇرۇشنى رەت قىلىشقا ماھىر بولۇش، غۇرۇرلۇق بولۇش، ئۆزىگە كۆيۈنۈش، پاكلىقىنى ساقلاش، ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

5. پائال ئالغا ئىلگىرلەش: ئاياللار مېھرىبان ئايال، ياخشى ئانا بولۇپلا قالماي، كەسىپچانلىققا ئىگە بولۇشى ، ئالغا ئىلگىرلىشى ، يولدىشىنىڭ ئىشلىرىغا چارە- تەدبىر كۆرسىتىشى ، يولدىشى بىلەن ھەممىدە بىرگە بولۇشى كېرەك.

6. ئۆزىگە ئىشىنىش، مۇستەقىل بولۇش: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار ئەڭ گۈزەل بولىدۇ. ھازىرقى زاماندا ئاياللار ھەممىلا ئىشتا ئېرىگە تايىنىۋالسا ، مۇستەقىل خاراكتېرى بولمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:14:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-30 16:15

بۇ يەردە ئاياللارغۇ بەكمۇ كۆپ يوق ئىدى ، بىر دوستۇمغا لازىم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.:lol

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 19:09:54

مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 16:14
بۇ يەردە ئاياللارغۇ بەكمۇ كۆپ يوق ئىدى ، بىر دوستۇمغا ل ...

مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاياللار ۋە قىزلار كۆپىيىۋاتىدۇ، ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ :lol

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:20:02

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 19:09
مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاياللار ۋە قىزلار كۆپىيىۋ ...

ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنىغۇ ھېس قىلغانتىم بولمىسا :P:Pئەمدى ۋاقتىم بولسىلا ئاياللار توغۇرسىدا يەنە تېما يوللاپ قوياي، بۇ يەرگەقىزلار تېخىمۇ جىق كىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...:P:lol:lol
بەت: [1]
: سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاياللاردىن بولۇڭ