ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 18 مەخپىي رېتسېپى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 18 مەخپىي رېتسېپى
1.DNA نى قوغداش. ئۇچ دانچىلار(خروموسۇمنىڭ ئاخىرقى ئۇچى) قانچىكى قىسقا بولسا، ئادەم شۇنچە ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ. يېمەك -ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە چېنىقىش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇچ دانچىلارنى قوغدايدۇ.
2. ئەستايىدىل بولۇش. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئەستايىدىل، مەئۇلىيەتچان كىشىلەر تېخىمۇ ساغلام بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ئىشلىرى تېخىمۇ مۇۋاپەقىيەتلىك بولىدىكەن.
3. دوست تۇتۇش. ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، دوستى ئاز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياشانغانلار ئارىسىدىكى دوستى كۆپ كىشىلەرنىڭ 10 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.
4. دوست تاللاش. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سېمىزلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە باشقىلارغا يۇقۇش خاراكتېرى بولىدىكەن. ئەگەر دوستلىرىڭىز ئىچىدە سېمىزلەر بولسا، سىزنىڭمۇ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتىڭىز %57 كۆپىيىدىكەن.
5. تەلتۈكۈس تاماكا تاشلاش. 30 ياشتا تاماكا تاشلىغاندا 10 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن. 40 ياش. 50 ياش، 60 ياشتا تاماكا تاشلىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا توققۇز يىل، ئالتە يىل، ۋە ئۈچ يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن.
6. چۈشتە ئازراق ئۇخلاش. چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق .24 مىڭ ئادەم سىناققا قاتناشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، دائىم چۈشتە ئۇخلىغاندا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %37 ئازايتقىلى بولىدىكەن.
7. ئوتتۇرا دېڭىزچە يېمەك- ئىچمەك ئادىتى. مېۋە-چېۋە، كۆكتات، دانلىق زىرائەتلەر، زەيتۈن يېغى ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنىچە يېمەك -ئىچمەك ئارقىلىق مېتابولىزم ئۈنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
8. تاماق يېگەندە مۇۋاپىق تۇيۇنۇش. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،ياپۇنىيە ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۇلارنىڭ كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى ، تاماق يېگەندە مۇۋاپىق تۇيۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
9. توي قىلىش. توي قىلغانلار توي قىلمىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ توي قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىقتىسادىي قوللاش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
10. ئورۇقلاش. ئورۇقلاش دىيابېت كېسىلى ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
11. دائىم ھەرىكەت قىلىش. دائىم ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابېت، بىر قىسىم راك كېسىلى، ۋە ئەسەبىلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
12. ھاراقنى مۇۋاپىق ئىچىش. ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى ئەر- ئاياللارنىڭ كۈنلۈك ھاراق مىقتارىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىر ياكى ئىككى رومكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.
13. مەنىۋى تۇرمۇشى مول بولۇش. 12 يىلدىن بۇيان 65 ياشتىن ئاشقانلارنى تەتقىق قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،مەنىۋى تۇرمۇشى مول بولغان ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئاقسىلى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.
14. كەڭ قورساق بولۇش. كەڭ قورساق بولغاندا، بىئاراملىقنى ئازايتقىلى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
15. بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىش. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق ماشىنا ھادىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ياكى ئېغىر يارىلىنىش نىسبىتىنى %50 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
16. ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش. يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ، دىيابېت، يۈرەك كېسىلى، ۋە كەيپىيات قالايمىقانلىشىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، ھەر كۈنلۈك ئۇيقۇ بەش سائەتكە يەتمىسە ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋىپى ئېشىپ كېتىدۇ.
17. بېسىمنى تۈگىتىشكە ماھىر بولۇش. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېسىمنى تۈگەتكەندە، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
18. تۇرمۇشتا نىشان بولۇش. ياپۇنىيەدىكى 13 يىللىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئېنىق نىشانغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ سەكتە ياكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋاقىتتىكى ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنبولىدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى
ھىچقانداق ئىشقا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ- قىزىقمىسىمۇ مۇشۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە قىزىقمايدىغان، ئويلىمايدىغان ئادەم يوق بولسا كېرەك. بۈگۈنكىدەك كىشىلىك تۇرمۇش مۇرەككەپلەشكەن، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىلا ئادەم كەسكىن ۋە رەھىمسىز رىقابەت ئىلكىدە ياشاۋاتقان زاماندا يوقۇرقىدەك بىرقىسىم مۇھىم دەپ قارالغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاساسىي كاپالىتىگە ئېرىشىش تەس گەپ جۇمۇ. بىزنىڭ شارائىتىمىز داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇش سۈپىتىمىز ئۆسۈۋاتىدۇ، ئەمما شىددەتلىك قاينامدەك داۋالغۇپ تۇرغان تۇرمۇش بېسىمى شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەر بىرىمىزنى توختاۋسىز جىددىيلەشتۈرۋاتىدۇ..... :L بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-29 19:22
جام يوللىغان ۋاقتى2014-9-29 19:12
ھىچقانداق ئىشقا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ- قىزىقمىسىمۇ مۇشۇ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جام ئەپەندى بۇ يەردە يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق، دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن توغرا. شۇنداق كىشلەر ھەر خىل بىكىنمىچىلىك بىلەن ياشاۋاتىدۇ ،ئۇلار سالامەت بولشنى ئويلايدۇيۇ ئەمما ھەر خىل كىسەللەردىن خالى بوللالمايۋاتىدۇ ،قىسقى بەدەن چىنقتۇرۇش ۋە ئىجتىمائى پالىيەتلەرگە بەك ئاز قاتنشۋاتىدۇ،ئەڭ ئاددى مىسال يىزلاردىمۇ 50 مىتىر كەلمەيدىغان ھاجەتخانغىمۇ موتسىكىلىت بىلەن بارىدىغان بوپ كەتتى بۇنىڭ ئۆزى تۇرمۇش سەۋيسى ئۆسكىنى بولۇپ ھىساپلانسىمۇ ئەمما كىشلەرنى بارغانسىرى ھورۇن ئىرنچەك قىلۋەتتى،مانا بۇلارنىڭ ئۆزلا سالامەتلىككە ئىغىر زىينى بار ئىشلارغا يول ئاچقانلىق. ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-9-30 09:59
شۇنداق كىشلەر ھەر خىل بىكىنمىچىلىك بىلەن ياشاۋاتىدۇ ، ...
توغرا دىدىڭىز، ‹‹تەن ساقلىق زور بايلىق›› دەپتىكەن، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئۆزىمىز ئاسرىمىساق باشقىلار ئاسرىمايدۇ،سالامەت بولغاندىلا باشقا ئىشلارنى غەلبىلىك قىلغىلى بولىدۇ. سالامەتلىك جان راھىتى ،
ئىناقلىق كۆڭۈل راھىتى . سالامەتلىك جان راھىتى ،
ئىناقلىق كۆڭۈل راھىتى . شۇنداق ئۈزىمىزنڭسالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداقئشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ
بەت:
[1]