نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى ئەمەس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-29 16:35نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى ئەمەس
نىكاھ يىگىت قىزنىڭ ئۆز رازىلىقى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان جەريان. يىگىت بىلەن قىزنىڭ رازىلىقى ئاساس قىلىنمىغان نىكاھ ياخشى نىكاھ ئەمەس.
نىكاھىڭىز مەيلى سىز ياخشى كۆرىدىغان بىرى بولسۇن ياكى سىزگە ناتۇنۇش بىرى بىلەن بولسۇن تويدىن كېيىن ھېسسىيات يېڭىلاپ تۇرۇشقا سەل قارىماڭ.تويدىن ئىلگىرى قىزغىن مۇھەببەت ۋە بىر-بىرىگە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشلەر توي قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمىسۇن.نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئەمدى توي قىلدۇق، بىر-بىرىمىزنىڭ ۋىسالىغا ئاخىرى يەتتۇق ، ئەمدى مەن ئىزدىگەن يار، مەن سۆيگەن جانان قېشىمدىلا بارغۇ ، بۇرۇنقىدەك ۋاي دەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتنىڭ ئىزچىللىقىغا سەل قارايدۇ -دە، ئوڭايلا بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى سۇسلاپ قېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مۇھەببەت ئىككى جىنىسنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئوتلۇق ئىنتىلىشى ۋە ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش ، مەپتۇن قىلىش يولىدىكى ئۆزلۈكسىز ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. سەن ئېرىشىش ئۈچۈن سائەتلەپ ساقلىغان ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى نامايان قىلىشقىلا كۈچىگەن، شېرىن- شېكەر گەپلەرنى قىلغان، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقىلا چاپقان جانانىڭنىڭ ۋەسلىگە يېتىۋېلىپلا، ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى ھېسسىياتىڭنى دائىم ئىپادىلەپ، ئىزھار قىلپ تۇرۇشقا كۈچىمىسەڭ سەندىكى ئوت، سەندىكى ھېس ئوڭايلا سۇسلاشمامدۇ؟سەن ئېرىشىشكە كېچە-كۈندۈز تەشنا بولغان نەرسىنى ئېرىشىپ بولۇپلا كارىڭ يوق ھالەتتە تاشلاپ قويساڭ بولماس.
سېنىڭ خوتۇنۇڭ سەن مىڭ بالالىقتا ئېرىشكەن قىممەتلىك جورا، ھەمراھ. پات-پات ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قوي. بىر-بىرىڭلارغا تونۇش تېما ھەققىدە پاراڭلاش. مەززىسى يوق ئولتۇرۇش، قاتراشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتىپ سائەتلەپ خوتۇنۇڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ باق. ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ساياھەت قىل، بىرگە تاماق يە...
خوتۇنۇڭغا ئاجراتقان ، سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھنىڭ ئەمەلىيەتتە بەخت ئۈچۈن سالغان ئازغىنە ، ئەرزىمەس دەسمايىدۇر.
شۇڭا دەيمەنكى، خوتۇننى ئېلىپ بولۇپلا، مۇھەببەتنى كېپەنلەپ قويما. مۇھەببەت مەڭگۈ ياش تۇرسۇن، شاش تۇرسۇن.
مەنبە:‹‹كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر›› نامىلىق كىتاپتىن.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/27894740/
رەھمەت قېرىندىشىم . بۇ كىتاپنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بار مىدۇ kowruk. يوللىغان ۋاقتى2014-9-29 18:54
رەھمەت قېرىندىشىم . بۇ كىتاپنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بار مى ...
بۇ كىتاپ مېنىڭدە بار، لېكىن كىتاپنىڭ يانفۇن نۇسخىسى مېنىڭدە يوقتى باشقىلاردا بارمىكىن. ئوغۇللار ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتابنىڭ بىرى بۇ.:victory: بۈگۈن مەرىپەت خانىمنىڭ ئازراق ۋاقتى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ، بىر-بىرىدىن ئېسىل يازمىلارنى يوللىۋېتىپتۇ، بۇ يازمىلارنىڭ ھەممىسى مەرىپەت خانىمنىڭ نامىدا روھلان ئۈندىدار سالونىنىڭ 20140930 سانىغا تەييارلاندى.
روھلان ئۈندىدار سالونى ئىزداش نامى: rohlancn
مەرىپەت خانىمنڭ ئەجرى ئۈچۈن بۇ بىرلا تېمىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بارلىق تېمىلىرىغا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-30 10:26
ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-9-29 21:47
بۈگۈن مەرىپەت خانىمنىڭ ئازراق ۋاقتى چىقىپ قالغان ئوخش ...
مۇكاپاتنىبەك جىق بېرىپسىز ئادىلجانغا كۆپ رەھمەت. :lol
مەن ئوقۇغان كىتاپنىڭ بەزى پايدىلىق جايلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئورتاق كۆرەي دەپ يوللاپ قويدۇم.
خېلى ئۇزۇن بولدى روھلان ئۈندىدار سالونى مېنىڭدە بار، مەن روھلاننىڭ پىشقەدەم ئەزاسىتۇرسام ، روھلان ئۈندىدار سالونىنى مەن قوشۇۋالمىسام بولماس :Pكۈندە يوللانغان يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئۆزەم يوللىغان تېمىلارنىمۇكۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، سىلەرگە كۆپ رەھمەت. :lol ھەقىقەتەن پايدىلىق تىما يوللاۋاتسىز بىز بولساق ھەقسىز بەھىرلىنۋاتىمىز ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
بەت:
[1]