تويىمىزغا مەرھەمەت- شېئىرى چاقچاق- مۇبارەك بولسۇن روھلان!
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن(روھلان مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىق قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلەيمەن .مۇبارەك بولسۇن روھلان!)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ،يىراق-يېقىندىن كېلىپ روھلان سۇپىسىدا جەم بولغان چوڭ-كىچىك قېرىنداشلار، ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، بىلىم تەشنالىغىدا ئىنتىلىۋاتقانكەلگۈسىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزلىرى بولغان ساۋاقداشلار، بۇگۈنكىدەك ئۇلۇق جۈمە كۈنىدە ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا خەيرلىك ،تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق ،تۇرمۇشۇڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمەن. شۇنداقلا ئاتامانىمىز ئادىل مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمەن .9-16-كۈنى ئاتاماننىڭ يوللىغان بىر تېمىسىدا بۈگۈنكى كۈننىيەنى 2014-9-26-كۈنىنى روھلان مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىل توشقان كۈنى دەپتىكەن .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روھلان مۇنبىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنىڭ 6 ياشقا تولغان غۇنچە تويى قىلىپ بىر شېرى چاخچاق يوللاپ قويدۇم .ئەگىشىدىغانلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمەن ،بۇ مۇنبەردە چاخچاقلار بولمىغىلى ئۇزۇن بولدى ،تازا قاملاشتۇرالمىساممۇ مازاق قىلماي ئەگىشەرسىلەر .قېنى دوستلار بۈگۈن بۇ توينى قۇتلۇقلاپ سورۇننى بىر قىزىتىۋېتەيلى.
( شېرى چاقچاق)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى جامائەت.
تويىمىزنى قۇتلۇقلاڭ كېلىڭ سىزمۇمەرھەمەت.
ئالتە ياشقا توشۇپتۇ روھلان گۈلۈم چوڭ بولۇپ،
ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ ، بولسۇن تېنى سالامەت.
كۈچكە تولسۇن ،چوڭ بولسۇن ئۆمۈر ئۆتەر داۋامەت،
دوستلار بىلەن تەڭ كۈلسۇن ،يىراق تۇرسۇن مالامەت.
پاك ئەقىدە، ئەخلاقنىھايا بىلەن دوست تۇتۇپ
چاڭقونمىسۇن ئۈستىگە يىراق كەتسۇن خۇشامەت.
ئاتاماننىڭ ئەجرىنى، ئۈمىدىنى يار قىلىپ،
ئەقىل-ئىدراك، ۋاپادا ئۇز چوڭ بولسۇن ئالامەت...............
2014-9-26-كۈنى.يېزىلدى. مەنبە : ئۆزۈم.
ئەسكەرتىش:بۇنى ئاتاماننىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا يوللاپ قويدۇم، ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رىجال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-26 23:38
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى2014-9-26 20:51
"روھلانگۈل''نى"روھلانجان' قىلىۋاپسىزئۆزىڭىز،
باش ...
گۈللەر ئۈچۈن«گۈل»روھلان ،گۈلدەك پەرۋىش قىلىمىز،
يىگىتلەرگە «يىگىت» دەپ زۇر ئۈمۈتلەر كۈتىمىز،
مەيلى يىگىت قىز بولسۇن ،روھلىنىدۇ روھىمىز،
يىگىت- قىز دەپ روھلاننى تالاشقانلار ھاماقەت.
(«تاپقانلار گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغان بىرۋاش پىياز،
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر،تاپالمىغان چۈجە خوراز،»)
ئەيلىدىم كۆڭۈل بايان بولسىمۇ سوۋغاتقا ئاز،
سوۋغىتى ئازدەپ ئەجەپ، تۇتۇپ يۈرمەڭ ئاداۋەت.
رىجال يوللىغان ۋاقتى2014-9-26 19:17
ئالتە ياشلىق ئات كەبى ھارماي چېپىپ بەيگىدە،
ئالتە يىلل ...
"روھلانگۈل''نى"روھلانجان' قىلىۋاپسىزئۆزىڭىز،
باشلاپ قويغان يازمىنى كۆرمىدىمۇ كۆزىڭىز.
تويىمىزغا ئەكەلگەن سوۋغىتىڭىز ئاز تۇرۇپ،
قىزنى نىچۈن يىگىت دەپ ئالماشتۇرۇپ قويدىڭىز؟;P
چاخچاقكەتتى ئازغىنە ،رەنجىپ يۈرمەڭ رىجال سىز .
بۈگۈن قويماي زەللىنى قاچانغىچە ساقلايسىز.
ئۇز ياساندى روھلانگۈل كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ،
ئېيتىڭ ئۇنىڭ ئۈمىدىن زادى قانداق ئاقلايسىز؟
ياقتۇردۇم، مەنمۇ يازاي دىگەن ھەجەپ ئىلھامىم كەلمەيدا{:6_269:} خاسىيەتلىك كۈندە بارلىق روھلان ئەھلىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تېخىمۇ زور ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، روھلان تورىنىڭ ھەمكارلىق، بىرلىك ئاساسىدىكى مۇنەۋەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە بىزگە نادىر يازمىلىرى بىلەن زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتقان «خىرىستال» خانىمغا ئوخشاش ئىجتىھاتچان، تىرىشچان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىگە ئالەمچە شادلىق تېلەيمەن! ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، ئېلھامىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن .
روھلان تورىنىڭ ئالتە ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن ، روھلاننىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولسۇن {:6_266:} ئەگىشىدىغانلار يوقكەندە،ئەجەپ ئۈمۈتسىزلەندىم. بۈگۈن بىر قىزىتىۋېتەرمىز دىگەنتىم ، ئەپسۇس.................... تېمامنى ياقتۇرغان دوستلارغا ئالى ئېھتىراملار بولسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پاسىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-26 19:10
قاملاشمىسىمۇ بىر شىڭگىل ئويناپ قويدۇم:
ئالتە ياشقا تولۇپسىز ياخشىلارنىڭ ئۈلپىتى،
گۈل كۆرىنەر ھاياتنىڭ سەبىيلىكتە قات-قېتى،
تۆكىلەركەن ئېغىزدىن كۆڭۈلدىكى شۇ پېتى،
نىمە تەشۋىش بولسىلا سەمىمىلىك يول خېتى،
قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى داۋامەت.
ئالتە ياشلىق ئات كەبى ھارماي چېپىپ بەيگىدە،
ئالتە يىللىق باغ كەبى بىرىپ مىۋە ھەممىگە،
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە يىتىپ خەلقىم قەدرىگە،
ئالتە ياشلىق روھلانچاق بۇلسۇن تۇيۇڭ مۇبارەك.