شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 21:47:32

باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ 3.0 نوسخىسى

                   دىتال ھەققىدە
    بۇ دېتالمۇ « Visual Basic 6.0» دىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، «باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ 2.0 نوسخىسى» ئاساسىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە قوڭغۇراقلىق سائەت ئىقتىدارى قوشۇلدى . بۇ قېتىم يوللىغىنىم تىخىمۇ مۇكەممەل بولدى دەپ قارايمەن. بۇ دېتال خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويغان باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت ۋاقتىغا ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلىيىتنىڭ ھەممىسىنى ئادەمسىز ھالدا پۈتۈنلەي توغرا كونتۇرۇل قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى يىتەكچىلىك قىلالايدۇ.
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
    1. ئەڭ ئالدى بىلەن كومپيوتېرىڭىزنىڭ ۋاقتىنى شىنجاڭ ۋاقتىغا توغۇرلاڭ؛
    2. ھۆججەتنى پرېستىن يېشىڭ؛
   3. دېتال «作息时间控制器3.0版» نى قوزغۇتۇپ، دېتالدىكى ئۇيغۇرچە ئىزھاتقا ئاساسەن مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
      ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا، دېتالدا كۆرسىتىلگەن ئادرېس بويىچە مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، سىز ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە. چۈنكى ھەمىمىز بىر سەپتىكى جاپاكەش قىرىنداشلارمىز.

چۈشۈرۈش ئادرىسى: 小学作息时间自动控制系统 3.0 版.zip

كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/011D65QpRs0e
كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن چۈشۈرۈش مەخپى نومۇرى: 408468
چىيەنناۋدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
小学作息时间自动控制系统 3.0 版.rar

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:21:54

بۇ دىتال بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ، كونا كومپىوتىر بولسا بىوس باتارىيسىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك...

مىسكىن123 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:56:23

بۇنىمۇ ساقلىۋالدىم

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 23:09:58

سىلەر تەرەپتە بەك ئەتىگەن ئىشقا چۈشۈپ كەچ قايتىدىكەنسىلەر جۇمۇ :lol
مەن دېتالنىڭ ئكزى بەلگىلەش ئىقتىدارى بولغان 3-نۇمۇرنى ئىشلىتەي دېسەم پەقەتلا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ ئارانلا 4 يەردە ۋاقىت چىقىدىكەن، بىر كۈندە قوڭغۇراق چالىدىغان ۋاقىت كۆپ تۇرسا.

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 23:16:48

بۇنى ئۆزىڭىز ياسىدىڭىزمۇ؟   

شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 01:32:53

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 23:09
سىلەر تەرەپتە بەك ئەتىگەن ئىشقا چۈشۈپ كەچ قايتىدىكەنس ...

بۇ دېتال ئارقىلىق يەتتە سائەتلىك دەرىسكە كىرىش، دەرستىن چىقىش ۋە بايراق چىقىرىش، ئىككى گىمناستىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. سىز دېگەن ھىلىقى تۆت يەردىكىسى ۋاقىت ئەندىزىسى بولۇپ، بۇنى چىكىش ئارقىلىق قوڭغۇراقلىق سائەتكە ۋاقىت بەلگۈلەش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. ئەگەر سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىنى بىلگەن بولسام، سىلەرنىڭ مەكتەپكە ماس كەلگۈدەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويار ئېدىم.

شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 01:37:23

روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 23:16
بۇنى ئۆزىڭىز ياسىدىڭىزمۇ؟

ھەئە ئۆزەم ياساپ چىققان. بىراق بۇ جەھەتتە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ھازىرچە مۇشۇنچىلىكلا بىر نەرسىلەرنى ياساپ چىقالدىم. لىكىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ياخشى سوۋغاتلارنى يوللاش ئارزۇيۇم بار. بۇندىن كىيىن داۋاملىق تىرىشىمەن.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 09:28:48

ساقلاپ قوياي :lol

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:07:44

شاشتېكىن يوللىغان ۋاقتى2014-9-26 01:37
ھەئە ئۆزەم ياساپ چىققان. بىراق بۇ جەھەتتە سەۋىيەم چەك ...

vb دا ياسىغان بولسىڭىزماڭىمۇ ئۈگۈتۇپ قويمامسىز،{:6_276:}

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:24:39

ئەركيۇرت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-26 11:44

روھلان7 يوللىغان ۋاقتى2014-9-26 11:07
vb دا ياسىغان بولسىڭىزماڭىمۇ ئۈگۈتۇپ قويمامسىز،







http://www.altaxna.com


بۇ تور بەتتە ھەقسىزvb دەرسلىرى ۋە ئەسلى كودلېرى با.


ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى يەلتاپان تورىنىڭ سۆز قالدۇرۇش بېتىدە ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ


www.yaltapan.com/book.asp


..................
بەت: [1] 2
: باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ 3.0 نوسخىسى