C1 پىراۋا 3- تۈر يول ئىمتىھانىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى
بۈگۈن ئاخىر مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا C1 پىراۋىنىڭ 3- تۈر ئىمتىھانىسىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتتۈم. بۇ جەرياندا مەشىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان سىن ھۆججىتىنى شوپۇرلۇق ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم. بۇ سىن ئاقسۇ رايونىنىڭ ئىمتىھانىسىغا ماس كېلىدۇ. قالغان رايوندىكىلەرمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلغان تەجرىبەم تۆۋەندىكىدەك:ماشىنىنى تەمتىرمەي ھەيدەش، ھەيدەش جەريانىدا قالايمىغان خالاستويغا سالماسلىق، پەقەت توختىغاندا ئاندىن خالاستوينى دەسسەپ تورمۇزلاش، ئالدىدىكى ماشىنىغا بەك يېقىن ئارلىق قالغاندا تورمۇزنى يېنىك قىسىش، تورمۇز قىسىش ۋاقتى 3 سېكونتتىن كەم بولماسلىق، يول ئالماشتۇرغاندا، ئوڭ سولغا ئايلانغاندا چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن يۆنىلىش چىرىقىنى ياندۇرۇش، ھەر قانداق بۇرۇلۇش ئېغىزىدا تورمۇزنى يېنىك دەسسەش، توختىغاندا سالماقلىق بىلەن ئوڭدىكى ئاق سىزىققىچە بولغان ئارىلىقنى 30 سانتېمىتىردىن كىچىك ھالەتتە توختىتىش، ماشىنىغا چىققاندا، چۈشكەندە سېنزورنى چوقۇم تۇتۇش.
بۈگۈن ئىشقىلىپ %70 بالىلار ئۆتەلمەي قالدى، سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بولدى:
ماشىنىغا چىقىپ بېزىندە تاقىماي ئۇنتۇپ قېلىش، كېچىدە يول يۈرۈش سىگىنال چىراقلىرىنى يورۇتۇش سىنىقىغا قاتناشمايلا يۆنىلىش چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويۇش، ئارقىغا بۇرۇلۇش يول ئېغىزىدا يۆنىلىش چىرىقىنى ياندۇرماسلىق، سۈرئەتنى 35 تىن ئاشۇرمايلا ماشىنا يانداش، خوت ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلغاندا ئارىلىقتىكى خالاستويدا كىچىك توختىماستىن بىراقلا ئالماشتۇرۇش (بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ بالىلار مۇشۇنىڭدا قالدى)، توختىغاندا ئوڭدىكى ئاق سىزىقنى دەسسەش ياكى بەك يىراق توختاش، توختاپ بولۇپ، قول تورمۇزنى ئاۋال تارتىپ ئاندىن خوتتىن چىقارماي مەشغۇلاتنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش، ماشىنىدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن سېنزورنى تۇتماسلىق، چىققاندا ئورۇندۇق ئاستىدىكى سېنزورنى تۇتماسلىق، دەسلەپ قوزغىغاندا ياكى قىزىل چىراقتا ساقلاش ھالىتىدىن قوزغىغاندا 1- خوتتا قوزغىماي، 2- خوتتا قوزغاش سەۋەبلىك ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇش ھەم 20 سېكونت ئىچىدە دەرھال ماشىنىنى ئوت ئالدۇرماسلىق. مېنىڭ ئاڭلىغىنىم مۇشۇنچىلىك. ئەمدى قالغىنىنى بىلمىسەڭلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرساق بولىدۇ. خەيىر ھەممىڭلارغا ئامەت يار بولسۇن!
سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: VID_20140923_090026.3gp كۆپچىلىك ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر تېما يوللاپسىز، بولۇپمۇ مەن ئۈچۈن دېسەممۇ بولىدۇ :lol
مەن مەكتەپكە تىزىملىتىپ قويۇپ، ئالدىراشچىلىقىم تۈپەيلىدىن (بەلكىم بۇ بىر باھانە بولۇشى مۇمكىن) تا ھازىرغىچە تېخى ئىمتىھان بېرىپ باقمىدىم. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ پىراۋا ئېلىشلا، شۇڭا ئۇچرىغانلىكى جايدا شوپۇرلۇق پىراۋىسى توغرىسىدا گەپ ئاڭلاشقا شۇنداق خۇشتارمەنكى، بۈگۈن بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەكلا بولدۇم دېسە. شۇ تاپتا سىن ھۆججىتى چۈشۈۋاتىدۇ.
شۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىمەنكى، بۇ تېما مۇتلەق كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئالامەت ياخشى بىر تېما. چۈنكى، سىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈش جەرياندىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئەمەلىيىتىڭىز ئاساسىدا، تولىمۇ مۇھىم باسقۇچلار بويىچە ئاددىي ھەم ئىنتايىن چۈشۈنىشلىك ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈپسىز ئەمەسمۇ. بۇ پىراۋا ئېلىشنى ئويلاۋاتقانلار ھەم ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر ياخشى دەرسلىك- تەجرىبە!
يارايسىز، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن ھەم كۆپچىلىكنى مۇمكىن بولسا مانا مۇشۇنداق نادىر تېمىلار بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بولدۇ چۇشۇرۇپ كۆرۇپ باقاي . ھە راس دوسلار قايسىڭلار بىلسلەر ئادەتتە چوڭ پىراۋلارنى ئىلىشقا قايسى باسقۇچلاردىن ئوتۇشكە تۇغرا كىلدۇ مەن تىخى پىراۋا ئالمىغانئىمكان بولسا A1 A3 دىگەندەك پىراۋا ئالاي دىگەن ،بىلدىغانلار بولسا مەسلەھەت بەرسەڭلار. بۇلىدىغاننەرسىكەن بۇ رەخمەت ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-9-24 12:04
ھە راس دوسلار قايسىڭلار بىلسلەر ئادەتتە چوڭ پىراۋلارن ...
a1 نى بىۋاستە ئالالمايسىز.....a3 ئىلىپ ئاندىن دەرىجە ئۆرلىتىسىز.....مەن ئىمتىھان مەيدانىدا پەقەت ئامبار يۆتكەشنىلا كۆرگەن....بەك تەسكەن..... پارتزان يوللىغان ۋاقتى2014-9-24 12:59
a1 نى بىۋاستە ئالالمايسىز.....a3 ئىلىپ ئاندىن دەرىجە ئۆرل ...
A3 پىراۋىنى ئوقۇپ ئىلشقا قانچىلىك چىقم كىتەر. ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-9-24 13:08
A3 پىراۋىنى ئوقۇپ ئىلشقا قانچىلىك چىقم كىتەر.
مەن c1 نى ئىلىشقا ئومۇمىي 8000 مىڭدەك كەتتى(تىزىملىتىش ھەققى 4000)......ئاڭلىشىمچە a3 كە تىزىملىتىشقا 7500 ئەتراپىدا كىتەمدىكىن ...... پارتزان يوللىغان ۋاقتى2014-9-24 13:21
مەن c1 نى ئىلىشقا ئومۇمىي 8000 مىڭدەك كەتتى(تىزىملىتىش ھ ...
B1 نى ئىلىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىنA1گە تىزىملاتقىلى بولا ؟؟؟ b2نى ئىلىپ بوپ 5 يىلدىن كىيىن ئاندىن a غا ئۆرلەتكىلى بولىدۇ.....