aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 01:46:14

ئەيساجان-ئاسىيە (سۇئال-جاۋاپ)

ئەيساجان-ئاسىيە (سۇئال-جاۋاپ)
ئاسىيە
دېرىزەڭنى چەككەننى بىلدىڭمىكىنئاسىيە،
بىلىپ تۇرۇپ قەستەنگە كۈلدىڭمىكىن ئاسىيە.

باشقىسىنىڭ تورىغا چۈشمىگەنسەن ئاسىيە،
ياكى مەندىن ئاغىرىپ يۈرمىگەنسەن ئاسىيە.

سەن چىقمىغاچقا شۇكۈنى كېىتپ قالدىم ئاسىيە،
شۇنچە ئېغىر غەملەرگە پېتىپ قالدىم ئاسىيە.

قايتىپ بىرىپ ئۆيۈمگە ئۇخلالمىدىم ئاسىيە،
راسىت گېپىڭنى ئېيتقىنا بولالمىدىم ئاسىيە.

خوشاللىقىتىن ئەسە ريوق كۈلەلمىدىم ئاسىيە،
ئۆزۈڭ تۈگۈل سايەڭنى كۆرەلمىدىم ئاسىيە.

پىراقىڭدا كۆيۈپلا ئۆتەرمەنمۇ ئاسىيە،
ۋىسالىڭغا يېتەلمەي ئۆلەرمەنمۇ ئاسىيە.
ئەيساجان


تىرىقلىسا دەرىزەم بولالمىدىم ئەيساجان،
لىكىن شۇ چاغ غەيرەتكە تولالمىدىم ئەيساجان.

ئانام سالغان ئۇرۇندا ياتالمىدىم ئەيساجان،
تىۋىشىڭنى كۆيۈمگە قاتالمىدىم ئەيساجان.

ئۇخلىمىغان دادامنى قاغاپ چىقىتىم ئەيساجان،
قاۋاپ كەتكەن كۈچۈكنى تىللاپ چىقىتىم ئەيساجان.

مىڭ تەسلىكتە بۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى ئەيساجان،
يۈرەكلىرىم ئازابقا چۆكۈپ كەتتى ئەيساجان.

ئەمدى كەلگىن ئۆيۈمگە،قېچىپ چىقاي ئەيساجان،
چىڭ تاقاقلىق روجەكنى چېقىپ چىقاي ئەيساجان.

ئىشەن قىلغان ۋەدەمگە تاكى مەڭگۈ ئەيساجان،
فونتان بولدى يۈرەكتە ساڭا سۆيگۈ ئەيساجان.

1990-يىلى 10-ئاي (قەشقەر)
ئىزاھات:بۇبۇنىڭدىن 24 يىل بۇرۇن ئىككى نەپەر سىتودىنتنىڭ يۈكسەك ئىنقىلاۋى دوستلۇق رىشتىسى بىلەن چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇپ بىر-بىرىگە يېزىشقان ئىككى پارچە شىئېرى. شۇ چاغدا بۇ ئىككى پارچە شىئېرقەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى نۇرغۇن سىتودىنىتلارنىڭ خاتىرىسىدىن ئورۇن ئالغان ھەم نۇرغۇنلىغان سورۇنلاردا ھەر خىل رادىپلاردا ئوقۇلغان. بۇ شىئېرنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن يوللاپ قويدۇق.

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 09:47:15

بەكياخشىچىقىپتۇ . ياقتۇردۇم ، ساقلىۋالاي .

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 10:20:52

بولىدىغان شىئىرلاركەن

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 10:21:26

ياخشىكەن

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 13:01:42

ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر يار بولسۇن .

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 16:18:44

ئاسىيەگە ئاشىق ئىكەنسىزدە:lol چاقچاق

1arman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:38:11

4-ۋە5- مىسرادىكى ‹ئاغرىپ›‹چىقمىغاچقا›نى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇيە؟

1arman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:40:03

4-ۋە5- مىسرادىكى ‹ئاغرىپ›‹چىقمىغاچقا›نى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇيە؟

1arman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 22:40:35

4-ۋە5- مىسرادىكى ‹ئاغرىپ›‹چىقمىغاچقا›نى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇيە؟

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 12:19:51

مىنىڭچىمۇ 4-مىسرادىكى "ئاغرىپ"دىگەننى "ئاغرىنىپ"قا ئۆزگەرتسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغىدەك.بەلكىم ئاپتۇرنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنىمۇ شۇ بولسا كىرەك.
بەت: [1]
: ئەيساجان-ئاسىيە (سۇئال-جاۋاپ)