تارىم دەرياسىغا بېغىشلىما- ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
تارىم دەرياسىغا بېغىشلىمائەيساجان تۇردى ئاچچىق
سەن يۇرتۇمنىڭ تارىخ دەستۇرى،
ئۇيغۇر يېزىقىدا يېىزىلغان.
سەن خەلقىمنىڭ ئوتلۇق تۇمۇرى،
قانلىرىمدەك ئۆركەشلەپ تۇرغان.
سەن باشلىنىپ ئانا زىمىنىدىن،
قۇيلىسىەن ئانا زىمىنغا.
بۇ خىسلىتىڭ نامرات شائىرنى،
كۆمۈۋەتتى تاتلىق خىيالغا.
ئەجداد روھى تامچە سۈيۈڭدە،
جىلۋىنىلەر شۇ قەدەر ئېنىق.
قېزىپ چىققۇم كېلەر باغرىڭنى،
مەن گوياكى بولۇپ بىر بېلىق.
شېئىر يازدىم ئۇيغۇر تىلىدا،
مېنى چۈشەپ قالىسەن بەلكىم.
سەن دىللاردا ئەڭ گۈزەل ئانا،
ئانىسىنى سۆيىدۇ ھەركىم.
1995.07.16
بېغىشلىمىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن . تىلى يىنىك، رېتىملىق چىققان شېئىركەن. رەھمەت. ياخشى يېزىپسىز {:1_1:} شېئىرنىڭ بەددئىيلىك بەك يوقۇرى بوپتۇ.قارىغاندا، بەزىلەر ‹‹بېغىشلىما››نىڭ مەنىسىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەندەك قىلىدۇ.‹‹بېغىشلىمىڭىز›› دەپ باشلىغانغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان يۈكسەك ئىدىيۋى مەزمۇن، سىمۋۇلىستىك ئىماگنى ھېس قىپ يېتەلمىگەن بولسا كېرەك.ئەيساجاننىڭ تارىم دەرياسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىر ئوۇتشتا بىلگىلى بولىدىغان بۇ شېئىرنى ‹‹ياخشى يېزىپسىز›› دەپلا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئەدەبسىزلىك.ئەيساجاننىڭ قەلبى، ھېسسىياتىنىڭ ئۆزى بىر ئەزم دەريا.بىز بۇ دەرياغا قانداق چۆكۈشنى بىلگەندە، ئاندىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە توغرا ۋە ياخشى باھا بېرەلەيمىز. مانا بۇنى بەددئىي دىت، ئەدەبىي ئىستىدات دەيمىز...
بەت:
[1]