شىياۋمى2 ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان MIUI 6 ئالاھىدە نۇسخىسى
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/02f41cb2/ئالدىنقى ھەپتىلىك تەشۋىقات خىزمىتىدىن كېيىن، شىياۋمى 2 ئابونتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەتقىق قىلىنغان ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان MIUI 6 بۈگۈن ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىكى، بۇ قېتىم شىياۋمى MIUI ئورگان تورىدا شىياۋمى 2 يانفونى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان MIUI 6 ئىلگىرىكىگە ئوخشاش «مۇقىم نۇسخىسى» ۋە «پىروگراممىرلار نۇسخىسى» ئەمەس ئىكەن، بەلكى ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان «ئالاھىدە نۇسخىسى» ئىكەن. شىياۋمى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىستېما قىسمەن يانفونلارغا قاچىلانغاندىن كېيىن مۇقىم ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ روم (ROM) نى قاچىلاش ئۈچۈن، ئالاھىدە نۇسخىسىدىكى Fastboot تولۇق نۇسخىسىنى ھازىرلاش كىرەك ئىكەن، شۇنداقلا سىستېمىدىكى ماتىرىياللارنى زاپاسلىۋېلىش زۆرۈر ئىكەن، چۈنكى بۇ رومنى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئابونتلارنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈلىدىكەن. (ئىچكى ساقلىغۇچتىكى، SD كارتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
روم قاچىلاش قورالىنى چۈشۈرۈش:
http://bigota.d.miui.com/tools/MiPhone20140509.exe
روم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش:
http://bigota.d.miui.com/4.9.19/aries_beta_images_4.9.19_4.4_cn_924f0ac59b.tgz
روم قاچىلاش دەرسلىكى:
http://www.miui.com/thread-1994222-1-1.htm
مەنبە: نۇر تورى مەن خۇاۋې ئىشلىتىمەن :P مەنمۇ شىياۋمىي ئىشلىتىمەن . تور ئادرېسىغا كىرىپ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەنسەم بولغىدەك .
بەت:
[1]