تەنتەربىيە نەزەرىيىسىدىن سۇئال - جاۋابلار
1.سۇئال؛ھەرىكەت رىتمى دىگەن نىمە؟تەنتەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا بىرلەشتۇرۇلگەن مەشىقلەرنىڭ ھەرقايىسى بۆلەكلىرىنىڭ تەرتىپ بۇيىچە ئىپادىلەپ بىرىشىنىڭ كۈچلۈكلۈك،ئاجىزلىق دەرىجىسى بىلەن ۋاقىت پەرقىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرىكەت رېتىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
2.سۇئال؛بەدەن مەركىزىي دىگەن نىمە؟
بەدەننىڭ ھەرقايىسى قىسىملىرىنىڭ قۇبۇل قىلغان ئېغىرلىق كۈچىنىڭ مۇۋاپىق بولغان رولىنىڭ توغرا ئىشلتىىش نوقىتىسى بەدەن مەركىزى دەپ ئاتلىدۇ.
3.سۇئال؛ھەرىكەت تىزلىكى دىگەن نىمە؟
بەدەن ياكى بەدەننىڭ ھەرقايىسى ىىسملىىرنىڭ تاق ياكى بىر پۇتۇن ھەىركەتلەرنى ئورۇنداش ۋاقىتىنىڭ تىز-ئاسىتلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.
4.سۇئال؛پارتىلاش كۈچى دىگەن نىمە؟
ئەڭ قىسا ۋاقىت ئىەچىدە ئەڭ كۈچلۈك كۈچىنىڭ جارى قىلدۇرۇلىسى. بۇ ئادەم بەدىننىڭ مۇسكۇل پائالىيىتنىڭمۇھىم كۆرسەتكۈچىسى ھىسابىلىنىدۇ.ئادەم بەدىننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارشىلىق كۈچنى يېڭىش ئىقىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
5.سۇئال؛ تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ھەرىكەت يۇكى دىگەن نىمە؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن مەشىقى جەريانىدا فىزىئولوگىلىك كۆتۇرۇش كۈچى ياكى بەرداشلىق بىرىشى.بۇلارنى مۇھىمى مەشىق قىىتمى بىلەن مەشىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بەلگىلەيدۇ.
6.سۇئال؛تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ھەرىكەت زىچىلىقى دىگەن نىمە؟
بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن ئەمەلىي مەشىقئومۇمىي ۋاقىتى بىلەن دەرسىنىڭ ئومۇمىي ۋاقىتىنىڭ سىلىشتۇرۇلمىسى(بىرىلىكى) تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ھەرىكەت زىچىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
7.سۇئال؛بەدەن قىياپىتى دىگەن نىمە؟
بەدەننىڭ ياكى بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسم ئەزاللىرىنىڭ مەشىق جەريانىدا ئىپادىلەپ بەرگەن ھالىتىنى كۆرىسىتىدۇ.
8سۇئال؛دەرىجىدىن تاشىقىرى ئەسىلىگە كېلىش دىگەن نىمە؟
بەدەننىڭ ھەرىكەتتىن كىيىنىكى بىر خىل قابىلىيەت ھالتىنىڭ ئىنىكاسىنى كۆرستىدۇ.
9.سۇئال؛تەنتەربىيە دەرسىنىڭ دائىمىلىق قائىدىدىسى دىگەن نىمە؟
تەنتەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نۇرمال ئېلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن ،ئۇقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان ئاساسى تەلەپلەر ۋە قۇچۇق ئىجىرا قىلدىغان قائىدە –تۈزۇملەر،ئادەتتە دەرسىتىن ئىلگىرىكى دائىملىق قائىدە،دەرس ۋاقىتىدىكى دائىملىق قائىدە،دەرسىتىن كىيىنكى دائىملىق قائىدە قاتارلىقلار.
10.سۇئال؛دەرسىتىن كىيىنىكى دائىملىق قائىدىلەر قايىسىى؟ سىز قانداق ئىشلىدىڭىز؟
1.دەىرسىتىن چۇشكەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بۇيىچە تەنتەربىيەسايمانلىرىنى يىغىپ قايتۇرۇپ بىرىش،
2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىش بىلەن بىرگە خۇلاسە قىلىشۋە قىسقا قىلىپ خۇلاسە يېزىش.
11.سۇئال؛ئادەمنىڭ ئاساسى ھەرىكەت قابىليىتى قايىسلار؟
ئادەتتەمېڭىش،يۈگۈرۈش،سەكرەش،ئېتىش،ياممىشىش،ئېسلىش،ئوملەش،تاينىش،دومىلاش،تەكشىلىكىنى ساقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
12.سۇئال؛تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ قىممىتى نىمە؟
1.تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
2. رۇھى ساغلاملىقىنى ئىلىگرى سۇرىدۇ.
3.جەمىيەتكە ماسىلىشىش قابىليىتنى ئاشۇرىدۇ.
4.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىگە ۋە قابىليىتىگە ئىگە بولۇش،
13. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ ئاساسى ئىدىدىيسى نىمە؟
1.ساغلاملىق بىرىنجى دەيدىغان يىتەكچى ئىدىيە چىڭ تۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتلىشنى ئىلىگىرى سۇرۇش،
2.ھەرىكەتكە قىزىقىشنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنى يىتلدۇرۇش
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشنى مەركەز قىلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇۋرۇكلۇك ئورنىغا كۆڭۈل بولۇش
4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقىگە كۆكۈل بولۇش بىلەن ئوخشىمايدىغان تەلەپ قۇيۇش ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش
14.ئۆمۈرلۈك تەنتەربىيە دىگەن نىمە؟
كىشلەرنىڭ ئۆمۈر بۇيى ھەرخىل ئىھىتىياجى ئۈچۈن ئۈزۈلدۇرمەي ئىلىپ بارغان تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
15.يۈرەكنىڭ سۇقۇش قىتىمى دىگەن نىمە؟
يۈرەكنىڭ ھەربىر مىنۇتتا سۇققان قىتىم ساننى كۆرسىتىدۇ.
16.يىتەكلەش مەشىقى دىگەن نىمە؟
ھەرىكەت تېخنىكىسنى توغرا ئىگەللەش ئۈچۈن قوللانغان مەشىق جەرياندىن ئىبارەت.
17.مۇسابىقە قائىدىسىي دىگەن نىمە؟
مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى تەرەپ تەنھەرىكەتچىلىرى چۇقۇمئوراتاق بۇيسۇندىغان بىر خىل قائىدە –تۈزۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
18.بەدەن ئىچىكى ئورگانزمىلارنىڭ قابلىيىتى دىگەن نىمە؟
ئادەمنىڭ بىر پۇتۇن تەركىب تاپقان ھەرقايسى ئورگانىزملار سىسىتىمسىنىڭ ئىپادىلەپبەرگەن ھاياتلىق پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
20.ھەرىكەت تىخنىكا قابىلىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە قايسى زۆرۇر ئۈچ باسقۇچ بار؟
ھەرىكەتنى ئىگەللەش باسقۇچى،ھەرىكەتنى يۇقىرى كۆتۇرۇشنى ئۆزگەرتىش باسقۇچى،ھەرىكەتنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش باسقۇچدىن ئىبارەت.
21.ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇغۇم پەيلىرى يارلانغاندا ،سىز قايسى تەدىبرلەرنى قوللىنىسىز؟
يارلانغان ئورۇننى بىسپ تېڭىش،سۇغۇق ئۆتكۈزۈش،يارلانغان ئورۇنغا دورا سۇركەش،24سائەتتىن كىيىن يارلانغان ئورۇننى ئوۋلاپ بىرىش،،ئىسىسق ئۆتكۈزۈش ،دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىش قاتارلىقلار.
22.ئالدىغا موللاق ئېتىپ ئىككى پۇتنى قايچىلاشۇتۇرۇپ بەدەننى 180گىرادۇس بۇرۇلۇش ھەرىكەت تىخنىكىسنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى يېزىڭ؟
ئالدىچە موللاق ئېتىپ ئىككى پۇتنى قايچىلاشتۇرۇپ 180گىرادۇس بۈرۇلۇش؛ئالدىچە مولاق ئېتىپ يانپاش تىكىلىنىش ئورنىدىن ئۆتكەندىن كىينلا ئىككى پۇتنى ئالدى –كەينى قايچىلاشتۇرۇپ زوڭزىيىپ 180گىرادۇس بۇرۇلۇش؛23.بېلىقچە موللاق ئېتىش ھەرىكەت تېخنىكىسنىڭ مۇھىم نوقتىسنى يېزىڭ؟
ئالدىغا بېلىچقە موللاق ئېتىش؛يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىككى بىلەكنى كەينىدىن ئالدىغا ئۇچۇرۇش بىلەن بىرگە ئىككى پۇت بىلەن يەرنى تېپىپ پۇتنى تۈزلەپ بەدەننى ئالدىغا شۇڭغۇتىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئىككى پۇت يەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئىككى قول بىلەن پالازغا تاينىپتىزىلىكتە بىلەكنى ئىگىپباشنىپەس قىلىپ ئالدىغا موللاق ئېتىپ تىك تۇرۇش؛
24. بەدەن ئىقىتدارى دىگەن نىمە؟
بەدەندىكى ھەرقايىسى ئورگانزمىلار ئىقىتىدارىنىڭ بەدەن ھەرىكىتى جەريانىدا نامايەن قىلغان قابىليىتىنى كۆرسىتىدۇ.
25.ئۆپكە سىغىچانلىقى دىگەن نىمە؟
ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نەپەس ئېلىپ سۈمۈرگەن ھاۋانى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پۈۋلەپ چىققان يەل مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
26.ھەرىكەتلەندۇرگۈچى كۈچنىڭ مۇقىملىقى دىگەن نىمە؟
چوڭ مېڭە پوسىتى تۇقۇلمىسىنىڭ تاشىقى دۇنيادىكى بىر قاتار مۇقىم شەكىلىدىكى ھەرخىل سىگىنال ۋە ئاۋازلارغا قارىتا بىر يۈرۈش مۇقىم شەكىلدىكى ئىنكاس ئالامەتلەرنى شەكىللەندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
27.چىدامچانلىقدىگەن نىمە؟
ئادەمبەدىنى ئىمكانقەدەر ئۈزۈن ۋاقىت ئىچىدە مۇسىكۇللارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقىتدارىنى كۆرسىتىدۇ.
28.ھەرىكەت ئىقىتدارى دىگەن نىمە؟
بەلىگىلىك تەرتىپ ،تىخنىكا تەلىپى بۇيىچە ئورۇندىغان ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.
29.سۇئال؛ قاندىكى قەنت دىگەن نىمە؟
قاندىكى گىلوگوزا.قاندىكى قەنت ئاساسلىقى گىلوگوگىن بىلەنقەنتسىز ماددىلارجىگەردە گىلوگوزىغا ئايلنىپ قانغا قۇيۇلىدۇ.
30.سۇئال بەدىئى گىمناستىكا قايسى تۇرلەرگە بۆلۇنىدۇ؟
ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ۋەزىپىسىگە ئاساسەن،ئۇ ئادەتتكى گىمناستىكا،ۋە مۇسابىقە خاراكىتىردىكى گىمناستىكا دەپ ئىككى تۇرگە بولۇنىدۇ.
31.سۇئال؛تەنتەربىيە تۇزۇلمىسى دىگەن نىمە؟
دۆلەتنىڭ تەنتەربىيىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشتىكى تۇرلۇك ئاپراتلار،ھەرخىل تۇزۇملەرۋە قائىدىلەرنىڭ تىغىىدىسنى كۇرسىتىدۇ.
32.سۇئال؛تەنتەربىيىنىڭ رولى دىگەن نىمە؟
تەنتەربىيىنىڭ ئالاھلىكىنىڭ ئادەم ۋە جەميەتكە كۇرسەتكەن ياخشى تەسىرى ۋەئونۈمىنى كۇرسىتىدۇ.
33.سۇئال؛يۇرەك رىتىمى دىگەن نىمە؟
ھەربىر مىنۇت ئىچىدە يۇرەكىنىڭ سۇقۇش قىتىم سانى كۇرسىتىدۇ.
34.سۇئال؛مەركەز دىگەن نىمە؟
ئادەم بەدىننىڭ ھەرقايسى ئورنى ئىغىرىلىق كۇچى تەسىرگە ئۇچىرغاندامۇۋاپىق بولغان كۇچىنىش ئورنى.
35.سۇئال؛قان بىسىمى دىگەن نىمە؟
قاننىڭ قان تۇمۇر دېۋارىغا چۇشۇرگەن بىسىمىنى كۇرسىتىدۇ.
36.سۇئال؛ھەرىكەت سۇرئىتى دىگەن نىمە؟
يەككە ياكى يۇرۇشلەشكەن ھەرىكەتلەرنى تاماملاش ۋاقىتىنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىققا قارتىلغان.ئۇ سۇرئەت ساپاسنىڭ بىر خىل شەكلى.
37.سۇئال؛بەدەن چىنىقتۇرۇش دىگەن نىمە؟
بەدەننى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،سالامەتلىكن ياخشىلاش،تەن سقلىقنى كۇچەيتىش،نىرۋىنى تەڭشەش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش مەقسىتىكى بەدەن پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
38.سۇئال؛گىمناستىكا قايسى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ؟قانداق تۇرلەرگە بۇلۇنىدۇ؟
مەشىقتىكى ئىپادلەش ئالاھلىككە ئاساسەن
1.سەپ مەشىقى،2.ئەسۋاپسىز گىمناستىكا،3.يىنىك ئەسۋاپىلىق گىمناستىكا،4.ماھارەت كۇرسىتىش ھەرىكىتى،5. ئەسۋاپىلىق گىمناستىكا،6.سەكىرەش،7.بەدىئى گىمناستىكا،
گىمناستىكىنىڭ مەشىقىىڭ مەقسىتى ۋە ھەل قىلدىغان ئاساسلىق ۋەزىپىسگە قاراپ ئاساسى گىمناستىكا ۋەمۇسابىقە خاراكتىردىكى گىمناستىكا دەپ ئىككى تۇرگە بۆلۇنىدۇ.
39.سۇئال ؛ئاساسى گىمناستكا قايسى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؟
1.ساقلىقنى ساقلاش گىمناستىكىسى،2.ئىشلەپچىقىرىش گىمناستىكىسى،3.ياردەمچى گىمناستىكا
40.سۇئال؛ مۇسابىقە خاراكتىردىكى گىمناستىكا قايسى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؟
1.مۇسابىقلىشش خاراكتىردىكى گىمناستىكا-ئەرلەر؛ئەركىن گىمناستىكا،ھالقىلىق ئات،ئاسما ھالقا،ياغاچ ئاتتىن سەكرەش،قوش تونىك،يالاڭ تورنىڭ: ئايال؛--توغىرسىغا قۇيۇلغان ياغاچ .ات،ئىگىز-پەس تورنىڭ،گورزىنتال لىم،ئەركىن گىمناستكا،
2.ماھارە كۇررسىتىش تەنھەركىتى؛ئەر-ئايال يالغۇز،قوش،ئايال ئۈچ كىشلىك،ئەر توت كىشلىك،
3. بەدىئى گىمناستىكا؛
41.سۇئال؛بەدەن ساپاسى دىگەن نىمە؟
ئادەم بەدىننى ھەرىكەت قىلغاندا،ئەمگەك ۋەتۇرمۇش جەريانىدا ئىپادلەپ چىقارغان كۇچ،سۈرئەت،چىداملىق،سەزگۈلۇك،ئىلاستىكلىق قاتارلىق فۇنكىتسىيە قابىليەتنى كۆرسىتدۇ،
42.سۇئال؛بەدەن تەربىيسى دىگەن نىمە؟
بەدەن ھەرىكىتىنى ۋاستەقىلغان مائارىپنى كۆرسىتىدۇ.ئاساسلىقى مەكتەپ تەنتەربىيسى تارمەنىدىكى تەنتەربىيە ئوقۇمنى كۆرسىتىدۇ.
43.سۇئال؛بەدەن چىنىقتۇرۇش دىگەن نىمە؟
ساغلام بەدەن،تىبىي داۋالاش گىگىنسى،كۆڭۇل ئىچىشنى ئاساس قىلغان بەدەن پائالىيەتلىرىدۇر.
44.سۇئال؛مەشىق تىزلىك ئونۇمى دىگەن نىمە؟
بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەكرار قىتىم سانى كۆرسىتىدۇ.
45.سۇئال؛مەشىق تىزلىكى دىگەن نىمە؟
تەنتەربىيە چىنىقىش داۋامىدا بەدەن ياكى بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى ئورۇن يۆتكەش ئىپادىسنى كۆرسىتدۇ.
46.سۇئال؛مەشىق كۇچى دىگەن نىمە؟
تەنتەربىيە چىنىقىش داۋامىدا ھەركەتلەنىڭ ئورۇنداش داۋامدا،بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنىڭ قارشلىق كۇچلەرنى يېڭىش قابىليىتىنى كۆرسىتىدۇ.
47.سۇئال؛مەشىق رىتىمى دىگەن نىمە؟
تەنتەربىيە چىنىقش داۋامدامەشىقنىڭ ھەرقايسى قىسمى بەلگىلىك تەرتىپ بۇيىچە ئىپادىلەپ چىقارغان ئاجىز-كۇچلۇكلۇك،ۋاقىت ئارلىق مۇناسۋىتى،مەشىقنىڭ تىز-ئاسىتلىقى،كۇچنىڭ ئاجىز-كۇچلۇكى،ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى،مۇسكۇللارنىڭ جىددىلىشى ۋە بۇششى قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىت،ئارلىقنىڭ ئالماشتۇرۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
48.سۇئال؛ساقلىقىنى ساقلاشتەنتەربىيسى دىگەن نىمە؟
ساقلىقىنى ساقلاش تەنتەربىيە دەرسى بەدەننىڭ يىتىلىشىدە نۇرمالسىزلىق ياكى مەلۇم ئاستا خاراكتىرلىك كىسلى بولغان ئوقۇغۇچىلارغاقارتتاتەسس قىلىنغان مەخسۇس تۇردىكى دەرستىن ئىبارەت.تەنتەربىيەداۋالاش ئوسۇلىى قۇللىنپ،ئۇنى دۇرا بىىلەن داۋالاشقا ماسلاشتۇرۇپ،ئاغىرىق ،ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساللامەتلىكنى تىزدىن ئەسىلىگەكىلىشنىى ئىلگىرى سۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن داۋالىنىشىنىڭ ئوسۇلنى ئىگەلللىتىپ،ئۇلارنىڭ بەدىىنى ئەتراپىلىق چىنىقتۇرۇش،ئىمكانيىتىگە ئىگە قىلىش،ئىنىقىلاپ ئۈچۈن ئاڭلىق ئۆستۇرۇش لازىم.
49.سۇئال؛ئەسۋابىسىز گىمناستىكا دىگەن نىمە؟
ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئالاھلىككە ئاساسەن بەلگىلىك تەرتىپگە ئىگە بولغان ھەرخىل كۇتۇرۇش،سىلىكىش،بۇراش،ئىگىلىش،تۇزلەش،ئايلاندۇرۇش،قاتارلىق ئەسۋابىسىز ھەرىكەتلەىردىن تەشكىل تاپقان ئاساسى مەشىقىتىن ئىبارەت.
50.سۇئال؛يىنىك ئەسۋاپلىق گىمناستىكا دىگەن نىمە؟
قولدا يىنىك ئەسۋابلارنى تۇتۇپ ئوينىلدىغان بىر خىل گىمناستىكا مەشىقىتىنئىبارەت.
51.سۇئال؛ئەمەلىي گىمناستىكا دىگەن نىمە؟
كۇندىلىك تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ھەربىي ئىشلاردا قوللىندىغان ماھارەتلەرگە ئاساسەن تاللاپ ئىشىلىتىدىغان بەدەن گىمناستىكا مەشىقى شەكىلدىن ئىبارەت.
52.سۇئال؛تايىنىپ سەكرەش دىگەن نىمە؟
تايىنىپ سەكرەش قىسقا ئارلىقتىكى ياردەمچى يۇگۇرۇش ئاساستا قاڭقىش ئارقىلىق ئىككى بىلەك بىلەن تايىنىپ تىزلىكتە بەلگىلىك ئىگىزلىكتىكى تۇسۇلغۇدىن ئۆتۇشتىن ئىبارەت. ئۇ بەلگىلىك ئەمەلىي ئەھمىيىتگە ۋە چېنىقىش قىممىتىگە ئىگە.
53.سۇئال؛ تاينىپ سەكرەشنىڭ ئاساسى تىخنىكىسى قايسى؟
1.ياردەمچى يۇگۇرۇش2.قاڭقىش3.بىرىنجى قىتىم بوشلۇققا كۆتۇرۇلۇش،4.تايىنىپ قولدا ئىتتىرىش5.ئىككىنجى قىتىم بوشلۇققا كۆتۇرۇلۇش6.يەرگە چۈشۈشتىن ئىبارەت.
54.سۇئال؛كۇچ ئۇلاپ يۇگۇرۇش دىگەن نىمە؟
كۇچ ئۇلاپ يۇگۇرۇش قىسقا ئارلىققا يۇگۇرۇش ۋە تاياق بىرىش ۋە ئېلىشتىن تەركىب تاپقان كوللىكتىپ ماسلىشىپ ئورۇنلايدىغان ھەرىكەت تۇرىدىن ئىبارەت.
55.سۇئال؛ سەپ شەكىلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇللىرى قايسىلار؟
سەپنى ئايىرىش،بىرىكتۇرۇش،قۇشۇلۇش،بۆلۇنۇش ئۇسۇللىرى سەپ بۆلۇپ كىتىۋىتپ سەپنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسي ئۇسۇللىرىدۇر.
56.سۇئال؛ۋالىبول ھەركىتىكى تەييارلىق قىياپەت ۋە يۆتكىلىش دىگەن نىمە؟
تەييارلىق قىياپەت –تىز يۆتكىلىش ياكى تىخنىكىلىق ھەرىكىتنى ئورۇنداش ئۈچۈن قوللىندىغان بەدەننىڭ مۇۋاپىق ھالتىدىن ئىبارەت.
يۆتكىلىش—تەييارلىق قىياپىتى ئاستىدا بەدەننىڭ ئىغىرلىق مەركىزىنىڭ ئورنى ئۆزگەرتىپ،بەدەننى مەلۇم يۇنلىنىشكە قاراپ يۆتكەشتىكى قەدەم ئېلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.
57.سۇئال؛تەييارلى قىياپىتى قانچە قىسىمغا بۆلۇنىدۇ؟
سەل زوڭزىيىش،يىرىم زوڭزىيىش،تۇۋەن زوڭزىيىش قاتارىلىقلاردىن ئىبارەت.
58.سۇئال؛ تەييارلىق قىياپىتى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قايسى؟
ئىككى پۇتنى تەبئى كىرىش،ئىككى تىزنى مۇۋاپىق ئىگىش،قۇرساق ئىچىگە تارتىلىپ،ئىغىرىلىق مەركىزنى ئالدىغا يۆتكەش،بەدەننى بوش ۋە ئەركىن تۇتۇش،
59.سۇئال؛يۆتكىلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قايسى؟
ۋاقىتىدا ھۇكۇم قىلىش،ئىنكاس تىز بولۇش،پۇتنى كۇتۇرۇپ،بەلنى ئىگىپ،بەدەن ئىغىرىلىق مەركىزىنى يۆتكەش،بىرىنجى قەدەمدە پۇتنى تىز تىرەش،بەدەن مۇقىم بولۇش،قەدەم ئۇسۇلى جانلىق بولۇش،
60.سۇئال؛ئىلھاملامدۇرۇپ يىتەكلەش ئوسۇلى دىگەن نىمە؟
○1ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنىڭ كونكىرت يوللىرىنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندرۇش،ئوقۇتۇش جەريانىدائوقۇغۇچىلارنى تەدىرىجى ھالدا تەلپىنى قاندۇرۇشقا يىتەكلەش ،ئاخىردا ئوقۇتقۇچىنىڭ توغرا جاۋابىنى ئوتۇرغا قۇيۇپ بىرىشنى كۇرسىتىدۇ.
61.سۇئال؛ئىلھاملاندۇرۇپ يىتەكلەشنىڭ قانداق ئالاھلىكى بار؟
○1 .يېڭى دەرس ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى تەلپنى ئوتۇرغا قۇيىدۇ،لىكىن سۆزلەپ چۈشەندۇرمەيدۇ. ئۈلگىمۇ كۇرسەتمەيدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يۇرگۇزۇشنى قوزغاش ئاساس قىلىندۇ.
○2.كۆپ خىل ئىلھاملاندرۇش،ئەسلەش،توغرا خاتانى سىلىشتۇرۇش،ۋە قىسقا ۋاقىتىلق مۇزاكىرە شەكىللىرىنى قۇللىنشقا بۇلىدۇ.
○3 .ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىى ئۆگەندەمۇسابىقە ئۇسۇلى ۋە ئايلىنىىش ئۇسۇلىنى قۇللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىى قوزغاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانىلىقىنى يۇقىرى كۇتۇرۇشتە رولى ناھايىتى چوڭ.
62.سۇئال؛يىتەكلەش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟'
بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنتەربىيە تايانچىللىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ،ئۇلارغا مەركىزى دەرسنىڭ مەزمۇىن ۋە تەشكىللەش ئۇسۇلىنى ئەسلىتىپ،ئۇلار ئارقىلىق پۇتۇن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى مەشىق ئىشلەشكە يىتەكلەش،ئوقۇتقۇچى ئايلىنىپ يۇرۇپ يتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىى كۆرسىتىدۇ.
66.سۇئال؛كۇزىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىلىكى قايسىلار؟
1.ئوقۇتقۇچى مەلۇم بى تۇرلۇك ئوقۇتۇش ماتىريالىنى ئىگەللىتىش تەلىپنى ئوتۇرغا قۇيىدۇ.ئوقۇغۇچىلار پىكىر يۇرگۇزۇش،چارە-ئامال تېپىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوتۇرغا قۇيغان يىپ ئۇچىغا نىسپەتەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
2.ئوقۇغۇچىلار مەلۇم بىر تۇرلۇك ئوقۇتۇش ماتىريالىنى ئىگەللەشتە قىيىنىچىللىققا ئۇچىرغاندا،ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ،
3.ئوقۇتقۇچى مەلۇم بىر دەرسنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئايىرىم گۇرۇپپىلار بۇيىچە يتەكچىلك قىلىدۇ.
63.سۇئال؛ يىتەكلەش ئۇسۇلىنڭ ئالاھلىكى قايسى؟
1.بۇخىل ئۇسۇل كۆپىنچە تەكرارلاش دەرسى ۋە تەشكىللىك ئىلىپ بىرلىدىغان دەرستىن سىرتقى چىقىنشلاردا قۇللىندۇ،تايانچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،تايانچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرستىن ئىلگىرى تاپشۇرغان ئوقۇتۇ مەزمۇنى ۋەئوقۇتۇش ئۇسۇلنى ،مەقسىتىنى چۈشنەلەيدىغان قىلىش كىرەك.
2.ئوقۇتقۇچى ئايلىنىپ يۇرۇپ يىتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق،خاتا ھەرىكەتنى تۇزىتىش كىرەك.
3.ياردەمچىلەر چۇقۇم ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى ئاساسى بىر قەدەر يا خشى بولغان ئوقۇغۇچى بولۇش،
4.مەشىق قىلىش جەريانىدا بىر-بىرنى كۇزىتىش ،بىر-بىرگە ياردەم بىرىش لازىم.
64.سۇئال؛تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
تەنتەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتۇش ۋەزىپىسنى ئورۇنلاشنىڭ يولى ۋە ۋاسىتلىرى كۆپ بولۇپ،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سەنىئىتى ۋە ئوقۇتۇش ماھاريىتىنى ئىپادلەشتىن ئىبارەت .
65.سۇئال؛ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قانچە خىل بولىدۇ؟
تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛ 1.سۆزلەپ چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلى2.ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى،ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى،يىتەكلەش ئۇسۇلى،مەشىقلەندۇرۇش ئۇسۇلى
66.سۇئال؛مەشىق قىلىش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئلھاملاندۇرۇش ۋە يىتەكلىشى ئارقىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەبىيە ئوقۇتۇشنىڭ ۋەزىپىسى تەلىپىگە ئاساسەن مەقسەتلىك ھالدا تەكرار بەدەن مەشىقى ئىلىپ بىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
67.سۇئال ؛تەكرار بەدەن مەشىقى دىگەن نىمە؟ئۇ قانچە تۇرگە بولۇنىدۇ؟
ھەرىكەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت يۇكىنىڭ يۇزەكى سانىلىق ئاساسنى ئۆزگەرتىمەستىن تەكرار مەشىىق قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ تەكرار مەشىق قىلىش ئۇسۇلى ۋە دەم ئالدۇرۇپ مەشى قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئىككى تۇرگە بولۇنىدۇ.
68.سۇئال؛ ئالماشتۇرۇپ مەشىق قىلىش ئوسۇلى دىگەن نىمە؟
ئۆزگەرگەن شارائىت ئاسىتدا تەكرار ئىلىپ بىرىشتەك بىر خىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
69.سۇئال؛خاتالىقىنى سەزگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق قىلىش جەرياندىكى خاتالىقىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەھىلىل قىلىش،
2.خاتالىنىقى تۇزىتىش ئاساستا مەشىق قىلىشقا يىتەكلەش،
3.خاتاللىقىنى سەزگەندە چۇقۇم ئوخشاش خاتالىقسادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلار سانىغا قاراپ تۇزىتىش شەكىلىنى قۇللىنىش،
70.سۇئال؛پارچىلاپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قۇللانغاندا نىملەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
1.ھەرىكەتلەرنى پارچىلىغاندا ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئورگانىزم مۇناسۋىتى بىلەن دىققەت قىلىپ،ھەرىكەت قۇرۇلمىسىى پارچىلاش لازىم،
2.ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تۇلۇق ھەركەتتكى ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.
3.تۇلۇق ئۆتۇش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرۇش لازىم.
71.سۇئال؛ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى قانچە خىل؟
مەشىق قىلىش ئۇسۇلى ئۈچ خىل بۇلىدۇ.1-تەكرار مەشىق قىلىش ئۇسۇلى،2-ئالماشتۇرۇپ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى،3-ئايلىنىپ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى
72.سۇئال؛خاتالىقىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى قايسىلار؟
1.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،ئوقۇتۇش ماتىريالىنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى يىتەرسىز بولۇش،
2.دەرسلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ئۆتۇش ئۇسۇلىنىڭ تاللىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقىتدارى ئوتتۇرسىدىكى پەرقىنىڭ چوڭ- كىچىك بولۇپ قىلىش،
3.ئوقۇغۇچىلاردا ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇنغا نىسپەتەن ئىدىۋى تەييارلىقىنىڭيىتەرسىىز بولۇش،
4.ئوقۇتقۇچى كۆرسەتكەن ھەرىكەتلەرنى خاتا ئىگەللىۋىلىش قاتارلىقلار...
73.سۇئال؛ئايلىنىپ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسگە ئاساسەن بىر قانچىلىغان مەشىقلەرنى تاللاپ،بىرقانچىلىغان مەشىق نوقىتلىرىنى قۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك گۇرۇپپارغا بۆلىدۇھەمدە ھەربىر گۇرۇپپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىر نوقىتىدىن بەلگىلەنگەن مەشىقىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىين باشقا نوقتىغا بىرىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
74.سۇئال؛ ئايلىنىپ مەشىق قىلىش ئۇسۇلى قانچە خىل بولىدۇ؟
(1)بەدەن ئىقىتدارى بۇيىچە تۇرگە بولۇنشى(2)بەدەننىڭ ئاناتۇميىلىك ئورنى بۇيىچە بولۇنىشى
(1)ئەسۋاب ئىشلىتىش ئورنى بۇيىچە تۇرگە بولۇنىشى (2)مەخسۇس ۋە ئونۋىرسال تۇرگە ئايرىش،
75.سۇئال؛ئۈلگەكۆرسەتكەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
1.مەقسەت ئايدىڭ بولۇش كىرەك.ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى،ئوقۇتۇش قەدەم باسقۇچى شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلنىشى لازىم.
2.ئۈلگە توغرا،پىششىق ،گۈزەل بولۇشى لازىم،
3.ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى ۋە يۆنلىنىشگە دىققەت قىلىش لازىم.
4.ئوقۇتۇش ئۈنۇمنى ئۆستۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۇرۇشنى بىرلەشتۇرۇش لازىم،
76.خاتا ھەرىكەتلەرنى تۇزىتىش ئۇسۇلى قايسىلار؟
1.مەقسەتلىك ھالدا تەنتەربىينى كۇچەيىتىپ،جاپاغا چىداپ ئىشلىشى،باتۇرانە ،قەيسەر بولۇش،
2.سۆزلەپ چۈشەندۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىىش سۈپتىنى ئۆستۇرۇش،توغرا ھەرىكە ت ئۇقۇمنى تىكلەش،ھەرىكەتنىڭ مۇھىم جايى ۋە ئورۇنداش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ چۈشەندۇرۇپ،ھەركەت خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
3.مۇناسۋەتلىك تىخنىكا ماھارەتنىڭ ئىھىتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەدەن ساپاسىنى ئۆستۇرۇش لازىم.
4.قوغداش ،ياردەم بىرىش تەدبىرىلىرىنى كۇچەيىتىپ،شارائىتىنى ياخشىلاش لازىم.
5.ھەركەتنى كۇزىتىش ،تەھىل قىلىشقا ماھىر بولۇش،سەۋرچان بولۇپ،ئالدىدىن كۆرەرلىكىنى ئۆستۇرۇش لازىم.
77.سۇئال؛ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللىغان ۋە ئىشلىتىگەن چاغدا نىملەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
1.قوزغىتىش ئۇسۇلىنى ئىچىللاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانىلىقىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش،
2.دەرسلىكنىڭ ئالاھلىككە ئۇيغۇن كىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم تىخنكا ماھارەت ئىگەللىشگە پايدىلىق بولۇش،
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەليىتىگە بىرلەشتۇرۇپ،دەرسلىككە قاراپ ئوقۇتۇش لازىم.
4.تەنتەربىيە ئالاھلىككە مۇۋاپىق كىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلىگىلىك ھەركىتىنى يۇقىرى كۇتۇرۇش،جانلىقىنى ئۇستىگە ئالالايدىغان بولۇش لازىم.
78.سۇئال؛ سۆزلەپ چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا نىملەرگەدىققەت قىلىش كىرەك؟
1.مەقسەت ئېنىق بولۇش كىرەك.ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى،مەزمۇنى،شۇنىڭدەك ئوقۇتۇش جەرياندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-تىخنىكا جەھەتتىكى ساغلاملىق،ئەمەلىيئ ئەھۋالغا ئاساسەن سۆزلەپ چۈشەندۇرۇش،
2.مەزمۇن توغرا بولۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنش دەرىجىسىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم.
3.سۆزمىغىزلىق،جانلىق ،ئوبرازلىق،مۇھىم نوقتا گەۋدىلىك،چۈشنىشلىك،ئېنىق ،ياڭراق،كۆرسەتمە ئاددى بولۇش،
4.پۇرسەت ئۇنۇمىگە دىققەت قىلىش كىرەك.
79.سۇئال؛رەت دىگەن نىمە؟
ئوڭ –سولغا سىغدىلىپ تۇرۇش رەت دەپ ئاتىلىدۇ.
80.سۇئال؛قانات دىگەن نىمە؟
سەپ شەكىلنىڭ ئوڭ –سول ئۇچلىرى قانات دەپ ئاتىلىدۇ.
81.سۇئال؛ئۇدۇل تەرەپ دىگەن نىمە؟
سەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇزلىنىپ تۇرغان تەرىپى ئۇدۇل تەرەپ دەپ ئاتلىدۇ.
82.سۇئال؛ ئارقا تەرەپ دىگەن نىمە؟
ئۇدۇل تەرەپنىڭ ئەكىس تەرىپى ئارقا تەرەپ دەپ ئاتلىدۇ.
83.سۇئال؛ بوشلۇق دىگەن نىمە؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە ياكى سەپ بويىچە ئۆزئارا ئوڭ- سول ئارلىقى بوشلۇق دەپ ئاتلىدۇ.
84.سۇئال؛توغرا سەپ دىگەن نىمە؟
ئوقۇغۇچىلارنىو يەككە ياكى سەپ بويىچە ئو\سولغا سىغدىلىپ قاتار بولۇشتىن تۇزۇلگەن سەپ شەكلى توغرا سەپ دەپ ئاتلىدۇ.
89.سۇئال؛قاتار دىگەن نىمە؟
بىرنىڭ كەينىگە بىرى تىزلىپ تۇرۇش قاتار دەپ ئاتلىدۇ.
85.سۇئال؛ئارلىق دىگەن نىمە؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە ياكى سەپ بويىچە بىرنىڭ كەيىنىگە بىرى تۇرۇشتىن تۇزۇلگەن سەپ شەكلى ئۇزۇن سەپ دەپ ئاتلىدۇ.ئۇزۇن سەپتە سەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكىدىن چوڭ ياكى ئۇنۇڭغا تەڭ بولىدۇ،
86.سۇئال؛قۇشۇن دىگەن نىمە؟
ئىككى رەت توغرا سەپنىىڭ ئالدى –كەينىدىكى ئۆزئارا ئۇدۇل كەلگەن ئىككى ئوقۇغۇچى بىر قۇشۇن دەپ ئاتلىدۇ.ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى رەتتە بىر ئادەم كەم بولسا،بۇ كەم قۇشۇن دىيىلىدۇ.ئىككى رەت توغرا سەپ ئارقىغا بۇرۇلغاندا،كەينىدىكى ئوقۇغۇچى ئالدى رەتكە ئوتۇپ ،ئۇرۇننى تۇلۇقلىشى كىرەك.ئالدى رەتتىكى ئوقۇغۇچى ئۆز رىتىدىن ئايرىلغاندا،ئۇنىڭ ئۇرنى قۇشۇننىڭ ئارقا رىتىدىكى ئوقۇغۇچى تۇشقۇزۇشى كىرەك.
87.سۇئال؛ يەككە قەدەم دىگەن نىمە؟
بىر قەدەم يەككە قەدەم دىيىلىدۇ.
88.سۇئال؛قەدەم ئارلىقى دىگەن نىمە؟
بىر قەدەمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولۇپ ،ئالدىغا ئېلىنغان پۇتنىڭ ئۇچىدىن كەينى تەرەپتىكى پۇتنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
89.سۇئال؛ قوش قەدەم دىگەن نىمە؟
ھەر ئىككىلا پۇتتا بىر قەدەمدىن مېڭىش قوش قەدەم دەپ ئاتلىدۇ
90..19-نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئافرىقا پۇتبۇل لوڭقسىى مۇسابىقىسى قاچاندىن قاچانغىچە ئۆتكۈزۈلدى؟
جەنۇبىي ئافرىقا پۇتبۇللوڭقىسى مۇسابىقىسى 2010-يىل6-ئاينىڭ 11-كۈندىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنگىچە ئۆتكۈزۈلدى ،بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىسپانىيە 1-لىككە،گوللاندىيە2-لىككە،گىرمانىيە 3-لىككە ئىرىشتى.
بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ؛
1.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى بولسا بەدەن مەشىقىنى ئاساسى ۋاستە قىلدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۇرۇشنى مۇھىم نىشان قىلدىغان چۇقۇم ئۆتۇلدىغان ياكى زۆرۇردەرسىلىك.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت ئىشلىگەن ۋاقىتىدا شەكىلەنگەن ھەرىكەت شەكلى بولسا سەپ شەكلى سەپ ئاتلىدۇ.
3.يىراققا سەكرەشنىڭ ھەرىكەت تىخىنكا بۆلەكلىرىبولسا ،ياردەمچى يۈگۈرۈش،قاڭقىش ،بوسلۇقىتىكى ھەرىكەت ، يەرگە چۈشۈشتىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.
4.توغرا بولغان تىك تۇرۇش قىياپىتى بولسا باش ،بۇيۇن ،گەۋدە ۋە پۇت قاتارلىقلار.ئوق قىلىنىپ بىر تۈز سىزىقتەكتىكلىنىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە كۆكرەكنى كېرىپ ئىككى بىلەكنىتەبئىي ساڭگىلىتىپ،ناھايىتى گۈرەل بەدەن شەكىلىنى شەكىلەندۇرىدۇ.
5.ئاساسى گىمانستىكا بولسا سەپ ۋە گىمناستىكا سەپ شەكلى ،رادىئو گىمناسىتىكىسى يەنە يىنىك ئەسۋابلىق گىمناسىتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6.ئادەم بەدىنگە ئىھتياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلار بولسا قەنىت،ماي، ئاقسىل،ۋىتامىن ،مېنرال مادىدىلار ،ۋە سۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7.گۈبەيدەننىڭ ئولمىپىڭ روھى ئۆمۈرلۈك تەشەبببۇس قىلىنغانتەنتەربىيىگە مەدىھىيە دىگەن ئەسىرى ئىلان قىلىنىپئولىمپىك كۆمىتتى تەرىپىدىن ئالتۇن ئوردىنغا ئېرىشىپ ھازىرىقى زامان ئولىمپىك ھەرىكىتنىڭ دادىسى دىگەن شەرەپلىك نام بىرىلىدى.
تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئۆلچىمىدىن سۇئال-جاۋابلار
1.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس خاراكىتىرىنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟
تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى بەدەن مەشىقىنى ئاساسى ۋاستە ،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان چۇقۇم ئۆتۇلدىغان دەرس بولۇپ ،مەكتەپ دەرس سىستىمىسنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى.شۇنداقلا ساپا مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش ۋە ئەخقالقىي ،ئەقلى،جىسمانىي ،گۈرەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىختساسلىق جادىملارنى يىتىشۇتۇرۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم يول،ئۇ ئەسىلدىكى تەنتەربىيە دەرسىنى چۇڭقۇر ئىسلاھ قىلىپ،ساغلاملىق نىشاننى گەۋدىلەندۇردىغان دەرستۇر.
2.سۇئال؛تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ قىممىتى نىمە؟
1.تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
2. جىسمانىيساغلاملىقىنى ئىلىگرى سۇرىدۇ.
3.ئىجىتمائىي ماسىلىشىش قابىليىتنى ئاشۇرىدۇ.
4.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىققا دائىر بىلىملىرىگە ۋە قابىليىتىگە ئىگە بولۇش،
3. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ ئاساسى ئىدىدىيسى نىمە؟
1.ساغلاملىق بىرىنجى دەيدىغان يىتەكچى ئىدىيە چىڭ تۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتلىشنى ئىلىگىرى سۇرۇش،
2.ھەرىكەتكە قىزىقىشنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنى يىتلدۇرۇش
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشنى مەركەز قىلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇۋرۇكلۇك ئورنىغا كۆڭۈل بولۇش
4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقىگە كۆكۈل بولۇش بىلەن ئوخشىمايدىغان تەلەپ قۇيۇش ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش
4.تەنتەربىيە ۋە شاغلاملىق دەرس ئۆلچىمىنى لايھىلەش ئوي-پىكىرى قايىسلار؟
1.دەرسنىشانى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆگىنىش ساھەسىنى ئايرىش
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق تەرەققىيات ئالاھىلىكىگە ئاساسەن ئۆگىنىش ساھەسىنى ئايرىش
3.مەشخۇلاتچانلىق ۋە كۈزىتىشچانلىق تەلىپىگە ئاساسەن كونكىرىت ئۆگنىش نىشاننى بەلگىلەش
4.ئۈچ دەرىجىلىك دەرس باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن دەرس مەزمۇننىڭ تاللاشچانلىقىنى زورايتىش
5.دەرسنىڭ تەرەققىيات خاراكىتىرىلىك تەلىپىگە ئاساسەن باھالاش سىسىتىمىسنى بەربا قىلىش
5. سۇئال؛ئۆگنىش ساھەسى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ھەرىكەتكە قاتىنىشش،ھەرىكەت ماھارىيىتى،جىسمانىي ساغلاملىق،پىسىخكىلىق ساغلاملىق ۋە ئىجىتمائىي ماسلىشىشتىن ئىبارەت بەش ساھەگە ئايرىلىدۇ.
6. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ نىشانى نىمە؟
1.ئوقۇغۇچىلار بەدەن ئىقىتدارىنى كۆچەيىتىدۇ، تەنتەرەبىيە ۋە ساغلاملىققا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى،ھەرىكەت ماھارىيىتىنى ئىگەللەيدۇ ۋە قوللىنىدۇ.
2. ھەرىكەتكە قارىتا قىزىقىش ۋە ھەۋەسنى يىتىلدۇرۇپ ،بەدەن چىنقىتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئاددىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ.
3. ياخشى پىسىخىكلىق پەزىلەت يىتىلدۇرۇپ كىشلىك مۇناسۋەت ئىقىتدارى ۋە ھەمكارلىك روھىنى ئىپادىلەيدۇ.
4.شەخسى ساغلاملىق ۋە كۆللىكىتىپ ساغلاملىققا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۇرۇپ ،ساغلام ياشاش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۇرىدۇ.
5. تەنتەربىيە روھنى جارى قىلدۇرۇپ ،پائال ئىلگىرلەش،ئۈمىدۋار،ئۇچۇق-يۇرۇق بولۇشتىن ئىبرەت پوزىتسىيىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ.
7.ئۆگنىش ساھەسىنىڭ ھەرىكەتكە قاتنىشش نىشانى نىمە؟
1.تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش پوزىتسسىيسىدە بولۇش ۋە قاتىنىشش،
2.تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئىلىمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتنىشىش،
8.سۇئال؛ئۆگىنىش ساھەسنىڭ ھەرىكەت ماھارىيىتى نىشانى نىمە؟
1.ھەرىكەت ئاساسىي ب بىلىملىرىنى ئىگەللەش؛
2.ھەرىكەت ماھارىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش؛
3.تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن بىخەتەر شۇغۇللىنش؛
4.دالا پائالىيىتىدىكى ئاساسى ماھارەتنى ئىگەللەش؛
9.سۇئال؛ئۆگىنىش ساھەسىدىكى جىسمانى ساغلاملىق نىشانى نىمە؟
1. توغرا بەدەن قىياپىتىنى شەكىللەندۇرۇش؛
2.بەدەن ئىقىتدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛
3.بەدىنى ۋە ساغلامىلىققا كۆڭۈل بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش؛
4.ئۇزۇقلۇق ،مۇھىت،ناچار قىلمىشلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بېىلىش؛
10.سۇئال؛ ئۆگىنىش ساھەسىنىڭ پىسىخىكىلىق ساغلاملىق نىشانى نىمە؟
1. تەنتەربىيە پائالىيىتنىڭ پسىخىكىلىق ساغلاملىقىدىكى رولنى چۈشىنىش،جىسمانىيۋە پىسىخىكىلىق تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېلىش؛
2.تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن غۇرۇر ۋە ئۆزىگە ئىشنىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېلىش؛
3. تەنتەربىيە پائالىيىتىقاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى ئۆگىنىش؛
4. قىيىنچىلىقىنى يېڭىشتىن ئىبارەت قەيسەر ئىرادە-پەزىلەتنى يېتىلدۇرۇش؛
11.ئۆگنىش ساھەسىنىڭ ئىجىتمائىي ماسىلىشىشنىڭ نىشانى نىمە؟
1. نورمال كىشلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ،ياخشى ھەمكارلىق روھى ۋە تەنتەربىيە ئەخلاقىقا ئىگە بولۇش؛
2.ھازىرقى جەمىيەتتىكى تەنتەربىيە ۋە ساغلامىلىققا دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋىلىش؛
12.سۇئال؛ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئۆلچىمىنىيولغا قۇيۇشتا قايىسى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟
1 .جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئۆتۇش لايھىسىنى تۈزۈشى ھەققىدە
1) تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسنىشانى سىستىمىسىنى توغرا تۇنۇش ۋە ئىگىلەش؛
تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس نىشانى سىسىتىمىس بەس ساھەم ئۈچقاتلام بۇيىچە دەرس نىشان سىسىتىمىسنى بەربا قىلىش كىرەك
ئۈچ قاتلام؛
دەرس نىشانى- ساھە نىشانى-سەۋىيە نىشانى
2)جايلارنىڭ دەرس ئۆتۇش لايھىسنى ھەرقايىسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ تۈزۈش كىرەك.
3)مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس ئۆتۈش لايھسىنى تۈزۈش كىرەك.
2.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇ لايھسىنى تۈزۈش ھەققىدە؛
1)ئۆگنىش نىشانى تەلىپگە ئاساسەن ،ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تاللاش ۋە لايھىلەش كىرەك.
2)ئوقۇتۇش مەزمۇننى تاللاشقا قۇيۇلدىغان ئاساسى تەلەپ.
3)ئوقۇتۇش مەزمۇننىڭ سائەت نىسىپىتىنى بەلىگىلەش پىرىنسىپى
3.ئوقۇتۇشنى تەشىكىللە شەكىلنى تاللاش ھەققىدە؛
1)سىنىپلار بۇيچە ئوقۇتۇش ۋە گۈرۈپپىلار بۇيىچە ئوقۇتۇش؛
2)ئوقۇتۇشنى جانلىق تەشكىللەش؛
4.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىشنى كۆچەيتىش كىرەك.
2)ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەتىققاتنى كۈچەيىتپ،ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۇرۇش كىرەك.
13.سۇئال؛ئوقۇتۇش پىلانى تۈزگەندە ،ئوقۇتۇش مەزمۇننىڭ سائەت نىسىپىتىنى قايسى پىرىنىسىپلارغا ئەمەل قىلىش كىرەك؟
1. ئەمەلىيەتچانلىق پىرىنىسىپى
2.جانلىقىلىق پىرىنىسىپى
3.ئونىۋىرساللىق پىرىنىسىپى
4. ئوقۇتۇش مەزمۇننى بىرىكتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش پىرنىسىپى
14.سۇئال ؛دەرسنى باھالاش دىگەن نىمە؟
دەرسنى باھالاش دەرس لايھىسى ۋە دەرسنى تەشكىللەپ يولغا قۇيۇشقا دائىر ئۇچۇرلارنى سىسىتىملىق توپلاش ئارقىلىق ،بەلگىلىك ئۆلچەم ۋە ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ ،قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىش پائالىيىتىدۇر.
15.دەرسنى باھلاستىكى مەقسەت نىمە؟
دەرسنى باھالاشتىكى ئاساسى مەقسەت دەرسنى لايھىلەش ۋە تەشكىللەپ يولغا قۇيۇشنىڭ ئىلمىيىلىق دەرىجىسىنى تەكشۇرۇش،دەرس نىشانىغا يېتىش دەرىجىسنى بەلىگىلەشتىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇ،دەرس قۇرۇلۇشنى ئۆزلۈكىسىز مۇكەممەللەشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس ۋە يول ھىسابىلىنىدۇ. دەرسنى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە دەرس قۇرلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىكى باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
16.دەرسنى باھالاش جەريانى قايسىلار؟
1.باھالاشنىڭ نىشاننى بەلگىلەش؛بۇنىڭدا ئاساسەن كونكىرىت باھالاش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ،باھالاش نىشانى،باھالاش ئۆلچىمى،باھالاش مەزمۇنى بىكىتىلىدۇ.
2.باھالاش ئۇسۇلىنى تاللاش؛ بۇنىڭدا ئاساسەن باھالاش نىشانى ۋە باھالاش مەزمۇنى ئاساس قىلىنىپ،باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە باھالاش ئۇسۇلى بەلگىلىنىدۇ.
3.باھالاشقا كىرەكلىك ئۇچۇرلانى توپلاش؛
4.ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ باھالاش؛
17.سۇئال؛ ئۆگىنىشنى باھالاشتىكى مەقسەت نىمە؟
1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى،ئىپادىسى ۋە ئۆگىنىش نىشانىغا يېتىش ئەھۋالىنى ئىگەللەش.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەرياندىكى يىتەرسىزلىكىلىرى ۋە ئۇنڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبنى تەھىلىل قىلىپ ،ئوقۇتۇشنى ياخشىلاش؛
3.ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزنىڭ ئىقىتدار،سەۋىيسى ۋە خاسىلىقىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىش،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
4.ئوقۇغۈچىلاردا ئۆزنى تۇنۇش ،ئۆزنى تەربىيلەش .ئىقىتدارىنى يىتىلىدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈش؛
18.سۇئال؛ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى باھالاش دىگەن نىمە؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى باھالاش دەرسنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى،مۇۋاپىق بولغان باھالاش نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە نەتىجىسنى باھالاش ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستە.
19.سۇئال؛ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى باھالاشنىڭ مەقسىتى نىمە؟
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمنى ئوبىكىتىپ ،ئادىل،ۋاقىتدا،ئىشەنچلىك باھالاپ بىكىتىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش جەرياندىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ ،كونكىرىت ،توغرا قايتۇرما ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بىرىپ ،ئۆز تەرەققىياتنى ۋە ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۇشنى ئىلىگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
20. سۇئال؛ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى باھالاش مەزمۇنلىرى قايسىلار؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى باھالاشكەسىپى ساپاسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
21.سۇئال؛دەرس قۇرۇلۇشنى باھالاشنىڭ مەقسىتى نىمە؟
دەرس قۇرۇلۇشنى باھالاش مەكتەپ تەربىيسىنىڭ ئومۇمىي نىشانى بىلەن تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىقدەرسنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاساس قىلىپ ،دەرسنى دۆلەت،جايلار ،مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بۇيىچە دەۋىرى بۇيىچە باھالاشنى كۆرسىتىدۇ.باھالاشنىڭ مەقسىتى؛ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسنى ئۆتۇش ئەھۋالىنى تەھىلل قىلىپ ۋە باھالاپ ،دەرستە ۋە دەرس ئۆتۇشتە ساقلانغان مەسىللەر ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ ،دەرس مەزمۇنى تەڭشەپ ،ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ،دەرسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇشنى ئىلىگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
22.دەرس قۇرۇلۇشنى باھالاشنىڭ مەزمۇنلىرى قايسىلار؟
1.دەرسنى قىلىپلاشتۇردىغان ھۆججەتلەر(دەرس ئۆتۇش پىلانى،دەرس ئۆتۇش لايھىسى، سىنىپلار بۇيىچە ئوقۇتۇش پىلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)نىڭ چىقىرىلغان ياكى چىقىرىلمىغانلىقى ۋە قىلىپلاشقان ياكى قىلىپلاشتۇردىغان ھۆججەتلەرنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى.
2.دەرس ئۆتۇش ماتىرياللىرنى تەكشۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن دەرسنى باھالاش تۈزىمنىڭ ئورنىتىلغان ياكى ياكى ئورنىتىلمىغانلىقى ھەمدە بۇ تۈزۈملەرنىڭ يولغا قۇيۇلۇش ئەھۋالى.
3.دەرس سىسىتىمىسى،دەرس قۇرۇلمىسىنىڭمۇكەممەلىك دەرىجىسى ۋە دەرس مەزمۇننىڭ ئىلغارلىقى.
4.ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى قۇرۇلۇشنى باھالاش ،
5.دەرسنى ئۆتۇشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى ،لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش،ئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۇرۇش ،مەيدان –سايمان ۋە خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6.دەرس نىشانىغا يېتىش دەرىجىسى
تەنتەربىيە كەسىپى نەزەرىيە ئىمىتىھان سۇئال - جاۋابلىرى
1.سۇئال : ئۆمۈرلۈك تەنتەربىيە دېگەن نىمە؟
جاۋاب : كىشلەر ئۆمۈرىدە كۆپ خىل ئىھىتياچ ئۈچۈن ئۈزۈلدۇرمەي ئېلىپ بارغان تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2. سۇئال : يۈرەكنىڭ رېتىمى دېگەن نىمە؟
جاۋاب:يۈرەكنىڭ ھەربىر مىنۇتتا سوققان قېتىم سانى يۈرەك رېتىمى دەپ ئاتلىدۇ.
3. تەنتەربىيىدىكى ئۇيۇن دېگەن نىمە؟
جاۋاب:بەلگىلىك رېتىمى بولغان ،ئىجىرا قىلدىغان ئالاھىدە قائىدە نىزامى ۋە تەشكىى بولغان ئەقلى ۋەجىسمانى تەرەپلەر بىرلەشتۇرۇلگەن بەدەن ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
4. سۇئال: بەدەن ئورگانزىمى دېگەن نىمە؟
جاۋاب:بەدەننىڭ پۇتۇن ھالىتىدىن تەركىب تاپقان ھەرقايسى ئورگانزىملار سىسىتىمىسىنىڭ نامايەن قىلىپ بەرگەن ھاياتلىق ھەرىكىتىدۇر.
5. سۇئال: تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنىڭ ئاساسى ئۇقۇمى دېگەن نىمە؟
جاۋاب:ساغلاملىق بىرىنجى دېگەن يىتەكچى ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشنى ئېلىگىرى سۈرۈش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېزىقىشنى قوزغاپ ،ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەنتەربىيە ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشنى مەركەز قىلىپ ،ئۇلارنىڭ تۆۋرۈكلۈك ئورنىغا كۆڭۈل بولۇش لەزىم. شەخسىلەرنىڭ پەرىقىغە پەرقلىق مۇئامىلە تەلەپ قۇيۇشقاكۆڭۈل بۆلۈپ ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەنىپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
6.سۇئال: ئادەملەرنىڭ ئاساسىي ھەرىكەت ئىقىتدارى قايسىلار؟
جاۋاب:تەبىئى ھالىدىكى مېڭىش، يۈگۈرۈش، ئېتىش،سەكرەش، يامىشىش، ئۆمىلەش، تىكىلىنىش، تايىنىش،موللاق ئېتىش، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
7.سۇئال: ھەرىكەتتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن تەييارلىق ھەرىكەتلىرى ئشىلىنىدۇ؟
جاۋاب:تەييارلىق ھەرىكەت ئادەم بەدىننىڭ تىنىچ ھالەتتىن ھەرىكەت ھالىتىگە ئۆتۈشكە كۆنۇش جەريانى بولۇپ ،تەييارلىق ھەرىكەت ئادەم بەدىننىڭ تىمىپېراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ،مۇسكۇل ،پەي قاتارلىقلارنىڭ ئىلاسىتىكلىقىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە ھەرقايسى قىسىملارنىڭ مۇسكۇللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەدىرىجى ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا كۆچۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ. تەييارلىق ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلىگەندە ،ھەرىكەت قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ياخشى نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ ھەم ئۇرۇنسىز زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
8.سۇئال: ئالدىچە موللا ئېتىپ ،ئىككى پۇتنى قايچىلاشتۇرۇپ ، 180گىرادۇس بەدەن بۇراپ قۇپۇش ھەرىكىتىنىڭمۇھىم نوقتىىسى قايسى؟
جاۋاب:ئالدىچە موللاق ئاتقاندا،بىلەك تۈزلىنىش ھالىتىگە ئۆتكەندىن كىيىن،ئىككى پۇتنى سول پۇت ئالدىغا،ئوڭ پۇت كەينىدە قىلىپ قايچىلاشتۇرۇپتۈگۈلۈپئولتۇرۇش ھالىتىگە كەلگەندە ،ئىككى پۇتنىڭ ئالدىكى پۇتنى تىرەشئوقى قىلىپ ئوڭغا 180گىرادۇس قىلىپ ئولتۇرۇش؛
9.سۇئال: بەدەن قابىليىتى دېگەن نىمە؟
جاۋاب: بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانزىملار ئىقىتدارىنىڭ بەدەن ھەرىكىتى جەريانىدىكى نامايەن قىلغان قابىليىتىنى كۆرسىتىدۇ.
10.ئۆپكە سېغىمچانلىقى دېگەن نىمە؟
جاۋاب:ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نەپەس ئېلىپ سۇمۇرگەن ھاۋانى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پۈۋلەپ چىققان يەل مىقىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
11.چىدامچانلىق دېگەن نىمە؟
جاۋاب:ئادەم بەدىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ ئۈزۈن ۋاقىت ئىچىدە مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقىتدارىنى كۆرسىتىدۇ.
12.سۇئال: تارتىلاش كۈچى دېگەن نىمە؟
جاۋاب: ئادەم بەدىننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارشىلىق كۈچنى يېڭىش ئىقىتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
13.سۇئال: ئادەم بەدىنىدىكى ھەرىكەت سىسىتىمىسى ئاساسىلىق نىمىدىن تەركىب تاپقان؟
جاۋاب: مۇسكۇل، پەي، سۆڭەك
14. سۇئال: چامباشچىلىقىدىكى بەش خىل ئاساسى قەدەم ئېلىش شەكىلىنى ۋە ئۈچ خىل ئاساسىي قول شەكىلىنى تۇنۇشتۇرۇڭ؟
جاۋاب: ياي قەدەم ، مىنىش قەدىمى، كەرمە قەدەم، چېكىنىش قەدىمى، يۆگىمە قەدەم قاتارلىقلار ، مۇشىت ، ئالقان، ئىلمەك
15. 20 –نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاچاندىن قاچانغىچە ،قەيەردە ئۆتكۈزۈلدى؟
جاۋاب: 20-نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىى مۇسابىقسى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچەبىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلدى.
16.سۇئال : 20-نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قايسى دۆلەتلەرنەتىجىگە ئېرىشتى؟
جاۋاب: گىرمانىيە 1-لىككە، گوللاندىيە 2-لىككە، ئارگنىتىنا 3-لىككە ئېرىشتى.
17.سۇئال: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىگە ئاسىيا رايۇنىدىن قايسى دۆلەتلەر قاتناشتى؟
جاۋاب: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىگە ئاسىيا رايۇنىدىن – ياپۇنىيە ، كورېيە، ئىران قاتارلىق ئۈچ دۆلەت قاتناشتى.
18.سۇئال: گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاچاندىن قاچانغىچە ،قەيەردە ئۆتكۈزۈلدى؟
جاۋاب:16-نۆۋەتلىك گۈاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.
19.سۇئال :ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاچاندىن قاچانغىچە ،قەيەردە ئۆتكۈزۈلدى؟
جاۋاب:ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى.
رەھمەت ياخشى تېمىكەن...داۋاملىق تىرىشىڭ داۋاملىق تىرىشىڭ
بەت:
[1]