ئاسىيە- -ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ئاسىيەئەيساجان تۇردى ئاچچىقدېرىزەڭنى چەككەننى بىلدىڭمىكىنئاسىيە،
بىلىپ تۇرۇپ قەستەنگە كۈلدىڭمىكىن ئاسىيە.
باشقىسىنىڭ تورىغا چۈشمىگەنسەن ئاسىيە،
ياكى مەندىن ئاغىرىپ يۈرمىگەنسەن ئاسىيە.
سەن چىقمىغاچ نائىلاچ كېىتپ قالدىم ئاسىيە،
شۇنچە ئېغىر غەملەرگە پېتىپ قالدىم ئاسىيە.
قايتىپ بىرىپ ئۆيۈمگە ئۇخلالمىدىم ئاسىيە،
راسىت گېپىڭنى ئېيتقىنا بولالمىدىم ئاسىيە.
خوشاللىقىتىن ئەسەر يوق كۈلەلمىدىم ئاسىيە،
ئۆزۈڭ تۈگۈل سايەڭنى كۆرەلمىدىم ئاسىيە.
پىراقىڭدا كۆيۈپلا ئۆتەرمەنمۇ ئاسىيە،
ۋىسالىڭغا يېتەلمەي ئۆلەرمەنمۇ ئاسىيە.
1990.08.08
ئەسەرلىرىڭىز بىر بىردىن ئىسىل چىقىپتۇ :victory: بەك ياخشى چىقىپتۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ ئىچكى ھىسيات ئوچۇق ئىپادىلنىپتۇ. ئاسىيە دېگەن بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىڭىزدىكى ئاشىقىڭىزكەندە بىلىۋالدۇق ھى ھى چاقچاق جۇمۇ ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ئاكا شىئىرلىرىڭىزمۇ ماقالىڭىزغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن سەر خىل ئىكەن ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەئۇمەن . شئېر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، بارىلىق ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
		بەت: 
[1]