ھايات ھەققىدە --ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ھايات ھەققىدە ---ئاچچىقئىككى شېئىر
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ھايات
ھايات دىگەن قەبرە ئۈستىدە،
بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەك.
ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان كوچىدا،
قول سىلكىيدۇ گۈزەل كېلىچەك.
ئەجەل بولسا ئەڭ ئۇستا ئوۋچى،
ئۆمۈر دىگەن ھىلىگەر تۈلكە.
بۇ دۇنياغۇ بىر تەخسە خام سەي،
خۇرۇچلىرى يېغا ۋە كۈلكە.
بۇ ھايات
باقى ئەمەس بىزگە بۇ دۇنيا،
بىرلا قونۇپ كۆچۈپ كېتىمىز،
ئۆچۈپ كەتتى قانچىلاپ يۇلتۇز،
بىزمۇ شۇنداق ئۆچۈپ كېتىمىز.
رەھىمسىزدۇر شۇنچە بۇ پەلەك،
ياشىغانغا تويۇپ كېتىمىز،
لىكىن ،ھەرگىز ئۆلمەيدۇ تىلەك،
ئەۋلادلارنى قويۇپ كېتىمىز .
نى-نى دەرتنى كەلدۇق بىز يېڭىپ،
بۇ ھاياتنى سۆيۈپ كېتىمىز،
كۈلكە بىلەن تۆرەلگەن ئەل بىز،
كەتسەك يەنە كۈلۈپ كېتىمىز.
رەھمەت بەك ياخشى چىقىپتۇ بەك ياخشى قاتىش شئىرلار مەيدانغا كىلۋاتىدۇ ،ھارمىغايسىز. بۇ شېئىر يۈرەكنى تىترىتىپ ھاياجانغا سالىدىغان شېئىر بوپتۇ . ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي . ھەقىقەتەن ئىسىل شىئىركەن، رەھمەت سىزگە شىئىرىي ئېلھاملارغا بەك باي ئىكەنسىز ، رەھمەت . HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى2014-9-19 22:30
بۇ شېئىر يۈرەكنى تىترىتىپ ھاياجانغا سالىدىغان شېئىر ب ...
رەھمەت سىزگە، سىزنىڭمۇ ئېسىل ئىجادىيەتلىرىڭىزنى روھلاندىكىلەرگە داۋاملىق سۇنۇپۇ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
بەت:
[1]