روھلان تورىنىڭ 6 يېشىغا مۇبارەك
روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز/bizak/9.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.
روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
روھلان تور بېكىتىمىز 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىDiscuz! مۇنبەر سىستېمىسى ئاساسىدا مائارىپ ماتىرىياللىرى، كومپيۇتېر، يانفۇن، تور بىلىملىرىنى توپلاش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش، ... نى ئاساسى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مۇشۇ نىشاندىن قېيىپ كەتمىگەن ئاساستا خاسلىقنى ساقلاپ ئالتە يىلنى ئۆتكۈزۈپتۇق.
بۇ جەريانداخالىس روھقا ئېگە باشقۇرغۇچىلىرىمىز، بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنى ئەۋزەل بىلىدىغان قابىلىيەتلىك ئۇستازلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى روھلان ئۈچۈن، روھلاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، مىللىي مائارىپ ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلپ، بىز بىلەن جاپادا بىرگە بولۇپ، ياردەمدە بولۇپ كەلدى.
بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روھلاندىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا ۋە ئۇستازلىرىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
بىز بۇ ئالتىنچى يىل ئىچىدە پىلانغا ئالغان ئىشلىرىمىز خېلىلا كۆپ بولسىمۇ جەمىيەت مۇقۇملىقى ۋە خىزمەتلەرنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلى پائالىيەت ۋە پىلانلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلدى، بۇنى ئەزالارمۇ توغرا چۈشىنىدۇ دەپ قارايمىز.
بىز بۇ ئالتىنچى يىل ئىچىدە قىلالىغان ياخشى ئىشىمىز - كىرىيە ناھىيسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن روھلان تور بېكىتىنىڭ نامىدا (ئەمەلىيەتتە ئىئانە توپلاش تېمىسى روھلاندىن باشقا ئىنتىل، مىسرانىم، بىجىرىم، ئالپ، نۇرقۇت قاتارلىق بېكەتلەرگىمۇ يوللانغان) بىر ھەپتە ئىچىدە 7110 سوم ئىئانە پۇل يىغىپ، تور بېكىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئەزاسى @ئىدرسجان نىڭ باش بولۇپ بېرىشى بىلەن شۇ يېزىدىكى مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردۇق.
تەپسىلاتى: /forum.php?mod=viewthread&tid=29699
روھلاندىكى زىيارەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىمىزنىڭ قاناللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئەسلىدىكى مۇنبەرلا بار بولغان روھلاننى مۇنبەردىن باشقا قاناللىرىمۇ بار بولغان تور بېكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تورداشلار قىزىقىدىغان سەھىپىلەرنىمۇ تەييارلاپ، روھلان تور بېكىتىنىڭ باش بېتىنى ياخشى پىلانلاپ يازدۇرۇپ چىقتۇق.
روھلان تور بېكىتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس تېز سۈرئەتلىك ياخشى VPS مۇلازىمىتىر سەپلەپ، تورداشلارغا ياخشى بولغان زىيارەت سۇپىسى تەييارلىدۇق.
بىز بۇنىڭدىن كېيىن تورداشلار بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، تورداشلارنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سېلىپ، روھلاننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل.
تورداشلارنىڭمۇ روھلاننى قوللاپ، روھلان ئېھتىياجلىق تەرەپتىن ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز ئەلۋەتتە.
ۋاقىتنىڭ قىس، ئىقتىسادى شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا، ئۇستازلىرىمىزغا ۋە تۆھپىكار تورداشلارغا ماددى مۇكاپات تەييار قىلالمىدۇق، بۇ جەھەتتە سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.
روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ ئۆزىدىكى ياخشى ماتىرىياللىرىنى، بىلىملىرىنى، ئەسەرلىرىنى تورداشلار بىلەن بەھىرلىنىپ، روھلاننىڭ 6 يېشىغا سوۋغا قىلىشىنى، روھلاننىڭ 6 يىللىق قۇتلۇق كۈنىگە ئاتاپ ئىجادىيەت سوۋغا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سەھىپە: /forum.php?mod=forumdisplay&fid=126
بۇ ھەقتىكى مەخسۇس بەت: /biz
/bizak/39.gif
مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنىپ دۆلەت بايرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر تېمىغا روھلاننىڭ 6 يىللىقىغا دائىر ئىنكاس قالدۇرغانلارغا 66 مۇنبەر تەڭگىسى سوۋغا قىلىنىدۇ.
روھلان تور بېكىتى
2014-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالتە يىلدا تەمتۈلەپ،
ئالغا باستىڭ ئالدىڭغا.
يەتسەڭ يۈكسەك چوققىغا،
يېتەرمىزمۇ يادىڭغا؟
بىر چاغلاردا سەن بىلەن،
ھارماس ئىدىم مۇڭدىشىپ.
يار بەرمىگەچ تەن ساقلىق،
ماڭالمىدىم سوڭدىشىپ.
سېنى يوقلاپ بولالماي،
ھۆزرە ئېيتتىم ئالدىڭدا.
ئۇنۇتماپسەن شەربەتتەك،
بار ئىكەنمەن يادىڭدا.
قۇت تىلەيمەن روھلانىم،
كېلەچىكىڭ نۇرلانسۇن.
سېنى چەككەن كىشىنىڭ،
يوللىرىغا گۈل ئۈنسۇن!!!
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇمەن ئالدىنئالاتەبرىكلەپ قوياي روھلان تورىنىڭ 6 يېشىغا مۇبارەك مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا روھلانغائىجادىيەت سوغا قىلاي . روھلاننىڭ 6ياشقاكىرگەنلىكىگەقۇتلۇق بولسۇن..... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇنروھلاننىڭتېخىمۇ ياخشى تەرەەققىياتلارغا ئىرشىشىنى ۋە تېخىمۇ روناق تىپىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
روھلان تورىنىڭ ئالتە يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن، روھلاننىڭ تېخىمۇ روھلىنىشىغا تىلەكداشمەن. روھلان تورىنىڭ ئالتە يىللىقىنىتەبرىكلەيمەن
ئالتە ياشبۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلگۈمكېلىۋاتىدۇ…
ئەپسۇس قۇرۇق قول تەبرىلەيدىغان بولدۇم .
ھەراس بىر ياردەم تىمامبىلەن تەبرىكلىسەم بۇلامۇ؟
ھەراس ئادىلجان ئاكا «مېنىڭ ئاكامنىڭ ئىسمىمۇ ئادىل ئىدى» يەنە بىر ئىلتىماسيەنى روھلان تورىغا يانفۇندا كىرگەندەئەزالىق نام تولدۇرۇدىغان كۆزنەككە لاتىن ھەرىپ ياكىئىنگىلىزچە كىرگۈز گىلى بولماي كىرەلمىدىميەنە ئىزدەشكۆزـنىكىمۇشۇنداق ئىكەنبىرەر نەرسە ئىزدىسەم ئۇيغۇرچەچېقىۋىلىپ مۇشۇنى تۈزىتىپقويسىڭىز. روھلان تورىنىڭ 6 يېشىغا مۇبارەك بولسۇن!!! روھلان تورىنىڭ 6 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن
بۇندىن كىيىنكى تەرەقىياتىغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋاتقان دېتال ئۈلگۈرمەپتۇ دە:lol ablikim520baby يوللىغان ۋاقتى2014-9-16 22:38
روھلان تورىنىڭ ئالتە يىللىقىنىتەبرىكلەيمەن
يانفۇندا كىرگەندە كۇنۇپكا تاختىسىنى لاتىنچىغا ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ، باشقىلار ئۇيغۇرچە يازالمىدۇق دەپ ئىسمىنى لاتىنچىغا ئۆزگەرتىۋاتسا سىز لاتىنچە يازالمىدىم دەيسىزغۇ؟