سالامەتلىككە زىيانلىق سەككىز ھەرىكەت
سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز ھەرىكەت1. كۈندە پىشاننى ئوڭ-سول، يۇقىرى-تۆۋەن يۈلىنىشتە 50 قېتىمدىن سىلاپ بەرسە، چوڭ مېڭە سەگەكلىشىپ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھەر كۈنى قولنىڭ دۈمبە ئالقىنىنى بىر-بىرىگە 50 قېتىمدىن سۈركىسە، چوڭ مېڭە ۋە بەدەننى جانلاندۇرۇپ، قولنىڭ ئېلاستىكىلىقى، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قولنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
3. ھەر كۈنى ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە دىماغنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. ھەر كۈنى قۇلاقنى يۇقىرى-تۆۋەن يۈلىنىشتە 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قۇلاقتىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، سالامەتلىكنى ياخشىلىغىلى ھەمدە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
5. ھەر كۈنى ئوڭ-سول بېقىنىنى 50 قېتىمدىن ئۇۋۇلىسا ۋە دائىم كۆكرەكنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
6. ھەر كۈنى قورساقنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغىلى، تاماق سىڭمەسلىك ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. ھەر كۈنى بەلنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بۆرەك بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەلنى ساغلاملاشتۇرغىلى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
8. ھەر كۈنى سول قولدا ئوڭ تاپىنىنى، ئوڭ قولدا سول تاپىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى جانلاندۇرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى
بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن . رەھمەت .
بەت:
[1]