ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىدىن بېكىتىلگەن خىزمەت نورمىسى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىدىن بېكىتىلگەن خىزمەت نورمىسى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسى: ماتىماتېكىنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ھەر ھەپتىدە ئىككى سىنىپنىڭ دەرسىنىئۆتۈش؛ ئەدەبىياتنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر سىنىپقا ياكى 10 سائەت دەرس ئۆتۈشبىلەن بىرگە، سىنىپ مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئېلىش؛ باشقا دەرسلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە 18-15 سائەتكىچە دەرس ئۆتىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى، ياچېيكا شۇجىسى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر بىر ئوقۇش يىلىدا ئاز دېگەندە 40 سائەت دەرس ئاڭلىشى، شارائىتى بارلار مۇۋاپىق ھالدا دەرسئۆتۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى، باشقا مەكتەپ دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبەرلەر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 6 سائەت دەرس ئۆتۈشى كېرەك. ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەۋە ئەمەس خىزمەت نورمىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئومۇمىي ئوقۇتۇش نورمىسىغا سۇندۇرۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسىماتىماتېكا، تىل-ئەدەبىيات، چەت ئەل تىلى (خەنزۇ تىلى) دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 10 سائەت ياكى 2 سىنىپقا دەرس بېرىش؛ فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 12 سائەت ياكى 3 سىنىپقا دەرس بېرىش ؛ سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 12 سائەتتىن 14 سائەتكىچە؛ كومپيوتېر، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش دەرسى ھەر ھەپتىدە 14 سائەت بولىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسىماتېماتىكا، تىل-ئەدەبىيات، چەت ئەل تىلى (خەنزۇ تىلى) دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 12 سائەت ياكى 2 سىنىپقا دەرس بېرىش؛ فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 12 سائەت ياكى 4 سىنىپقا دەرس بېرىش؛ سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، تەنتەربىيە، كومپيوتېر دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 14 سائەت؛ مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت دەرسلىرى ھەر ھەپتىدە 16 سائەت بولىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ، ياچېيكا شۇجىسى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۈكۈپ ھەر ئوقۇش يىلىدا ئاڭلىغان دەرسى 34 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، شارائىتى بارلار مۇۋاپىق ھالدا دەرسئۆتۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. باشقا مەكتەپ دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبەرلەر ھەر ھەپتىدە 4-3 سائەتكىچە دەرسئۆتۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نورمىسى مۇۋاپىق قۇيىۋېتىلىدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسىغا تەۋە ئەمەس خىزمەتلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئومۇمىي ئوقۇتۇش خىزمەت نورمىسىغا سۇندۇرۇلسابولىدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاشنى سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسىي قىلىشى كېرەك. ئومۇمەن، ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان پەندىن تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنى، مائارىپ، مەمۇرىي تارمىقىنىڭئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ دۆلەت ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، مەكتەپ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسە ئايرىم ئايرىم ھالدا 5 نومۇر، 4 نومۇر، 3 نومۇر، 2 نومۇر، 1 نومۇر قۇشۇلىدۇ. بۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئستلىنى باھالاش چارىسىدە يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەم ئىكەن. چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=344460&uk=1931681312چۈشۈرۈش مەنزىلى قۇرۇقكەن قايتا يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك مەن ھازىر چۈشىرەلىدىم.قۇرۇق ئەمەسكەن.بىراق مېنىڭ تېلفونۇمدا ھەرىپلەر ھەممىسى ئۈزۈك ئۈزۈك ھالەتتە چىقىپ ئوقىيالمىدىم.قانداق قىلسام ئۇلىنىپ چىقىدىغاندۇ...
بۇ ئۆلچەم بوبولىدىكەن ھە...{:6_274:}18 15-سائەت دەدەرىس +دەرىس تەييارلىقى +دەرىس بايلقى ئىزدەش +تاپشۇرۇق +سىياسى - نەزىريە ئۆگىنىش+مۇھىت تازلىقى +يىغىن+ھھەۋەسكارلار گورۇپپىسى +ئاپتاپ تەنتەربىيسى +دۆجۈرنىلىك +ئائىلە سۆھبەت =40سائەت
بەت:
[1]