21-ئەسىر لىرىكىسى - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
21-ئەسىر لىرىكىسىئەيساجان تۇردى ئاچچىق
چۈشۈمدىكى چىغىر يول بىلەن،
يېىڭى ئەسىر كەلمەكتە ئاستا.
ئەركىن شېئرىدەك رەڭلىك خىياللار،
بولۇر چۇقۇم ھامىلدار ئانا.
خىلۋەت جايداتەنھا ئولتۇرۇپ،
شېئرى بولۇپ يېزىلۋاتىمەن.
تېپىشماقتەك يېڭى ئەسىرنى،
ناخشام بىلەن كۈتۈۋاتىمەن.
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ھۆسىننى،
ئاق يۈزلىرى تاتارغان قىزچاق.
مەستلىكىدىن يېشىلگەن ئۈمىد،
بۇ ئەسىرگە قىلماقتا چاقچاق.
ئوڭ قاپىقىم تارتىۋاتىدۇ،
ئەتە چۇقۇم بولىمەن ئىلاھ.
ئۆتمۈشتىكى بەندىلىكىمگە،
ئايسىز ئايدىڭ بولىدۇ گۇۋاھ.
سوغۇق نۇردىن تويۇنغان يۈرەك،
ئۇخلىماستىن قىلماقتا تەشۋىش.
يېىڭى ئەسىر ياغاچ ھارىۋىدەك،
ئاڭلاتماقتا يېقىملىق تىۋىش.
يېڭى ئەسىر كېلىش بىلەن،
چىقسا قۇياش راسلا غەرىپتىن.
كۆنۈپ قالغان بىچارە كۆزلەر،
ئۈمۈد ئۈزەر شەرىقتىن.
ئۆكسۈشلەرگە ئەرزىمەس جاھان،
تىنىۋالار ئاخىرقى قېىتم.
گويا تامدەك بوزارغان تەقدىر،
يېڭىلايدۇ ئۇچىسىغا كىيىم.
بولسا ئەگەر بۇزان ئاخىر،
نىمە بولۇر مىسكىن ئەقىدە.
باشلانسا گەر قايتا ھاياتلىق،
ئۇچىرىشارمىز قايسى قىتئەدە.
ھىلىگەرلىشىپ كەتكەن تەسەللى،
يۈرىكىمنى تۇرماقتا بەزلەپ.
تۇنۇش جايدا ناتۇنۇش بىرسى،
جۆيلىگەندەك يۈرمەكتە سۆزلەپ.
ئوڭ قاپىقىم تارتىۋاتىدۇ،
ئۇچۇپ كەتتى ئەنە بىر كەپتەر.
يېڭى ئەسىر بىلەن سىردىشىپ،
يەتكۈزىدۇ بىزگە خوش خەۋەر.
ياخشى يېزىپسىز ، ئاپىرىن قالتىس يېزىلىپتۇ بەكمۇ مەنىلىك يېڭى ئەسىرنىڭ خىرسلىرى بىزگە ۋە ئەتىگە شۇنداق باقماقتا.ئۇستازنىڭ ‹‹بولسا ئەگەر بۇزان ئاخىر››دىگەن مىسرادىكى بۇزان دىگەن سوزنى ئىستىمال قىلالمىدىم. مەزمۇنى بەك چوڭقۇر ئىكەن ، رەھمەت . يېڭىچە ئوي-پىكىر بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ شېئىر يېڭى شېئىرىيەتنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا مۇناسىپتۇر. شېئىردا بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، سۆز خاتالىقى قاتارلىق بىر قىسىم نوقسانلار ساقلانغان، بۇ ئەسلىسى بولمىسا كېرەك، تورغا يوللاش جەريانىداكۆرۈلگەن بولۇشى مۈمكىن.‹‹بولسائەگەر بۇ زان ئاخىر››نى ‹‹بولسا ئەگەر بۇ زامان ئاخىر›› دەپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
بەت:
[1]