1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 14:53:40

تاماكا تاشلاش شۇنچە تەسمۇ؟

تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كۆپ قىسىم تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ئىلگىرى تاماكا تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئوڭۇشلۇق تاشلىيالايدۇ. ئامېرىكىدا بىر خىل ستاتسىكا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 80% تاماكا چەككۈچى تاماكا تاشلاشنى ئويلىغان، ئەمما ئەمما نىكوتىننىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللانمىغاندا، پەقەت 3 ~ 5% كىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئۇنداقتا تاماكا تاشلاش نېمىشقا شۇنچە تەس؟ بۇ ئەلۋەتتە پىسخىكا، جەمئىيەت ئامىللىرىدىن باشقا ئاساسلىقى نىكوتىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى نىكوتىن زەھەرگە ئوخشاش، ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسە. ئۇنداقتا نېمىشقا نىكوتىن كىشىنى خۇمار قىلىدۇ؟

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىر قىسمىدا تارتۇقلاش مەركىزى دەيدىغان بىر جاي بولىدۇ. ھايات قېلىش، كۆپىيىش دېگەندەك بىر قىسىم مۇھىم تۇرمۇش ھادىسىلىرى، مەسىلەن، سۇ ئېچىش، تاماق يېيىش، جۈپلىشىش دېگەندەك پائالىيەتلەر يۈز بەرگەندە، تارتۇقلاش مەركىزى بىر خىل دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىنى بىر خىل راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما، تاماكا چەككەندە، زەھەر چەككەندە، گەرچە بۇلار ئادەم بەدىنىگە پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما تارتۇقلاش مەركىزى يەنىلا كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن تاماكا چەككەندە، بىرىنچى قېتىم تاماكىنى شوراپ بىر قانچە سكونتتىن كېيىن نىكوتىن قان ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىپ، تارتۇقلاش مەركىزىگە كىرىدۇ ھەمدە ئۇنى غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۇ جەريانلار ئىنتايىن تېز يۈز بېرىدۇ شۇنداقلا ئاسانلا كىشىنى خۇمار قىلىدۇ. ناۋادا بىر ئۆسمۈر بالا پەقەت تۆت تال تاماكا چەكسىلا، ئۆمۈرلۈك تاماكا خۇمارىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. يەنى، نىكوتىن چوڭ مېڭىدىكى تارتۇقلاش مەركىزىنى تۇتقۇن قىلىپ كىشىگە تاماكا چەكسە پايدىلىقتەك خاتا تۇيغۇنى بېرىدۇ.


تاماكىنىڭ باش قىسمىدا كۆپ قىسىم راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى دېمەي تۇرايلى، نىكوتىننىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا بىر خىل زەھەرلىك ماددا. تۆت تال تاماكا ئۆز ئىچىگە بارلىق نىكوتىن ناۋادا تولۇق سۈمۈرۈلسە، بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ(ياخشى يېرى، تاماك چەككەندە بۇ نىكوتىنلار تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ). شۇڭا تاماكا چېكىش ناۋادا خۇمارغا ئايلانغان چاغدا، تاماكا چېكىشتىكى مەقسەت كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى بىئارام بولۇشنى بېسىقتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ.
ئەمما، تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر تاماكا تاشلاشتا چىڭ تۇرغاندا، بەدەندىكى ئاتسېتېلخولېن ئاستا-ئاستا تازىلىنىپ يوقايدۇ، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان. تاماكا تاشلاپ 6 ~ 12 ھەپتىدىن كېيىن، بەدەندىكى نىكوتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تازىلىنىپ بولىدۇ، ھەمدە قايتا خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار ئادەتتە تاماكا تاشلاپ 2 ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ جەرياندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەندىلا ئاندىن تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىغىلى بولىدۇ.      





بۇ مەزمۇن تورخۇمارتورىدىن ئېلىندى.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 22:33:58

تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق تۆۋەندە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرۈپ باقايلى ...



تېڭشۈن تورى 1- ئىيۇن خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، دۆلىتىمىز تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىشتىكى چوڭ دۆلەت، يىللىق تاماكا ئىستىمالى پۈتۈن دۇنيا تاماكا ئىستىمالىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. جۇڭگودا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىز ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى ئىلىم-پەن جەمىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەنە تەخمىنەن 400 مىليون ئادەم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن. دېمەك دۆلىتىمىزدىكى 700 مىليون نوپۇش بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تاماكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن.



تاماكا ئىسى تەركىبىنىڭ 92% ئى كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق گازلار بولۇپ 8% ئى دانچىسىمان ماددىلار. بۇ دانچىسىمان ماددىلار كوكس مېيى دېيىلىدۇ، تەركىبىدە نىكوتىن، كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىد قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار بار بولۇپ ھازىرغىچە ئىسپاتلانغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردىن 40 خىلدىن ئارتۇقى بار.



تاماكا نۇرغۇنلىغان راك كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەلللىكلىرى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.



ئەنگلىيىدىكى بىر 40 يىللىق تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.



تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان خەتىرى ئىنتايى چوڭ، بىراق تاماك تاشلىغاندىن كىيىن تاماكىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى بارغانسېرى ئازلايدۇ ھەمدە كۆپ قىسىم كېسەللەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەتۈر يۆنىلىشكە يۈزلىنىپ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ.



تاماكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرگە بولغان تەسىرى، بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىدىغان ۋە چەكمەيدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، چېكىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 10 يىل ئازلاپ كېتىدىكەن.

ھاياتنى قادىرلەپ تاماكا دېگەن نىجىستىن يىراق تۇرايلى !!!

مەنبە: نۇر تورى


يۇقارقىلارنى كۆرۈپ قورقمىدىڭىزمۇ؟؟؟

alijan110 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:42:33

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەردىن رەھمىتىنى ئايىمىغاي

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:43:42

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 22:33
تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق تۆۋەندە تاماكا چەك ...

مەن تاماكا چەكمەيمە( ئاللاھ ئۇنىجىست نەرسىدىن يىراق قىلسۇن)پەقەت تور ئارلاۋېتىپ كۆرۈپ قېلىپ يوللەپ قويدۇم شۇ

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:54:52

alijan110 يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 23:42
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەردىن رەھمىتىنى ئايىمىغاي

ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ نىجىستىن يىراق قىلىپ ئۇدۇنيادا ۋە بۇدۇنيادا بەخەتلىك خاتىرجەم قىلسۇن ئامىن.

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:57:45

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 22:33
تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق تۆۋەندە تاماكا چەك ...

سىز يازغان ئىنكاسلا بىلەن بۇ تىمىنى بىرلەشتۈرۈپ تىمىدىن يەنە بىرنى يوللىسام قانداق دەيسىز؟

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 23:58:02

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 22:33
تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق تۆۋەندە تاماكا چەك ...

سىز يازغان ئىنكاسلا بىلەن بۇ تىمىنى بىرلەشتۈرۈپ تىمىدىن يەنە بىرنى يوللىسام قانداق دەيسىز؟

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 00:05:43

1997 يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 23:58
سىز يازغان ئىنكاسلا بىلەن بۇ تىمىنى بىرلەشتۈرۈپ تىمى ...

مەن ئىنكاس شەكىلدە يوللىغان تىمىنى مەن بۇرۇن يوللاپ بولغان، تىمىڭىز تاماكىغا مۇناسىۋەتلىككەن شۇڭا قىستۇرۇپ قويىشىم،

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 00:06:41

1997 يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 23:43
مەن تاماكا چەكمەيمە( ئاللاھ ئۇنىجىست نەرسىدىن يىراق ق ...

ئىنكاسىمدىكى مەزمۇنلار سىزگە قارتىلغان ئەمەس.

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 00:13:57

ھە مەن كۆر مەپتىكەنمە مەن تېخى ئىككىسىنى بىر لەشتۈرۈپ بىر تىمايوللاپ قوياي دىگەنتەم سىز يوللاپ بولغاندىكىن يوللىماي ئەمسە
بەت: [1] 2
: تاماكا تاشلاش شۇنچە تەسمۇ؟