anginar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 01:23:47

خاتا ئۇرۇلغان تېلفۇن(ئازراق قىززىق)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anginar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-9 10:54

خاتا ئۇرۇلغان تېلفۇن
ئەنگىنئەر تەرجىمىسى
    تېلىفۇن تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.كىچىك قىزچاق تېلفۇننى ئالدى:تېلفۇننى بىر ئەر كىشى ئۇرغان ئىدى.
ئەر:ۋەي،قوزام .مەن دادىڭىز،ئانىڭىز بارمۇ؟
قىزچاق:ئانام ھېلىقى چېن تاغام بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيدە.
ئەر ئاچچىقلانغان تەلەپپۇزدا: قايسى چېن تاغىڭىز،بىزنىڭ تۇنىشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە چېن فامىلىلىك بىرسى يوق تۇرسا!؟
قىزچاق:بارغۇ،ھەر قېتىم سەن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندە ئۆيىمىزگە كېلىدىغان ھېلىقى چېن تاغامچۇ!!
ئەر خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ قىلماي جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالەتتە:قوزام بىز بىر ئۇيۇن ئوينايلى،بولامدۇ!؟
قىزچاق:بولىدۇ،بولىدۇ.
ئەر:سىز ئاۋال ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ،ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا "دادام قايتىپ كەلدى"دەپ توۋلاڭ.ئاندىن قايتىپ چۈشۈپ تېلفۇننى ئېلىڭ.
كىچىك قىزچاق ئەرنىڭ دىگىنى بويىچە تېلفۇننى قويۇپ چىقىپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېلفۇندىن دات –پەريات ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى.قىزچاق قايتىپ كېلىپ تېلفۇننى ئالدى.
ئەر:ئانىڭىزغا نىمە بولدى؟
قىزچاق:ئانام سېنىڭ قايتىپ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپلا ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ ،پەلەمپەيدىن چۈشمەكچى بولۇپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشتى.ھازىر مىدىرلىماي ياتىدۇ.
ئەر مەمنۇنلۇق بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:ئۇنداقتا ھېلىقى چېن تاغىڭىزچۇ؟
قىزچاق:مەن ئۇنىڭ ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن پەستىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە سەكرىگەنلىكىنى كۆردۈم،لېكىن ئۇ سېنىڭ نەچچە كۈن بۇرۇن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تازلاش ئۈچۈن سۈيىنى تارتىۋەتكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن،سۈ ئۈزۈش كۆلچىكىدە مىدىرلىماي ياتىدۇ.
ئەر يەنە بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن:نىمە سۈ ئۈزۈش كۆلچىكى ،بىزنىڭ ئۆيدە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى يوق ئىدىغۇ؟ئېيتىڭە بۇ تېلفۇننىڭ نۇمۇرى 2828288 ئەمەسما؟
قىزچاق:ياق
ئەر :ئاپلا ،كەچۈرۈڭ،مەن تېلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن....

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 01:36:57


كەيپىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى ،يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت،    P، لېكىن تېما يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز.

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 01:49:03

راس ئازراق قىززىقكەن:lol

alijan110 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:10:41

ئەتتىگەندە كەيپىياتىمنى كۈتۈرۈپ قويدىغۇ ماۋۇ يۇمۇر. رەھمەت!

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 08:47:46

راس ئازراق قىززىقكەن

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:15:31

ئەنگىنئەر ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسىگە رەھمەت.خېلىلا قىززىقكەن.

1997 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:47:48

خېلىلا قىززىقكە رەھمەت

لوپجان يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:10:15

رەھمەت قىزىقكەن

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 19:24:47

رەخمەتياخشى يۇمۇرىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 20:26:55

بەت: [1] 2
: خاتا ئۇرۇلغان تېلفۇن(ئازراق قىززىق)