13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 18:29:01

ئاممىۋى لوشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئ...

ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۆز-ئۆزەمنى تەكشۈرۈش ماتىريالىم
对照检查材料                         
ناھىيىلىك پارتىكوم، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىكومى،يېزىلىق پارتىكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن،مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاممىۋى لوشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەزىرىيە ئۈگىنىش، سىلىشتۇرۇپ باھالاش،مۇھاكىمە پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، نەزىرىيە سەۋېيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. نەزىرىيە ئۈگىنىش ئارقىلىق مەن ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىمنىمەركەزنىڭ 8تۈرلۈك بەلگىلمىسى،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 10تۈرلۈك بەلگىلمىسى،تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نىشان،تەلىپى،شۇنداقلا4 ئىستىل مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەستايىدىل تەھلىل ئېلىپ باردىم. ئاممىنىڭ ماڭا بەرگەن پىكىر –تەكلىپلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈپ،چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە قېزىپ چىقىش ئارقىلىقسىياسىي مەيدان ۋە4خىل ئىستىل مەسىلىسىدە مەندە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
رەھبەرلىك ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆرۈپ چىقىپ تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن .
1-) پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامدا كۈچلۈك بولماسلىق جەھەتتە: مەن پارتىيە –ھۆكۈمەتنىڭ «3قانۇنسىزلىقنى چەكلەش،2نى قىلماسلىق 5نى چەكلەش،4نى قوغداپ 2گە قارشى تۇرۇش »توغرىسىدىكى چاقىرىقى ۋە بەلگىلمىللىرىنى قايتا-قايتا ئۆگەنگەن بولساممۇ لىكىن ئۇنى ئىجرا قىلىشتا سىياسىي مەيدانىم قەتئىي بولماسلىق تەۋرىنىش ، ياخشىچاق بولۇش ئىددىيىسى مەندە ساقلاندى مەركەزنىڭ8 تۈرلۈك قارارىغا ھەقىقى ھورمەت قىلىپ . باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى تولۇق يەتكۈزۈپ . پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدىكى بارلىق خىزمەتلەر تولۇق ئەمەلىلەشتۇرۇپ ،تىرىشىپ ئىدىيە جەھەتتە ،تونۇش جەھەتتە ، ھەركەت جەھەتتە ئاممىۋى لۇشەن بويىچە مېڭىپ ،ئوقۇتقۇچىلار ئامما ئۈچۈن كۆپ ئىش قىلىش ، ھەقىقى ئىش قىلىش ، ياخشى ئىش قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ سىياسىي جەھەتتە بوشاڭلىق ،پارتىيەنىڭ مىللەت دىن سىياسەتلىرىگە باشلامچىلىقنى ھەقىقى ئىشلىمەسلىك، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دىننىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ،يېقىنقى مەزگىللەردە يۇز بەرگەن تېرۇرلۇق ھەركەتلىرىگە نىسبەتەن پوزىتسىيەم ئاجىز ئەھۋاللار مەۋجۇت .. سىياسىي مەيدانىم قەتئىي مۇستەھكەم بولماسلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپتىن چىققاندىن كىيىن ياش ئالاھىدىلىكىنى باھانە قىلىپ،باش كىيىمى كىيىۋالىدىغان ئىللەتلەرنى كۆرگەندە كۆرمەسكە سالىدىغان،بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا بولدى قىلىدىغان ،دادىل قارشى تۇرۇپ مەدىنىيىلىكنى تەشۋىق قىلمايدىغان، ئىللەتلەر مەندە ساقلاندى
2-«تۆت ئىستىل » جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر
(1) شەكىلۋازلىق جەھەتتە:
1- )نەزىريە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز يىتەرلىك بولمىدى . ئۆگىنىشتە ئاكتىپ بولماسلىق ، پىلانلىق بولماسلىق ، ھە دىسىلا خىزمەتنىڭ بېسىمىنى پەش قىلىش ، قىيىنچىلىقنى پەش قىلىش ، قەغەز يۈزىدە بار ئەمەلىيەتتە يوق ،ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتماي باشقا شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇش،دىنغا ئىتىقات قىلمايمەن دەپ ئېغىزدا دەپ قۇيۇپ ،خۇراپاتلىق قاتمال پوزىتسىيەدە بولۇش ، ئىدىيە جەھەتتە قاتماللىق قىلىش ئەھۋاللىرى ساقلاندى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە مەھەللىگە،ئائىلىگە بارغاندا باش كىيىمى كىيىۋالغان ئىللەتلەرنى كۆرگەندە ئۇلارغا،ئاتا-ئانىلىرىغا چۈشەندۈرۈشتىن قاچىدىغان، ياخشىچاق بولىدىغان ، جىددىي كەيپىياتتا بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۇچايتىپ،باشقا ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان،ئۆزۈمنىڭ سىياسىي مەيدانىم قەتئىي بولمىغانلىقتىن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنى ،ئوقۇتقۇچىلارنى زامانىۋېي مەدەنىيلىك ئادىتىنى ھەقىقىي ماھىيتى بىلەن قۇبۇل قىلىشقا يېتەكلىيەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەندە ساقلاندى.
2-) ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۇمى تۆۋەن ، تۈزۈم بوش . خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە چىچىلاڭغۇلۇق قىلىش ، ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، خىزمەتنى باھانە قىلىپ ئۆگىنىشكە سەل قاراش، داۋاملىق خىزمەتنى دەستەك قىلىپ ئۆگىنىشنى كىيىن ئاستا – ئاستا تولۇقلىۋالسام بولدىغۇ دەپ قارايدىغان ،ئۆزىنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئازادە تۇتماي بېسىم قىلىۋالىدىغان ئۆگىنىشنىڭ تەلىۋىنى چۇشەنمەيدىغانئەھۋاللاربار.
3.) خىزمەت جەريانىدا تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئەمەلىلەشرۈرۈش كەمچىل .خىزمەت تەقسىماتتا كۆپ بولۇش ، تەكشۇرگەندە ئاز بولۇش ، خىزمەتنىڭ مۇھىم تەلىۋىنى تونۇشى ،خىزمەتكە نىسبەتەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىلەشتۈرۈش تونۇشى يىتەرلىك بولماسلىق ، ئورتاق بىر نىشان بولماسلىق ئەھۋاللار بار .خىزمەتتە نەزەر دائىرسى تار ،ئامما ئىنكاس قىلغان قىسمەنمەسىلىلەرگە قارىتا دادىل بىر تەرەپ قىلمايدىغان ، ئازراق ئىشلەپ قويۇپلا بەل قويۇۋېتىدىغان ، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت .
   2.بىيۇگىراتلىق جەھەتتە:
1.) مەن بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق خىزمەتلەردە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش،باشلامچى بولۇش،مەسئۇلىيىتىم بار ئىدى ئۇنىڭ ئەكسىچە مەندە بئوكراتلىق ئىددىيىسى بىرقەدەرئىغىر بولغاچقا مىنىڭ ئىشىممۇ ، باشقۇرىدىغان،تەشكىللەيدىغان،ئادەم بارغۇ مەن ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن بەرگەندىن كىيىن يەنە نېمە دەپ ئارىلىشىمەن دەپ قارايدىغان، سىياسەت ،بەلگىلىمە، ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن نارازى بولۇپ ، خىزمەتنى كەينىگە تارتىش ، مەسىلىنى كۆپتۈرۈپ تۈزەتمەسلىك ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش ئىددىيىسى مەندەشەكىللىنىپ قالدى.
2-)خىزمەت جەريانىدا ئۆزئارا ئالاقە كەمچىل بولۇش . كۆپ پىكىرلىشىش ئاز بولۇش . ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خىزمەت جەريانىدا ئۆز ئارا پىكىرلىشىش سۆزلىشىش بولىدۇ .لىكىن پىكىرلەر خىزمەت ، سىياسەت ، ئىدىيىۋى تەربىيە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى،ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ، كۆيۈنۈش ،بىر –بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشجەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەت يىتەرلىك ئەمەس .
3.)باشقۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىق ، ئۇسۇلدا بوشلۇق ئەھۋالى مەۋجۇت .خىزمەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا يۇمشاققوللۇق قىلىش ، كۆڭۈلچەكلىك قىلىش ،بولۇپمۇ جىددىي مۇھىم ئىشلاردا بوشاڭلىق قىلىش جىددىي تەدبىر قوللانماسلىق ،شۇ سەۋەپتىن خىزمەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت .
3- راھەتپەرەسلىك جەھەتتە:
1.)روھى بوشاڭلىق ، ئىلگىرلەشنى ئويلىماسلىق ، نام –مەنپەئەت قوغلىشىش ،ئىرادەم چۈشكۈن ، ئىتىقادىم بوش ،جاپا چىكىشنى خالىمايدىغان ، نىشانى يوق ، ھاياتى كۈچى كەمچىل ،بىلىم ۋە ئاددى قاراشلىرى بىلەن قانائەتلىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ،تۈرلۈك باھالاشلاردا ئۆز كۆمۈچۈمگە چوغ تارتىدىغان ئەھۋاللار بار .
2.)يېڭىلىق يارىتىش روھىم كەمچىل ، يېڭىلىققا ئىنتىلىشىم يوق دىيەرلىك . ئىشلەشكە تىگىشلىك ئىشنى ئىشلىمەيدىغان ،خىزمەتتە ئۆزەمنى ئىلگىرلىتەي ئۆگىنەي دىمەيدۇ ،قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى ئالدىدا ئۆزەمنى قاچۇرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەن ئۆزۈمگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتەلمىدىم ،كوپىنچە ۋاقىتلاردا جاپادىن قىچىش،راھەتكە بىرىلىش ،ياشنىڭ چوڭلىقىنى پەش قىلىپ ،ئىشنىڭ ئىغىرىدىن قىچىپ،يىنىكىنى تاللاش،ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەردىن ئاغرىنىشئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.
4.ئىسراپخورلۇق جەھەتتە:
ئومۇمنىڭ پۇلىغا پاراۋانلىق تارقىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چاچىدىغان ئەھۋاللار يوق. ئەمما بەزىبىر پائالىيەتلەردە ئوقۇتقۇچىلارنى تاماققا ئاپىرىدىغان ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەھۋاللارمۇبار.كومپىيۇتۇرنىڭ توكنى ئايرىۋەتمەيدىغان،قالايمىقان قەغەز بۇزىدىغان ، مەكتەپنىڭ تۇربا سۈيىنى داۋاملىق ئېقىتىپ قويسا كۆرمەسكە سالىدىغان ئەھۋاللار بار.
.5.يۇقۇرقى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى :(1)-ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ياخشى ئەمەس . پارتىيەنىڭ سىياسەت فاڭجىنلىرى ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈرۈپ ، مەركەزنىڭ8 تۈرلۈك قارارىغا ھەقىقى ھورمەت قىلىپ،باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى تولۇق يەتكۈزۈپ ،پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدىكى بارلىق خىزمەتلەر تولۇق ئەمەلىلەشتۇرۇپ ، تۆت ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتاپوزىتسىيەم ياخشى بولماسلىق ،ئوقۇتقۇچىلار ئامما ئۈچۈن كۆپ ئىش قىلىش ، ھەقىقى ئىش قىلىش ، ياخشى ئىش قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ سىياسىي جەھەتتە بوشاڭلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىيەلمىدىم ،
ئۆگىنىشتە ئاكتىپچانلىقىم سۇس بولدى ،ئاممىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردىم .
(2) خىزمەت ئىشلەش ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنبولۇش. دەرسخانا ئوقۇتۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ،ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە يەنىلا تىرىشىپ ئىشلىشىمگە توغرا كېلىدۇ .
(3)باشقۇرۇش ئۇسۇلۇمنى كۈچەيتىپ ،تۈزۈم قۇرلۇشنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش.
قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى ،مەكتەپتىمۇ ئادەمنىمۇ تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشقا ،تۈزۈمگە تايىنىشقا ، يۇقۇرى ئۆلچەمگە تايىنىشقا ، ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللار تەبىئىي مەۋجۇت .تۈزۇم مۇكەممەل بولسىمۇ ،ئىجرا قىلىشتا يەنىلا قايتا قاراپ چىقىشقا ،ئەمەلەلەشتۇرۇشكە ،ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ .
(4)پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئىرادە كەمچىل بولۇش.
ئۆزەمنى «تۆت ئىستىل » جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بىلەنمۇ يەنىلا بەزى ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە يەنىلا ئۇچرايدىغان ، ۋاختىدا ھەل قىلمايدىغان ، ئوقۇغۇچى ، ئاتا – ئانىلارنىڭ مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئورنىغا سەل قاراپ باشقۇرۇشتا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .
(5) مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىدىكى تۆۋەنلىك ، خىزمەت ئىستىلىدىكى بوشاڭلىق ئەھۋاللارغا قارىتا تونۇشۇم تۆۋەن .
مەكتەپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا مۇھىم بولغان نىشان كەمچىل . مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان روشەن بىر پىلان يوق ،كونا ئۇسۇلدىلا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغان ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدەنمەيدىغان ، يولداشلارنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى پىكرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ، يىغىپ ئىتقانغا ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغانلىقتىن بولىۋاتقان ئىشلار .
مەن بۇندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىدىكى يولداشلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ ئۆز –ئۆزەمنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراش ، كىشىلىك قاراشتىن ئىبارەت مۇھىم نوختىنى چىڭ تۇتۇپ ،قەتئىي ئىرادەم ، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىم ،پارتىيە ئەزالىق رولۇمنى،كەسپى ئەخلاقىمنى ، سىياسىي ئىنتىزامىمنى كۇچەيتىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەنىنى بويلاپ ، روھىمنى ئۇرغۇتۇپ ، بارلىقىمنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتايمەن .
6.بۇندىن كېيىنكى تۈزۈتۈش تەدبىرىم:
1-) مەن بۇندىن كىيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمدەسىياسىي مەيداندا قەتئىي بولۇپ، 3 قانۇنىسىزلىقىنى چەكلەش، 2نى قىلماسلىق5نى چەكلەش،4 نى قوغداپ 2 گە قارشى تۇرۇش ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىلگىرىكى ئىللەتلىرىمنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ ، ھەر قانداق مەسىلە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىمەن، ھەر قانداق ئىشتا باشلامچى بولۇپ ، دادىل ئاكىتىپلىق بىلەن ئىشلەيمەن.ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ ، ئاممىغا كۆيۈنىمەن . مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىدىكى يولداشلارنى يېنىمغا تارتىپ ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ، ھەممىدە ئاممىنى ئويلاش ، ئوقۇغۇچى ئاتا –ئانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ، ئاتا –ئانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ، ئاتا –ئانىلار ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئىش قىلىش ،يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىيات ئۈچۈن بىللە تىرىشىشنى قولغا كەلتۈرىمەن . بارلىق خىزمەت ئىشلەش قىزغىنلىقىمنى ئۆستۇرۇپ ، ئاممىنىڭ نەزىرىدىكى بىر ياخشى رەھبەر بولۇشقا تىرىشىمەن .
(2).مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،قىيىنچىلىقتىن باش تارىتماي جاپادا ئالدىدا ، ھالاۋەتتە كەينىدە بولۇپ ، تەشكىلنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى تولۇق ئاقلاشقا تىرىشىمەن. ئۆزەمنىڭ ھەقىقى مەسئۇلىيىتىمنى تونۇپ ، ئىستىل قۇرلۇشنى كۈچەيتىمەن .
مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا يىتەكلەيمەن ، ئۆزىمىزنىڭتوغرا بولغان كەسپىي ئەخلاقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئامما ئىتىراپ قىلىدىۈان ، ئۆگىنىشچان مائارىپ بەرپا قىلىپ،پىكىرنى ئاڭلايدىغان ، ئورنىنى قەدىرلەيدىغان ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بولىدىغان .\،ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بولىدىغان ،كەلگۈسى ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشكە ھەقىقى ھەسسە قوشالايدىغان ، ئەل رازى مەكتەپ قۇرۇشقا بىللە ماڭىدىغان بىر كوللىكتىپنى قۇرۇشقا تىرىشىمىش .
(3) ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش .
   باش شۈجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈرۈپ ، ئۆگىنىش جەھەتتە ، ئىستىل جەھەتتە خزمەت جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈپ ،تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مەكتەپنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئاممىغا تايىنىپ ،دىمىگىراتتىيەنى يولغا قويۇپ ، باشلامچىلىق قىلىپ ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، ئورتاق قەلپ بىلەن ئورتاق نىشان ، ئورتاق غايە ، ئورتاق ئىتىقات ، ئورتاق غەلبە ئۈچۈن، ئورتاق يولدا بىللە ماڭىمىەز
.(4) ئۆزۈمنىڭ بىر پارتىيە ئەزالىق ،باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ، بارلىق ئىشلاردا باشلامچى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،پارتىيىنىڭ سىياسىىتىنى ئىجرا قىلىشتا ، پارتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمەن . پىرىنسىپلىق مەسىللەردە دۆلەت كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىتىپاقلىققىمۇ ئەھمىيەت بىرىش ، خىزمەتلەرنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدىكى پىرىنسىپلىق ئىتىپاقلىقنى يولغا قويىمەن.
تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا بولۇپ ، ئائىلىدە پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇپ ، ئەڭ زور تېرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ ، ئىسراپ چىللىقنىڭ ئالدىنى ئالىمەن ، ھەشەتچىلىك قاتتىق ساقلىنىپ ، باشقىلارغا ئۆلگە بولىمەن، مەن بار جايدا ئىسراپخورلۇق ئىللەتلىرىنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ باشقىلارنىمۇ توسىمەن
5-)ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ،خىزمەت ئىستىلىم ،پوزىتسىيەم توغرىسىدىكى بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سەمىمىيلىك ،كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ تۈزىتىشكە تىرىشىمەن .ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئالاھىدە پىكىر بەرمىگەن بولسىمۇ مەن مۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت ئەمىلىيىتىم جەريانىدا ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئەمىلىيىتىمدىن كەلگەن تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ،تۆۋەندىكى جەھەتلەردە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆلگە بولۇشقا تىرىشىمەن.
1.پارىتىيىۋىلىك مەيداندا تۇرۇپ،پاك-ئىنتىزامچان،پىرىنسىپچان بولۇپ ،تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش،خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى يۇقۇرى كۆتىرىرىپ، شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بارلىق خىزمەتلىرىدەئەملىي بولۇپ،ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن.

2.راھەتپەرەسلىك ئىللىتىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ ،ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىپ ، ئائىلە سۆھبىتى،ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئاكىتىپلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ ،سىنىپ مۇدىرلار ھەمكارلىشىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپ سىرىتىدا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.
3. بەنزە ئەزالىرىغا ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ،مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىنىڭ ئالغا سىلجىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىقكۆرسىتىمەن.
4.پاك ئىنتىزامچان بولۇپ ، مەكتەپ ئىختىسادىنى قوغداش، مۇلۇكلىرىنى قوغداش ،ھەرخىل شەكىلدىكى بۇزۇپ چىچىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا باشلامچى بولىمەن
بۇ قېتىملىق ئاممىۋېي لوشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ،ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا قېزىپ چىقىپ ، ساقلىنىش سەۋەبى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزىمەن . تۈرلۈك شەكىللەردىكى سۆھبەت يىغىنلىرى ئارقىلىق ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق تۈزىتىش ، قاچانغىچە تۈزىتىش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئېلىپ ،دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.

13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-5 18:30:31

   يولداشلارمۇ بۇ ماتىريالغا ماڭا ئوخشاشلا ئىھتىياجلىق بەلكىم،پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالاردەپ يوللاپ قويدۇم ،بىرگە بەھرىمان بولۇپ كەم يەرلەرنى تولۇقلايلى .

روككى يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:07:26

بەك ياخشى يوللاپسىز قېرىندىشىم رەخمەت سىزگە.
بەت: [1]
: ئاممىۋى لوشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئ...