ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 21:42:00

ھايۋانلارغا ئائىت ماقال-تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى


ھايۋانلارغا ئائىت ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەنىسى
/bizak/7.gif
پىت ئۈچەي –ـ ئىچى تار،بىخىل،باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان پىخسىق.            
ئاچپاقا –ـ ئۆزى تويسىمۇ كۆزك تويمايدىغان،ئاچكۆز.                                       
پىت كۆز –ـ كۆزى كىچىك،باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان ئىچى تار.                              
ئالا كۈچىكى كەلمەك –ـ بىردىنلا ئاچچىقى تۇتۇپ قالماق،تۇرۇپلا خۇيلىنىپ قالماق.            
قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالماق ـ–ياخشىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان يامان ،ئەسكى ئادەملەرگە قارىتىلغان.
ئېشەككە مۈڭگۈز چىقسا ئۈسۈپ ئۆلتۈرەر-ـ نادانلارغا ئەمەل-مەنسەپ تەگسە باشقىلارغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى،ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خۈدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭەۈز، پاقىغا قۇيرۇق بەرمەپتىكەن-بۇ تەمسىلمۇ ئىشلارنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىدىغان ،بۆكىنى ئەكەل دېسە كاللىسىنى كېسىپ كېلىدىغان ،ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدىغان تەنتەكلەرگە قارىتىلغان.                                                   
يولۋاس قېرىسىمۇ ھەيۋىسى قېرىماس ــ باتۇر،قورقماس ئەزىمەتلەر ۋاقىتنىڭئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قاغا-قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس ــئوخشاش تەبىئەتلىك ئادەملەر بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ،زىيان سالمايدۇ دېگەن مەنىدە.                                                               
ئۆزى قوڭغۇزدەك،گېپى توڭگۇزدەك ــ كىچىك تۇرۇپ يوغان گەپ قىلىدىغان،چوڭلار ئالدىدا قوپال سۆزلەيدىغانلارنىڭ بولمىغۇر خارەكتىرىنى كۆرسىتىدۇ.                                       
ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس ــ بۇ ئەقىللىق،دانا كىشى ھەرقانچە يامان كۈنگە قالسىمۇ،ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ دېگەن مەنىدە.                     
ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق ــ بۇ دەشنام-ھاقارەت ئاڭلىمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان داۋىخو ئادەمنىڭ ھەمىشە دەككىسىنى بەرگۈچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان خارەكتىرىنى بىلدۈرىدۇ.
يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا ،چىشلىشەر ــ بۇ قېرىنداشلار يىراق يەردە بولسا بىر بىرنى سېغىنىشىپ كېتىدىغانلىقى،قەدىرلىشىدىغانلىقىنى،يېقىن يەردە بولسا،چىقىشالماي غاجىشىپ زىدىيەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                      
بۆرە بار يەردە قان بار ـــ بۇ يامان ئادەملەر بار يەردە ئىتتىپاقسىزلىق،زىدىيەت ھەتتا قان تۆكۈلۈشلەر بولۇپ تۇرىدىغانلىغا قارىتىلغان.                                                         
ئىت يېنىدا سۆڭەك تۇرماس ــ بۇ ئالا نىيەت،ئەسكى ئادەملەر بار يەردە ھېچنەرسە ئامان تۇرمايدۇ،ئۇلار كۆزىگە كۆرۈنگەننى قاقتى-سوقتق قىلىدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.         
شىر يۈرەك ــ قورقماس، باتۇر ئادەملەرگە قارىتىلغان.                                       
قېرى تۈلكە ـــ ئەقلىنى ناتوغرا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ،ھىلىگەر ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى كۆرسىتىدۇ.                                                                           
ئىت مىجەز ــ تەرسا،ئاسان ئاچچىقلىنىدىغا، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغان ،ئۇرۇشقاق ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىگە قارىتىلغان.                                                      
غەزەپكە كەلگەن كالا يولۋاسنى يېڭەر ــ بۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭمۇ غەزەپكە تولغاندا كۈچلۈك رەقىپلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان خارەكتىرىگە قارىتىلغا.                                       
چىۋىننىڭ كۆڭلى گەندىدە ــ بۇ يامان ئادەملەرنىڭ غەرىزى نەسلىك،پەسلىك،ئەسكىلىك تىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                  
چىۋىنگىمۇ ئازار بەرمەسلىك ــ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل،باغرى يۇمشاق،مېھرىبان ئادەملەرنىڭ مىجەزىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                     
ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە ــ بۇ تەبىئىتى يامان ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش مەنتىقىسى ئۆز نەپسى ئۈچۈنلا بولىدىغان مىجەزىگە قارىتىلغان.                                                         
يۇۋاش كالىنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە ـــ بۇ ئادەتتە مىجەزى ئېغىر ئادەملەرنىڭ ھالقىلىق پەيتتە ئەسلى تەبىئىتىنى ئاشكارىلاپ،يەنە بىر خىل مىجەزىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىدۈرىدۇ.                  
ئات ئازسا تايغا ئەگىشەر ـــ ئادەم ياشانغانسېرى ئەقىل-ئىدراك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ،ياشلارغا ھەتتا بالىلارغا ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى ،بالىلىق مىجەزىگە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس ــ بۇ ھايا-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ئىت مىجەز ئادەملەر ئۆگىنىپ قالغان ئەسكى مىجەزنى ئۆزگەرتمەيدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىت يىلدىن ئېشەك يىلغىچە ــ بۇ مەلۇم ئىش جەريانىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېمەك ــ بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان،ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىشنى بىلدۈرىدۇ.                                                            
ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاپ چالماق- ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا تەمنىر چالماق ــــــ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلقىنى،بىكارغا زورۇقۇپ ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.                                                                           
بېلىق سۇدىن تېپىپ يەر،قارلىغاچ ھاۋادىن ــــ بۇنىڭدا ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆز ئالدىغا جان بېقىش يولى بولىدىغانلىقى،ئادەملەرنىڭ ئۆز كەسىپىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                               
قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس ـــ بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان،نەپ چىقمايدىغان ئىشقا ھېچكىم قىزىقمايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                      
قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ ـــ بۇ نەپ تەگمەيدىغان ئىشنى قىلىشاق ھېچكىم قىزىقمايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                               
قۇرغۇي قۇشقاچنى ماراپ بولغىچە مۈشۈك تۇتۇپ يەپ بوپتۇ ــــ بۇ ئىش قىلغاندا ،كەسكىن بولۇشنى،ياپسام پىشارمۇ،كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ئولتۇرسا ،باشقىلارنىڭ چاققان چىقىپ،ئۆزىگە مەنسۇپ نەرسىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                    
مۈشۈكتەك يالىشىپتۇ،ئىتتەك تالىشىپتۇ ـــ بۇ بەزىلەرنىڭ كۆرۈنىشتە ئىنتايىن ئىناق ئۆتسىمۇ،مەنپەئەتكە تاقىلىدىغان ئىشقا كەلگەندە بىر-بىرسىگە يول بەرمەي،چىقىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                              
ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ،مۈشۈك بىلەن تۆرـــ بۇ ئىناۋەت مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك،يوقۇرى-تۆۋەن دېمەي كىشىلەر بىلەن جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ يولسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                              
پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان،زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان ـــ بۇ پايدا-مەنپەئەت،ھوزۇر-ھالاۋەتكە ھەممىدىن چەبدەس تەييار تۇرىدىغان؛ئىش-ئەمگەك،جاپا-مۇشەققەتنى كۆرسە باش تارتىپ،قاچىدىغان تەييارتاپلارنىڭ خارەكتىرىنى بىلدۈرىدۇ.                                                               
پەس ئۇقان ئېگىز قونار،ئېگىز ئۇچقان پەس قونار ـــ بۇ كەمتەر،كىچىك پېئىل ئادەم ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ،ئۈزلۈكسىز ئالغا باسىدىغانلىقىنى؛ئۆزىنى چوڭ،قالتىس چاغلايدىغان كىبىرلىك ئادەم تەكەببۇرلىقى،چوڭچىلىق بىلەن ئاممىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                           
چىۋىن يەۋالغاندەك ـــ كۆڭلىگە شەك،گۇمان چۈشكەندەك كۆڭلى غەش،دەرگۇمان بولماق.
ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ـــ خاتالىق،كەمچىلىكلەرنى،ئەيىپ نۇقسانلارنى قىلچە بوينىغا ئالمايدىغانلىقىنى،تەنقىدنىڭ تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                           
چىكەتكىدەك قاراپ تۇرماق ـــ بۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇش،ياكى بىزىرىپ تۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                           

پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ـــ بۇ ئىنتايىن ساراسىم بولۇش،ئالاقزادە بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاغزىغا چىۋىن چىچماق ـــ بۇ ھاڭۋاقتىلىق،گالۋاڭلىق،تەييارتاپىققا ئۆگىنىپ قېلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                              
ئۆچكە ياغلىرىئېرىپ كەتمەك ـــ بۇبۇرۇن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە مىھرىبانلىق قىلماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                      
بىر تۈلكە يەتتە بۆرىنى يېتەكلەيدۇ ـــ بۇ ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئەقلىگە تاينىپ باشقىلارنى بوي سۇندۇرالايدىغانلىقىغا قارىتىلغان.                                                         
بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقماق ــ بۇ بىرخىل ئىش ئارقىلىق ئىككى خىل نەتىجىگە ئېرشىش،بىرخىل دەسمىدىن قوش پايدا ئېلىشنى بىلدۈرىدۇ.                                 
قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس ـــ بۇ ياشانغان،كۆپنى كۆرگەن ئادەم ھۇشيار،ئىھتىياتچان بولغاچقا،باشقىلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئاسانلىقچە ئالدانمايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
تۈلكە مىڭ ھېلىگەر بولسىمۇ،تېرىسى دۇكاندا ئېسىقلىق ــ ئادەم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق سانىماسلىقى،ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىقلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئويلاپ قويىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۈلكىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام ـــ بۇ ھېلىگەر ئالدامچىلارنىڭ ىۇۋلۇق،شۇملۇق،ئۇستاتلىقلىرى ئۇزاققا بارماي،ھامان ئاشكارلىنىدىغانىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دوستۇڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق ـــ بۇ يامان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشسا،دوست بولۇپ ئۆتسە نەس باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                            
ئېشەكنىڭ تۇمۇشىقى ئاق بولغان بىلەن يېيىشى پوق ــ بۇ .بىلىمسىز نادانلارنىڭ ئاغزى يۇمشاق،گەپ-سۆزى چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەدەپ-ئەخلاققا،قائىدە-يۇسۇن ۋەئادەمگەرچىلىككە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ دېگەنلىك.                                    
ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن،تۈلكە تۆرگە چىقىۋاپتۇ ـــبۇ مەككار،ئالدامچىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ،مەرتىۋىگە ئېرىشىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                        
ئادەمنىڭ ساددىسى،ئېشەكنىڭ مادىسى ــ بۇ ساددا ئادەم ياۋاش،ئاقكۆڭۈل كەلگەچكە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچۇرايدىغان ھاماقەتلىكىگە قارىتىلغان.
ناداننىڭ ئوبدىنى كالا،ئوسۇلى توڭگۇز ــ بۇ نادان ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى كالىدەك ياۋاش،بەزىلىرى توڭگۇزدەك ئوسال بولىدىغانلىقىغا قارىتىلغان.
بىلىمسىز بالا، ئەقىلسىز كالا ــ بۇ بىلىمسىزلىكنىڭ سۈپىتىگە قارىتىلغان.
مەككىگە بارغان ئېشەك ھاجى بولماس ـــ دۆت ئادەم ھەر قانچە مەرتىۋىگە ئېرىشسىمۇ،ئاقىل بولالمايدۇ دېگەن مەنىدە.
ئاق قويدىن قارا قوزىمۇ تۇغۇلىدۇ ــ بۇ ئېسىل نەسەپتىن ھامان ئېسىل ئەۋلادنىڭ تۇغۇلىشى ناتايىن،شۇ ئائىلىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يارىماس ئەۋلادلارمۇ تۇغۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                     
ئاق ئىت كەتسە قارا ئىت كېلىدۇ ـــ بۇ بىر سۈيقەستچى قارا نىيەت يوقالسا،ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭدىنمۇ يامان ،ياۋۇز ئەسكىسى ئىگىلەيدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ ،ئورۇقلىقىنى بىلىندۈرمەس ــ بۇ مەرت نۇمۇسچان ئادەم نامراتلىق،يوقسىزلىق كۈنگە قالغان تەقدىردىمۇ زارلانماستىن ،ئۆز ھالىنى بىلىندۇرمەيدۇ دېگەنلىك.
چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرىقىنى چىشلەپتۇ ــ بۇ ئاجىزلارنىڭ ئۆز كۈچىنى مۆلچەرلىمەستىن كۈچلۈكلەر بىلەن تىركىشىشى ئۇلارنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                              
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار ــ بۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆز يۇرتىنى،قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ،باشقا ياققا كەتكەنلەر ئاىىرى ئايلىنىپ يۈرۈپ،ئەقىل تېپىپ يۇرت-ماكانىغا ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ دېگەنمەنىنى بىلدۈرىدۇ.
پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ يېرىلىپ كېتىپتۇ ـــ بۇ ھەر كىم ئۆز چامىغا،ئىمكانىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى،قۇرنى يەتمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىپ مەسخىرىگە قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                  
توخۇ ئۇچسا تامغا قونار،لاچىن ئۇچسا تاغقا قونار ــبۇ جۈرئەتسىز،پاراسەتسىز،قورقۇنچاق ئادەمنىڭ تىرىكچىلىك كۈچىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى،جۈرئەتلىك،قەيسەر ئادەمنىڭ تىرىكچىلىك دائىررىسى چەكسىز بولۇپ،يوقۇرىغا ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار ـــ بۇ پاكىز،ياخشى مۇھىتنىڭ قەدرىگە يەتمەي،پاسكىنا،مەينەتچىلىكنى خالايدىغان ھورۇنلارنىڭ ئەخمىقانە خۇسۇسىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.
مۈشۈكتەك يالىشىپتۇ،ئىتتەك تالىشىپتۇ ـــ بۇ زىدىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىش ھالىتىنى ئىپادىلىگەن.                                                                           
ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە،ئىتنى چىشلىمەيدۇ ــ بۇ ئات ۋە ئىتنىڭ فونكىسىيىسى ئارقىلىق ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ھۇشيار،سەزگۈر بولۇپ،كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.                                                                           
بېلىق سۇدىن تېپىپ يەيدۇ،قارلىغاچ ھاۋادىن ـــ بۇ يەردە ھەر كىمنىڭ ئۆز ھۈنىرىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
توخۇ داڭگال چۈشەر،ئۆچكە جاڭگال ــ بۇنىڭدا ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىھتىياجى ھەققىدە غەم يەيدىغانلىقى،كۆڭلىدە دائىم ئۆز ئارزۇسىدىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى،ھەمدە بولمىغان ئىشنى خام خىيال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.                                                      
   

مەنبە   شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2001-يىل3-سانىئاپتور ئېزىزجان ھەسەن.
بەت: [1]
: ھايۋانلارغا ئائىت ماقال-تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى