مۆتىۋەر يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:48:12

بەيدۇدىن ساقلىغان سۈرەت نىمىشقا تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ؟

بەيدۇدىن ساقلىغان سۈرەت نىمىشقا تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوسىتلار!
   
      بۋىۋىسكا لايىھەسىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەيدۇدىن (扣管机) نىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كومپىيۇتىر يۈزىگە (桌面) ساقلىدىم. لىكىن بۇ سۈرەتنى ۋىۋىسكىغا ئىشلەتسەم تۇتۇقلىشىپ كەتتى. لايىھەلەشنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بۇ مەسلىنى دوسىتلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ھەل قىلمىسام بولمىغۇدەك. دوسىتلاردىن تەلىم ئالسام دەيمەن. ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
بەيدۇدىن سۈرەتنى قانداق چۈشۈرىمىز.؟
سۈرەتنى قانداق ساقلىساق ۋىۋىسكىغا ئىشلەتكەندە تۇتۇقلقشقپ كەتمەيدۇ؟

كەمىنە مۆتىۋەر.



ياردەم تۈرىگە يوللىسىام تارتۇق تېما دەپ تۇرىۋېلىپ يوللانغىلى ئۇنىمىدى. شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ تۇردۇم.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 00:46:40

ئۇ سىز ساقلىۋالغاندىن كېينن تۇتۇقلىشىپ كەتكەنلىك مەسىلىسى ئەمەس، رەسىم ئەسلى مەنبەدىنلا تۇتۇق بولغاچقا شۇنداق بولىدۇ.
رەسىم ساقلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ رازمىرلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بىلەلەيسىز.
ۋېۋىسكىغا كامىدا كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقى 2000 دىن تۆۋەن رەسىمنى ئىشلەتسىڭىز تۇتۇق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
بەيدۇدا ئۇنداق سۈزۈكلىكتىكى رەسىملەرنى تاپقا تەس، شۇڭا سىز باشقا كەسپى تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ بېقىڭ.
مەسىلەن:
http://www.nipic.com/index.html
http://sc.chinaz.com/
http://www.aiimg.com/photoshop/
http://www.58pic.com/
http://www.sccnn.com/
تېخىمۇ كۆپ: http://www.baidu.com/s?wd=%E5%9B%BE%E7%89%87%E7%B4%A0%E6%9D%90&ie=utf-8&tn=baiduhome_pg&oq=%E5%9B%BE%E7%89%87&f=8&rsv_bp=1&rsv_enter=1&rsv_sug3=17&rsv_sug4=1453&rsv_sug1=9&rsv_sug2=0&inputT=2188&rsv_spt=1

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 00:48:52

ئاشۇ رەسىمنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە كىرىپ بېقىڭ

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 09:20:17

ئۇ توربېكەتنىڭ ئىشى ئەمەس رەسىم ئەسلىدىنلا شۇنداق

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 09:20:44

چۈشۈرگەن رەسىمىڭىز ئىكراننىڭ زامىرىغا ماس كەلمىسە ئەلۋەتتە تۇتۇق چىقىپ قالىدۇ.

مۆتىۋەر يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 10:59:26

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-8-30 00:46
ئۇ سىز ساقلىۋالغاندىن كېينن تۇتۇقلىشىپ كەتكەنلىك مەسى ...

رەھمەت سىزگە ئاتامان!
سىز دىگەن ئادرىسقا كىرىپ مەشغۇلات قىلىپ باقاي。

مۆتىۋەر يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 11:00:20

ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-8-30 00:48
ئاشۇ رەسىمنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە كىرىپ بېقىڭ

بولىدۇ، رەھمەت سىزگە.

مۆتىۋەر يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 11:01:19

بارى يوللىغان ۋاقتى2014-8-30 09:20
ئۇ توربېكەتنىڭ ئىشى ئەمەس رەسىم ئەسلىدىنلا شۇنداق

رەھمەت، بىلىۋالدىم. بولسا يەنە يول كۆرسەتسىڭىز.

مۆتىۋەر يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 11:02:46

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-8-30 09:20
چۈشۈرگەن رەسىمىڭىز ئىكراننىڭ زامىرىغا ماس كەلمىسە ئەل ...

رەھمەت. بولسا ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 12:34:08

مۆتىۋەر يوللىغان ۋاقتى2014-8-30 11:02
رەھمەت. بولسا ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ رەسىم ئىزدىتىش بىتىنى ئاچسىڭىز ئوننەچچە خىل ئىشلىتىلىشچان رەسىملەر تىزىملىكى چىقىدۇ، سىز شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىكران رەسىملىرى دىگەننى تاللاپ ئاچسىڭىز ئىكرانغا تەڭشەيدىغان رەسىملەر چىقىدۇ، ھەر بىر رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئاپارسىڭىز شۇ رەسىمنىڭ زامىرى چىقىدۇ، سىز كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئىكرانىنىڭ زامىرىغا قاراپ بىقىپ شۇ بويىچە ماس كىلىدىغان زامىردىكى رەسىملەرنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ
بەت: [1]
: بەيدۇدىن ساقلىغان سۈرەت نىمىشقا تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ؟