kowruk. يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 01:10:36

قېلىن يۇمۇرلار (كىچىكلەر كورمەڭلار)

قېلىن يۇمۇرلار (كىچىكلەر كورمەڭلار)

دېڭىز سەپىرى خاتىرىسى
بىر گۈزەل ئايال يازغۇچى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىقىپتۇ ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇ مۇنداق دەپ يېزىپتۇ :
بىرىنچى كۈنى : مەن پاراخوت كاپىتانىنى ئۇچراتتىم
ئىككىنچى كۈنى : مەن بەك تەلەيلىككەنمەن ، كاپىتان مېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى .
ئۈچىنچى كۈنى : كاپىتان مېنى پاراخوتنىڭ ھەممە يېرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇزدى.
تۆتىنچى كۈنى : كاپىتان ھۇجرىسىنى كۆرسەتتى ۋە ماڭا تەكلىپ قويدى ، بۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە زادىلا توغرا كەلمەيدىغان ئىش.
بەشىنچى كۈنى : ئۇ يەنە شۇ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى ، يەنە تېخى ، ئەگەر مەن ماقۇل بولمىسام پاراخوتنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالتىنچى كۈنى : مەن پۈتۈن پاراخوتتىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۋالدىم .

بەت سانى ئوخشىمايدۇ
بىرەيلەن ئەدەبى ئوبزورچىدىن سوراپتۇ :
- سىزنىڭچە كلاسسسىك رومان بىلەن ھازىرقى زامان رومانلىرىنىڭ پەرقى قانداق ؟
- كلاسسىك رومانلاردا ئەر كىشى ئايالىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 - بەتتىن كېيىن سۆيىدۇ ، ھازىرقى زامان رومانلىرىدا بولسا 3 - بەتتىن ئاشماي تۇرۇپلا ناشايان ئىشلار يۈز بېرىدۇ

شۇم خەۋەر
ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىر چىرايلىق ئاغرىقنى تەكشۈرۈپ بولۇپ دەپتىغۇ :
- خانىم سىزگە بىر خۇشخەۋەر ئېيتىدىغان بولدۇم
- مەن خانىم ئەمەس ، خانقىز
- ھە؟! ئۇنداقتا مەن سىزگە بىر شۇمخەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدۇم

ساقال ئېلىش
بىر ئەر ئەتىگەندە ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ ئايالىغا دەپتۇ :
- بىلەمسەن ، ھەر ئەتىگەنلىكى ساقال بۇرۇتۇمنى ئالغىنىمدا ئۆزۈمنى ياشىرىپ قالغاندەك ، ۋۇجۇدۇمغا كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن .
- ئۇنداق بولسا ساقال بۇرتىڭىزنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ ؟

چوڭ چىۋىن
بىر زىياپەتتە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان بىر ياش ئايالنىڭ ئەتراپىغا بىر مۇنچە ئەرلەر ئولىشىۋاپتۇ ، بىر خانىم نارازى بولۇپ ئېرىگە دەپتۇ :
-ئۇنىڭ نەرى چىرايلىق ، ئاۋۇ ئادەملەر نېمانچە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالىدىغاندۇ ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم ، ياخشىسى مەن بىر بېرىپ قاراپ باقاي ھە


ئالدىن بىلىپ تۇرۇش
بىر ئايال ئېرىنى قاتتىق باشقۇرىدىكەن .
بىركۈنى ئايال ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ . ئەر يالغۇز سىرتنى ئايلىنىپ كىرمەكچى بولۇپ، كۆزەينەك تاقاپ كاستۇم كىيىپ ، پۇلۇم بارمۇ يوقمۇ دەپ يانچۇقىغا قول سالسا ئايالى يازغان بىر باغاقچە چىقىپتۇ :<< سەن بۇنچە رەتلىك كىيىنىپ نەگە بارماقچىدىڭ ؟>>

نېمىلا قىلسا كۆزگە سىغماسلىق
بىر ئايال ئېرىنى بەك كۈنلەيدىكەن ، بىر قېتىم ئۇلار ساياھەتكە چىقىپتۇ . ئۇلار دېڭىز ساھىلىدا ئارام ئېلىۋاتسا ئالدىدىن بىر چىرايلىق قىز ئۆتۈپتۇ . ئەر ئىختىيارسىز لاپپىدە قاراپ قويۇپتىكەن ئايالىدىن دەككە يەپتۇ ، بىكاردىن بىكار ئازار يېگەن ئەر يەنە بىرەرسىگە قاراپ سالماي دەپ كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالسا ئايالى يەنە ۋاتىلداپ كېتىپتۇ :
- ھە ، ئەمدى كۆزۈڭنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ بايىقى بۇزۇقنى ئويلاۋاتامسەن ؟!

ھېچبىر سەۋەنسىز
سام قايتا توي قىپتۇ . ئۇ ياش ھەم چىرايلىق ئايالىغا دەپتۇ :
- سۆيۈملۈكۈم ، مېنىڭ چوڭ بىر كەمچىلىكىم بار ، مەن ھەمىشە ھېچبىر سەۋەبسىزلا كۈنلەپ قالىمەن
- قەدىرلىكىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ھەرگىز سىزنى سەۋەنسىز كۈنلەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويمايمەن .

پىركازچىك قوبۇل قىلىش شەرتى
بىر ماگىزىن توي قىلغان ئەرلەرنى پىركازچىكلىققا قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپتىكەن ، ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر سوراپتۇ :
- بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
- چۈنكى توي قىلغان ئەرلەر باشقىلارنىڭ ۋارقىراپ جارقىراشلىرىغا كۆنۈپ قالغان بولىدۇ .

ئۇرۇش تەييارلىقى
چېركاۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى ، بىر بالا دادىسىدىن سورىدى :
- دادا ، نېمىشقا يىگىت بىلەن قىز بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالىدۇ ؟
- ھە ، بۇ دېگەن بىر ئادەت ، بۇ خۇددى ئىككى بوكىسچىنىڭ مۇشتلىشىشتىن بۇرۇن قول ئېلىشقىنىغا ئوخشايدۇ .

تويلۇق رەسىم
پېتىر بىلەن مارى تويلۇق رەسىمگە چۈشمەكچى بوپتۇ . رەسىمچى دەپتۇ :
- يېقىنراق تۇرۇڭ ، قولىڭىزنى يىگىتىڭىزنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالسىڭىز تېخىمۇ تەبىئيرەك چىقىدۇ .
پېتىر ھەسرەتلىك ھالدا :
- تېخىمۇ تەبىئىيرەك چىقسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ قولىنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇڭ .

قاباھەتلىك چۈش
بىر ئەر ئايالىنىڭ خورلاشلىرىغا چىدىماي ئۆيدىن چىقىپ مېھمانسارايغا بېرىپتۇ .
كۈتكۈچى : ئەپەندىم : بۇ ياتاقتا تۇرسىڭىز خۇددى ئۆز ئۆيىڭىزدە تۇرغاندەك بولىسىز .
ئەر : ئۇنداق بولسا ماڭا دەرھال باشقا ياتاققا ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ !

پەرق ئېتەلمەسلىك
ئا : كالتە چاچ قويۇۋالغان نيۇزەيكۇ كىيىۋالغان ئاۋۇ بالا قىزمۇ ئوغۇلمۇ ؟
ب : ئۇ مېنىڭ قىزىم
ئا: ھە كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن .
ب : ياق ، مەن ئۇنىڭ دادىسى

مەقسەت باشقا
بىر رېژىسسور ئارتىس تاللاۋاتسا بىر ئايال ئىشىك چېكىپتۇ .
- ئەپەندىم ، كەچۈرۈڭ
- بولدى بولدى ، نېمە ئالاھىدىلىكىڭىز بار ؟ ھە ، ئالدى بىلەن ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي .
ئايال يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ .
- توختاڭ ! دەپ ۋارقىراپتۇ رېژىسسور ، - ئاۋازىڭىز شۇنچە سەت تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىز نېمىسى ؟
- مەن بۇ ئۆينى تازىلىغىلى كەلگەن .

قورۇما ئىسستىش
يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ئەر ئايال شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ، ئايال سوراپتۇ :
- قايتىپ كەلگەندە نېمە يەيسىز ؟
- پەقەت سىزنىلا يەيمەن ، - دەپتۇ ئەر ئامراقلىق قىلىپ
ئەر ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلسە ئايالى ئىچ كىيىم بىلەن راسا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەك ...
- نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ - دەپتۇ ئەر ھەيران بولۇپ
- قورۇما ئىسستىۋاتىمەن

زىغىرلاش
تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى خانىمى بىلەن كېتىۋاتسا سېرىق چاچلىق بىر ساھىپجامال قىز ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ .
- ئاۋۇ بۇزۇق بىلەن نەدە تۇنۇشقانتىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ ئايالى زەردە بىلەن.
- ھە ، بىز پەقەت كەسپىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن تونۇشۇپ قالغان .
- شۇنداقمۇ ؟ سىزنىڭ كەسپىڭىزنىڭمۇ ياكى ئۇنىڭ كەسپىنىڭمۇ ؟

تۇنجى تۇغۇت
بىر مۆتىۋەر ئۆيلىنىپ يەتتە ئاي بولغاندا ئايالى يەڭگىپ قويۇپتۇ ، مۆتىۋەر دوختۇردىن سەۋەبىنى سوراپتۇ .
- ئەنسىرمەڭ ، - دەپتۇ دوختۇر ، - بۇنداق ئىش تۇنجى تۇغۇتتا يۈز بېرىپ قالىدۇ ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىش قايتىلانمايدۇ .

ئاددىي تەبرىكلەش
بىر ئايال باركەندە كۈنبويى توختىماي ۋاتىلدايدىكەن .
ئايال : توي خاتىرە كۈنىمىزنى قانداق تەبرىكلىسەك بولار ؟
ئەر : ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرساق قانداق ؟

ئەسقاتىدىغان ئاۋاز
ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر قىز تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن سوراپتۇ :
-ئېيتىڭا مۇئەللىم ، مېنىڭ ئاۋازىم ئەسقاتىدىغاندەكمۇ يا ؟
- ئەسقاتىدۇ ، ئەسقاتىدۇ ، ئەگەر بىرەر يەرگە ئوت كېتىپ قالسا تازا ئەسقاتىدۇ .

ئىككى خىل روھىي ھالەت
ئايال ئا : مېنىڭ ئېرىم كەچتە ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ قايتىپ كېلىپ كەچتە تاماق يەپ ئۇخلاپ ئەتسى ئەتىگەندە روھلۇق ئىشقا ماڭىدۇ .
ئايال ب : مېنىڭ ئېرىم ئىشتىن روھلۇق قايتىپ كېلىپ ، ئەتىسى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ھالدا ئىشقا ماڭىدۇ .

دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بىر خوجايىنى سەتەڭ بىر خېنىمنى باشلاپ ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇپتۇ . خوجايىن بىر بۇقىنىڭ ھەدەپ بىر ئىنەككە ئارتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ھېلىقى ئايالنىڭ بېلىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ دەپتۇ :
- ئومىقىم ، مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ .
- ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ - دەپتۇ ئايال ، - ئىنەك ئۆزىڭىزنىڭغۇ ؟!

بىر بالا كونا ئالبۇمنى كۆرۈۋېتىپ پوپايكا توقۇۋاتقان ئاپىسىدىن سورىدى :
- ئاپا ، سەن بىلەن بىللە تۇرغان قارا چاچلىق قاۋۇل يىگىت كىم ؟
- ئەخمەق بالا ، ئۇ سېنىڭ داداڭ بولمامدۇ ؟
- دادام ؟! ئەمىسە ھازىر بىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان تاقىرباش سېمىز ئادەم كىم ؟


باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئايال ئەتراپتا ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈسىتىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ . بىردەمدىن كېيىن بىر دىۋانە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
- خانىم ، ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدۇق ، بىللە سەيلە قىلساق قانداق ؟- دەپتۇ .
- ھەددىڭدىن ئاشما ! - دەپتۇ ئايال ئاچچىقلاپ ، مەن ھېلىقىدەك شاللاق ئاياللاردىن ئەمەس !
- ئۇنداق بولسا ، - دەپتۇ دىۋانە - سىز مېنىڭ بۇ كارىۋىتىمنىڭ ئۈستىدە نېمە ئىش قىلىسىز ؟

ياشانغان پروفېسسور رېستۇرانغا كىرىپ كۈتكۈچىگە دەپتۇ :
- ماڭا ئىس ئۆتۈپ كەتكەن تۇخۇم قورۇمىسى ، بىر ئىستاكان بەتتەم قەھۋە بىلەن ئىككى پارچە قېتىپ كەتكەن بولكا كەلتۈرۈڭ ، ئاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئاغزىڭىز بېسىقمىغان ھالدا مېنى يېرىم سائەت تىللاڭ .
- نېمىشقا ئەمدى ؟ ئەپەندىم ؟
- ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىمنى ئەسلەپ قوياي ، دېۋىدىم

بىر ھاراقكەش يېرىم كېچىدە تازا مەس ھالدا يولدا كېتىۋاتسا ساقچى توسۇپ سوراپتۇ :
- نەگە ماڭدىڭ ؟
- ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلىغىلى ماڭدىم .
- بۇ يېرىم كېچىدە كىم ئۇ لېكسىيە سۆزلەيدىغان ؟
- خوتۇنۇم

كېلىنىنى خورلاش بىلەن داڭ چىقارغان بىر ئايال بار ئىكەن ، بىر كۈنى ئوغلى بىر ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ .
- ئۇقتۇرۇشتا نېمە دەپتۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ ئانا .
- مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئىكەن ، مەھەللىمىزدە كېلىنىنى خورلايدىغان ئىككىيلەن بار ، كۆپچىلىك دىققەت قىلىپ قويۇڭلار ، دەپتۇ .
ئانا سەل ئويلىنىۋېلىپ سوراپتۇ :
- يەنە بىرى كىمكەن ؟

چىشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بىر قىز چىش دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ :
- ئەپەندى ، دەپتۇ ئۇ دوختۇرغا ، - دېمەكچى بولغانلىرىم بەلكىم ئەمەلىي بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن مېنىڭچە بالىلىق بولۇش چىش ئاغرىقىنى تارتىشتىن ئاسانراق بولسا كېرەك .
- ئۇنداق بولسا سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن ، - دەپتۇ چىش دوختۇرى ، - شۇتاپتا سىزنىڭ چىش تارتقۇزغىڭىز بارمۇ ياكى بالىلىق بولغۇڭىز بارمۇ ؟

مەنمۇ بىر يومۇر دەپ قوياي
بىركۈنى يانتاق باي ھاراقنى كۆپرەك ئىچىپ قويۇپتۇ، ئەتىسى ئايالىدىن
-خوتۇن بىزنىڭ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى نىمانداق پەسلەپ كەتتى?دەپ سوراپتۇ.
-قاچان شۇنداق ھېس قىلدىڭىز ؟ دەپ سوراپتۇ ئايالى.
- ئاخشام دەپ جاۋاب بىرىپتۇ يانتاق باي.
- ئىشكنى ئاچسىڭىز سوغۇق شامال ئۇرۇلىۋاتامدۇ؟ سوراپتۇ ئايالى .
ھەئە، دەل سەن دىگەندەك دەپتۇ يانتاق باي.
-ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان، يەنە توڭلاتقۇغا سىيىپسەندە، دەپ قاقشاپ كىتىپتۇ ئايالى...

بىر يۇمۇر ئويناپ قويدۇم يانياق باي ھەققىدە ھېى ھېى....                                              سېرىك ئۆمىكىدە خەتەرلىك نومۇر ئورۇندىلىۋاتقان ئىكەن. بىر گۈزەل قىزنىڭ ئېغىزىغا كەمپۈت سېلىنغان بولۇپ، شىر تىلىنى چىقىرىپ قىزنىڭ ئېغىزىدىكى كەمپۈتنى ئاغزىغا سالىدىكەن. نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىنىپ بولغاندىنكېيىن، سېرىك ئۆمىكىنىڭ خوجايىنى كۆپچىلىككە چاقچاق قىلىپ:
   — قېنى كىم سىناپ باقىدۇ؟ – دەپتۇ. زال ئىچىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلاپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن،ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ:
   — مەن شىرنىڭ رولىنى ئالالايمەن، – دەپتۇ

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 01:55:28

لېكىن ما يومۇرنى ئوقۇپ كۈلمىدىم ،

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:42:53

لېكىن ما يومۇرنى ئوقۇپ كۈلدىم{:6_276:}

1968450472 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 09:21:33

كۈلىدغان يىردىن ئۈتۈپ كەتتىممۇ ياكى كۈلدىغان يىرنى ئۇقالماي قالدىممۇ؟ پاقات ئۇقامدىميا .خۇددىي ئېلان ئۇقۇغاندەك ھىس قىلدىم مەن

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 13:26:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2845246372 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-26 13:27

مەن كىرىپ قاپتىمەنئاستا چىكەتسەم بولامدۇ نىمە :lol :P

بارى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 16:48:56

2845246372 يوللىغان ۋاقتى2014-8-26 13:26
مەن كىرىپ قاپتىمەنئاستا چىكەتسەم بولامدۇ نىمە

نىمانداق قىززىق...........

ئېزچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 21:20:45

ياخشىكەن.........................

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 22:02:54

مەنمۇ كۇلدىغان يىريدىن ئۇتۇپلا كەتتىمۇ قانداق ، ئىلان تەشۋىقات ئۇقۇغاندەكلا تۇگۇتىۋەتتىمغۇ . :lol

411tanha يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 12:02:44

بوپقالدىكەن لېكىن ئىملا خاتالىقى كۆپكەن ....

ئەنۋەر712 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 01:50:14

كۆپ قىسمى بۇرۇن كۆرۈپ بولغان يۇمۇرلاركەن.
بەت: [1] 2
: قېلىن يۇمۇرلار (كىچىكلەر كورمەڭلار)