كۆزىتىشنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقىدىكى رولى
كۆزىتىش-ماقالە-ئەسەر يېزىقچىلىقىدىكى مۇھىم ئامىل. ئۇ يازماقچى بولغان شەيئى ھەققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، چۈشىنىشتە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ يېزىقچىلىق قىسمى كۆزىتىشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ ئېلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر، ئىزدىنىش، چۈشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ7-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇغۇچىلارغا بايانى ئەسەريېزىش مەشقى كۆپرەك ئېلىپ بېرلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىقچىلىق مەشقىگە كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق مەشقىگە قانداق يېتەكلەش كېرەك؟» دېگەن سۇئال ھەر بىر تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان مۇھىم مەسىلە. مەن ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش، خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىداكۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق توۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ھىس قىلدىم.
1.ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر توغرىسىدىكى بىلىم نوقتىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرلۇپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ جۈملە تۈزەش مەشىقىگە كۆپرەك يىتەكلەش كېرەك.
2.دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تەپسىلى كۆزىتىش، كۆزەتكەنلىرىنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تاشقى قىياپەت تەسۋىرى يېزىشقا تەشكىللەش كېرەك.
3.دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتا ئۆزى ياقتۇرغانمەلۇم بىر شەيئى ياكى ئادەمنىڭ (ئائىلىدە ئاتا-ئانىسى، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ ۋە باشقىلار)قىياپىتى، ئىش ھەركىتىنى تەپسىلى كۆزىتىپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ھەركەت تەسۋىرى يېزىپ كىلىشنى تاپشۇرۇق بېرىش كىرەك.
4.ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى خالىغان بىر مەنزىرىنى كۆزىتىش، كۆزەتكەندە كۆرىنىشى، رەڭگى، ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز، پۇراق قاتارلىق تەرەپلەردىنكۆزىتىش، كۆزەتكەنلىرىنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تەسۋىرلەشكە يېتەكلەش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە پەقەت ئىنچىكە كۆزەتكەندىلا ئاندىن شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى بايقىغىلى ۋە ياخشى تەسۋىرلىگىلى بولدىغانلىغىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك.
5. ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئوخشاش بولمىغان جايدىكى مەنزىرە ئوخشاش بولمايدىغانلىغىنى، ئوخشاش مەنزىرە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆرۈنىش جەھەتتىن ئۆگىرىپ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىغىنى، شۇڭاكۆزەتكەندە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشاش بولمىغان جايدىكى مەنزىرلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى چىڭ تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىملىغىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك
6.ئوقۇغۇچىلارغا كۆزەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىگىنى تەپسىلى چۇشەندۇرۇش كېرەك.
كۆزەتكەندە چوقۇم پۇتۇن زېھنى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىش كېرەك.كوڭۈل قويۇپ كۆزەتمىگەندە كۆزىتىۋاتقان شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى تۇتقىلى بولمايدۇ. شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، بىردەم كۆزىتىپ قويۇپلا بولدى قىلماسلىق، شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى تولۇق ئىگەللىيەلمەي، كۆزىتىش ئۈنۈمسىز بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.بۇ نوقتىغا دىققەت قىلمىغاندا شەيئىنى ياخشى ۋە ئوبرازلىق تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ
7.ماقالە-ئەسەر يېزىشتا ئالدى بىلەن ماتېريالغا ئىگە بولۇش كېرەك. ماتىريال جۇغلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەيئىلەرنى ياخشى كۆزىتىش كېرەك. شەيئىلەرنى ياخشى كۆزەتكەندە بىرقەدەر مۇكەممەل، ياخشى بولغان ماقالىلارنى يېزىپ چىقىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
مەن شۇڭا ماقالە يازالمايدىكەنمەندە ............
بەت:
[1]