كەلگۈسىدە ئىنسانلار بارغانسېرى دۆتلىشىشكە قاراپ ماڭىدىكەن
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/5aef1206/ئەنگىلىيە ‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دەلىل ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە ئەنگىلىيە، دانىيە ۋە ئاۋىستىرالىيىلىك كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەش ئەھۋالى كېلىپ چىققان.
بوب ھومىس ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ ئەنگىلىيىدە چىقىرىلىدىغان ‹ يېڭى ئالىم› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، دانىيىدىكى ئەرلەرنىڭ ئارمىيىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1998-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش نەتىجىسىدە 1.5 نۇقتا تۆۋەنلەش كېلىپ چىققان. ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇشۇ تۈردىكى سىناق نەتىجىلىرىدىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان يۈزلىنىش كېلىپ چىققان.
ئامېرىكا خارتفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئىنسانلار بارغانسېرى دۆتلشىشكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، 2110-يىلىغا بارغۇچە ئىنسانلارنىڭ IQ كۆرسەتكۈچى يىلىغا 8 نۇقتا بويىچە تۆۋەنلەپ ماڭىدىكەن، بەزى پەرەزلەردە بۇ خىل قىياسنىڭ نەتىجىسى تېخىمۇ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن.
دانىيىلىك ئەرلەرنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ئارمىيىگە قاتنىشىشىغا ماس كېلىش كەلمەسلىكىنى سىناق قىلىدىغان بىر تۈرلۈك IQ كۆرسەتكۈچى سىنىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1998-يىلىدىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ IQ كۆرسەتكۈچى 1.5 نۇقتا تۆۋەنلەپ كەتكەن. مۇخبىر بوب-ھومىسنىڭ ئەنگىلىيىدە چىقىرىلىدىغان ‹ يېڭى ئالىم› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆلچەملىك سىناق تەكشۈرۈشىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يۈزلىنىش بايقالغان. ئىنسانلارنىڭ بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىشىدەك بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشتە بولسا ئىنسانلار ئاللىقاچان ئەقلىي قۇۋۋەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ بولغان دېيىلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ IQ كۆرسەتكۈچىدە 3 نۇقتا ئېشىش بارلىققا كەلگەنلىكى بايقالغان بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە ۋە دانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ IQ كۆرسەتكۈچىدە ئېشىش بولغانلىقى بايقالغان. بۇ خىل ھادىسە ‹ فىلىن ئېففىكتى› دەپ ئاتالغان.
ئەڭ بۇرۇن بۇ يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغۇچى زات- يېڭى بىرازىلىيىنىڭ ئوتاگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفىسسورى-جامىس. فىلىننىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ئېىشىشى بولسا ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى، تەربىيلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا تۇرمۇش سۈپىتىگە باغلىق بولۇپ، ھازىرقى مۇتەخەسسىىسلەرنىڭ قارىشىچە، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ‹ فىلىن ئېففىكتى› ئاللىقاچان ئاياغلاشقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ كەينىگە چېكىنىشكە، كىشىلەر دۆتلىشىشكە قاراپ ماڭغان. كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى بارغانسېرى ئاستىلىشىپ بارىدىكەن. كىشىلەر 45 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن بارغانسېرى دۆتلىشىپ بارىدىغان بولۇپ، يوگا مەشىق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
مەنبە: نۇرتورى نىمىنى بىلەتتى ئۇلار، ئۇلارنىڭ قارىشچە زامان تەرەققى قىلغانسىرى
ئادەم دۆتلىشىپ كىتىدىكەندە قىززىقكەن{:6_269:}{:6_276:}{:6_277:} يوگا تەنھەرىكىتىنىڭ ئىلانىكەندە بۇ ... شۇنداقما گەپ باما تېخى
بەت:
[1]