شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 02:15:03

باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ 1.0 نوسخىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاشتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-25 21:50

                                        دىتال ھەققىدە
    بۇ دېتال « Visual Basic 6.0» دىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، مەكتەپ مەشغۇلىيىتىنىكومپيتېردا ئاپتۇماتىك كونترول قىلىپ، نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قوڭغىراق چىلىشىغا خاتىمە بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش مەقسىتىدەياساپ چىقتىم.
    كومپيتېردىكى ۋاقىت 12 سائەتلىك ئەندىزە ياكى 24 سائەتلىك ئەندىزە بويىچە ماڭىدىغان بولۇپ،مەن مۇشىنىڭغا ئاساسەن يازلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل دېتال بىلەن تەمىنلىدىم. ئىھتىياجىڭلارغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. قىشلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىكىنى 10-ئايدىن بۇرۇن مۇشۇ تېمىغا يوللاپ بولىمەن.
    بۇ دېتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:
    1-قەدەمدە، ھۆججەتنى پرېستىن يېشىپ، ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ نامىغا پەقەت چىقىلماي، قالايمىقان ئۆچۈرۈۋەتمەي،«定时器» دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلىرى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ D دىسكىسىغا قاچىلاڭ، كومپيۇتېرنىڭ باشقا دىسكىسىغا قاچىلىسىڭىزبۇ دېتال ئىشلىمەيدۇ؛
    2-قەدەمدە، كومپيۇتېرغا ئاۋاز ياڭراتقۇنى چېتىپ چوڭ كاناينى سىرتقا چىقىرىڭ؛
    3-قەدەمدە،«D:\定时器» نىڭ ئىچىدىكى «VB定时器(12时» دېگەن دېتالنى ياكى «VB定时器(24时» دېگەن دېتالنى ئىجرا قىلىڭ؛
    4-قەدەمدە، ئىجرا قىلىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «باشلىماقچى بولسىڭىز بۇ   نى بېسىڭ» دېگەن يەردىكى كۇنۇپكىنى بېسىڭ. ئەگەر كۆزنەكنىڭ ماۋزۇسى«8:05:00» دېگەندەك شەكىلدە ئۆزگەرسە، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىز نىڭۋاقتى 24 سائەتلىك ئەندىزە بولۇپ، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىزدا       «VB定时器(24时» دېگەن دېتال نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر كۆزنەكنىڭ ماۋزۇسى«上午 08:05:00» دېگەندەك شەكىلدە ئۆزگەرسە، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىز نىڭۋاقتى 12 سائەتلىك ئەندىزە بولۇپ، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىزدا «VB定时器(12时» دېگەن دېتال نورمال ئىشلەيدۇ.
    ئەگەر مەن تەمىنلىگەن «D:\定时器\music» نىڭ ئىچىدىكىEXE شەكلىدىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى ياقتۇرماي باشقا ئاۋاز ھۆججىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ:
    1.ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىز چوقۇم EXE شەكلىدە بولسۇن؛
    2. ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنىڭ ئورنى چوقۇم «D:\定时器\music» نىڭ ئىچىدە بولسۇن؛
    3. ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنىڭ ئىسمى چوقۇم 01، 02، 03، 04، 05، 06، 07، 08، 09، 10، 11، 12، 13، 14، 15، 16، 17 بولسۇن.
    ئەڭ ئاخىردا دەپ قويىدىغنىم، بۇ دېتالدىكى ۋاقىتلار سىزنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىڭىزغا ماس كەلمىسە ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىپ كىرگۈزۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
چىيەنناۋ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ:
http://qiannao.com/file/xaxtekin/fa424d95/
خۇاۋېي تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ:
http://dl.vmall.com/c07c3qb29a
كۆچمە خەۋەرلىشىش تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ:
http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/011g6qFx2kxU提取密码:541268
تېلېگراف ئالاقىسى تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ:
http://cloud.189.cn/t/Z3YniqummA73
بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ:
http://pan.baidu.com/s/1qW0RL60

aksu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 03:57:03

ۋاقىت ئەسلىگە كېلىپ قالمايدىغان قىلىپ ياسىسىڭىز بولمامدۇ؟

مۇشتاق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 08:19:33

رەھمەت سىزگە، جاپا تارتىپسىز ! مەن چۈشۈرۈپ سىناپ ئىشلىتىپ باقاي قېنى:P

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 09:14:02

رەھمەت سىزگە ئۇستاز، جاپا چېكىپسىز!
چۈشۈرۋالدىم، ۋاقتىم چىققاندا ئۆزۈم بىر قوللۇق سىناپ چىققاندىن كېيىن، مەكتەپلەرگە بارغان چېغىمدا قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تەۋىسىيە قىلسام بولغۇدەك.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 09:47:47

جاپا تارتىپىسىز

شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 13:45:32

aksu يوللىغان ۋاقتى2014-8-21 03:57
ۋاقىت ئەسلىگە كېلىپ قالمايدىغان قىلىپ ياسىسىڭىز بولما ...

سىز دېگەندەك قىلسام بولامۇ يا!؟{:6_263:}

ئەركيۇرت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:11:17

سانلىق مەلۇمات ساقلىنىدىغان قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

ھېكىم يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:56:35

رەھمەت، جاپا تارتىپسىز، بىراق يەنىلا قوڭغىراق چالغان ياخشىمۇ قانداق؟

شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:51:24

ھېكىم يوللىغان ۋاقتى2014-8-21 14:56
رەھمەت، جاپا تارتىپسىز، بىراق يەنىلا قوڭغىراق چالغان...

بۇمۇ ئىختىيارىڭىز، مەن سىزنى چوقۇم مۇشىنى ئىشلەتمىسەڭ بولمايدۇ دېمىدىم.

شاشتېكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 21:52:45

ئەركيۇرت يوللىغان ۋاقتى2014-8-21 14:11
سانلىق مەلۇمات ساقلىنىدىغان قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

بەك ئورۇنلۇق پىكىر بىرىپسىز.
بەت: [1]
: باشلانغۇچ مەكتەپ مەشغۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ 1.0 نوسخىسى