مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 17:39:29

ئاچچىقسۇدىن پايدىلنىپ كېسەل داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسېپلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-20 17:13

                            ئاچچىقسۇدىن پايدىلنىپ كېسەل داۋالاشتىكى ئەپچىلرېتسېپلار

   ئاچچىقسۇنىڭ پايدىسى:
1. كانايچە ياللۇغىنى داۋالايدۇ: سامساقتىن ئون چىشنى يۇمشاق ئېزىپ، 100 گرام قارا شېكەر بىلەن بىللە 200 گرام ئاچچىقسۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ، تېرىپىنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ، كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدا يېرىم قۇشۇقتىن ئىچىلىدۇ.

2. چىش ئەتراپى ياللۇغىنى داۋالايدۇ: 500 مىللىلىتېر ئاچچىقسۇنى 100 مىللىلىتېر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىز چايقىلىدۇ.

3. جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ: پوستى ئېلىۋېتىلگەن نەشپۈتنى مۇۋاپىق مىقتاردىكى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ، دائىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.

4. يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچىپ بەرسە ياكى خاسىڭ مېغىزىنى ئاچچىقسۇغا 24 سائەت چىلاپ ، كۈندە سەھەردە ئۇنىڭدىن ئون تال ئىستېمال قىلسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. ھېق تۇتۇشنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن 30 مىللىلىتېرنى30 مىللىلىتېر قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، خالىغان ۋاقىتتا ئىچىلىدۇ.

6. يەلتاشمىنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن 50 مىللىلىتېر، قارا شېكەردىن 50 گرام ، خام زەنجىۋىلدىن بىر يالپاق (ئۇششاق چانىلىدۇ) ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇدا قاينىتىپ ، كۈندە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىلىدۇ.

7. رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ: ئىككى چىنە ئاچچىقسۇنى بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا سۇڭپىيازدىن چاناپ سېلىپ يەنە ئازراق قاينىتىپ، تىرىپىنى ئېلىپ، ئىسسىق پېتى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ، لاتا بىلەن ئوراپ قويىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل كۈندە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

8. تېرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ: بىر- ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپقايناق سۇ بىلەن ئىچسە تېرىنى ئاسغىلى بولىدۇ، كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە تېرىنى سىلىقلايدۇ.

9. قورۇق يوقىتىدۇ: بىر دانە تۇخۇمنى يۇيۇپ 500 گرام ئاچچىقسۇغا چىلاپ قويسا ، 24 سائەتتىن كېيىن تۇخۇمنىڭ شاكىلى ئاچچىقسۇدا يۇمشايدۇ، 30 كۈندىن كېيىن شاكال پۈتۈنلەي يوقايدۇ، تەييارلانغان بۇ دورىدىن كۈندە 10 گرامنى سوغۇق چاي بىلەن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

10. ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ: ھەر كۈنى 15 مىللىلىتىردىن 20 مىللىلىتىرغىچە ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

11. ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ: ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا مول، ئۇ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇردۇ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھارغىنلىقنى يوقىتىپ ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.

مەنبە: ‹‹ ئەڭ ياخشى دوختۇر- ئۆزىڭىز›› نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 19:54:27

ياخشى تېما ئەۋەتىپسىز،ئىلگىرىكى تېمىلىرىڭىزنىمۇ روھلان ئۈندىدار سالونىغا ئەۋەتكەن ئىدۇق، بۇ تېمىڭىزمۇ روھلان ئۈندىدار سالونىغا ئەۋەتىلدى.

saedi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 20:38:46

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك رىتسىپلاركەن ...

ياخشى تىمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۇرمەي يوللاپ تۇرغايسىز

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 22:45:54

مەرىپەتنىڭ تىبابەتچىلىككىمۇ ھەۋىسى باركەن. قالتىس جۇمۇ.

Uqkuni93 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 23:19:43

ياخشى رىتسىپلاركەن.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 11:17:28

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-8-19 22:45
مەرىپەتنىڭ تىبابەتچىلىككىمۇ ھەۋىسى باركەن. قالتىس جۇم ...

ۋاي ئاللا مېنىڭ مەرىپەت دوختۇر دىگەن نامىمنى بىلمەيدىكەنسىزدە...:P:P;P;P

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 11:18:48

saedi يوللىغان ۋاقتى2014-8-19 20:38
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك رىتسىپلاركەن ...

ياخشى تىمىلىرىڭ ...

رەھمەت، شۇنداق قىلىشقا تىرشىمەن.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 11:50:48

مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-8-20 11:18
رەھمەت، شۇنداق قىلىشقا تىرشىمەن.

ئۈندىدار سالونىغا يوللىغاندا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ئەركىنجان مۇئەللىم بىلىۋاپتۇ، ئونىنچى تۈردىكى سىغىم بىرلىكىدە مەسىلە باردەك قىلىدۇ، كۈندە 15 لېتىر ئاچچىقسۇنى بىر ئادەمنىڭ ئىچىپ بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
ئۇ يەر 15 گىرام ئوخشىمامدۇ؟

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:08:11

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-8-20 11:50
ئۈندىدار سالونىغا يوللىغاندا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ...

مەن يازغاندا دىققەت قىلماپتىمەن بۇ مەزمۇننىيازغان كىتابقا قايتا قاراپ باقتىم يەنىلا شۇنداق15 لېتىر ئاچچىقسۇ دەپ يېزىقلىق ئىكەن، بۇ كىتابتىكى خاتالىق ئىكەنلېكىن مەنمۇ ئويلاپ باقسام15 لېتىر ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەسقۇ، بۇ مىنرال سۇ قۇتىسىدا 30قۇتا ئاچچىقسۇغا باراۋەر دىگەن گەپ ;Pيەنىلا ئەركىنجان مۇئەللىم ئەقىللىقكەن جۇمۇ :P:P:Pسىلەرگە كۆپ رەھمەت ئۆزگەرتىپ قۇياي. :lol

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:19:04

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-8-20 11:50
ئۈندىدار سالونىغا يوللىغاندا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ...

ئويلاپ باقسام گرام بىرلىكىگە قارىغاندا مىللىلىتىر بىرلىكى سەل مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ شۇڭا مىللىلىتىرغا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
بەت: [1]
: ئاچچىقسۇدىن پايدىلنىپ كېسەل داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسېپلار