تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 00:48:48

كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلېق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-19 03:12

                  يېقىندىن بۇيان، «مىكروبلوگلاردا WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرىدۇ، ئۇرۇقنىڭ DNA سىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ ..» دېگەندەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈردى. مەلۇم تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىنى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان كومپيۇتېرنىڭ قېشىغا 4 سائەت قويغاندا، مەنىي سۇيۇقلۇقى «پىشىپ» قالغان، بەزىلىرىدەDNA ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، سىمسىز تورغا چىققان چاغدا تارقالغان ئېلېكترو ماگنېت رادىئاتسىيىسى دەل «ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى قاتىل» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن



                                                                  WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرەمدۇ؟




مەزكۇر تەتقىقاتتا 29 نەپەر ئەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقى تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، مەنىي سۇيۇقلۇقى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان خاتىرە كومپيۇتېردىن 3 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايغا قويۇلۇپ، ئۇرۇقتىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆزىتىلگەن. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 سائەتتىن كېيىن %25 ئۇرۇق ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان. كومپيۇتېردىن يىراقراق ئورۇنغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدا پەقەت %14 ئۇرۇق ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان، WIFI بولمىغان جايغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدىكى ئۇرۇقلار ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
مەزكۇر تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، سىمسىز تورغا چىققاندا تارقالغان سىمسىز تور سىگنالنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما قۇۋۋىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدىكەن. شۇڭا، ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، بىخەتەر دائىرىدە بولىدىكەن. تەسىر قىلدى دېيىلگەندىمۇ ئادەمنىڭ تېرە قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بەدەنگە زىيادە يېقىن بولۇپ كەتمىسىلا، بەك ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن


                                                         ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى يان كومپيۇتېر


ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالىملار ئىلگىرى 48 دانە چاشقان ئۈستىدىن تەتقىقات ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇرۇقنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى يان كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسىقىلى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن، رادىئاتسىيە مۇھىتىدا 4 سائەت تۇرغان ئۇرۇقنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى رادىئاتسىيە مۇھىتىدا 2 سائەت تۇرغان ئۇرۇقنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىدىن روشەن يۇقىرى بولىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 30 ياشلىق ئۇرۇق بىر كېچىدىلا قېرىپ 60 ياشلىق بوۋاي ئۇرۇققا ئايلىنىپ قالىدىكەن.

ئالىملارنىڭ 196 نەپەر ئەر ئۈستىدىن يەنە مۇشۇ ھەقتە ئىشلىگەن تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە 5 سائەت ئەتراپىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقى گەرچە نورمال سەۋىيىدە بولسىمۇ، ئەمما كۈنىگە 2 سائەت ئەتراپىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدىكەن


                                                   ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى خىمىيىلىك ماددىلار

ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى خىمىيىلىك ماددىلار

ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى، خىمىيىلىك ئوغۇت، دېزىنفېكسىيە دورىلىرى، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار، يېمەكلىككە قوشۇلىدىغان خىمىيىلىك تەركىبلەر، تاماكا ئىسى، ئىسپىرت (ھاراق)، خىمىيىلىك دورا، ئېغىر مېتاللار، مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىش (جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى «قاتىل» لاردۇر.


                                                         ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى يېمەكلىكلەر

كولانىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەر تارقىلىپ يۈرگىلى خىلى بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ كولانىڭ ھەقىقەتەن ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش تەسىرى بارلىقى ئىسپاتلاندى. بۇندىن باشقا، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرمۇ ئۇرۇقنىڭ بېشىغا چىققۇچى يېمەكلىكلەردۇر.
1. ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتقا قاقلانغان ياكى ياغدا قورۇلغانيېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا Acrylamide (丙烯酰胺) بولىدىكەن. بۇ خىل ماددا ئەرلەردىكى ئۇرۇق ئازلىق، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىكەن

2. پىۋا

پىۋىنى كۆپ ئىچىشنىڭ ئەرلەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ نورمىدىن ئارتىپ كەتكەندە بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدىغانلىقى كۆپىنچە كىشىلەرگە سىر ئەمەس. بۆرەكنىڭ ساغلام ياكى كېسەلچان بولۇشى ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

3. قەھۋە

قەھۋە روھنى كۆتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەھۋە ماددىسى ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىنى غىدىقلايدۇ. بۇ خىل نېرۋا غىدىقلانسا ئادەم روھلىنىپ، ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ. ئەمما، قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا كېچىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋا ھەرىكىتى زىيادىلىشىپ كەتسە، نىسبەتەن ئاجىز بولغان قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا بېسىمغا ئۇچراپ، كلىنىكىدا جىنسىي ھەۋەس چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ھېسسىيات ئۆزگىرىشى چوڭراق بولغان، ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم.            

مەنبەسى « لوقمان ھەكىم » دىن ئېلىندى



sultanbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 10:22:25

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن رەھمەت:handshake

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 10:27:03

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، ھازىر ياشلاردابۇنداق ئەھۋال يەنى ئۇرۇق ئاز،سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن ئەرلەردە تۇغماسلىق ئەھۋالى كېلىپچىقىۋاتىدۇ

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 13:45:22

شۇنداق . شوڭا كومپىيۇتۇر ئىشلىتىش ۋاقتىنى تىزگىللىمىسەك ، بولمايدۇ . ئەۋلاتلىرىمىز ئۇچۇن بولسىمۇ .............................................

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 14:03:51

بۇمۇدىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەنجۇمۇ

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 14:32:54

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم . ھۆرمەتلىك ئۇستازلار . مىنىڭ بۇ تېمىنى يوللۇشۇم ئانچە مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى بىلىمەن . لىكىن مىنىڭ بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئىچىمدە سېستىۋىتىشنى خالىمىدىم . ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، كۆڭلۇڭلارغا ئالمىغايسىلەر . ئەسلى تۇنۇگۇن يوللىغان تېمام بېلەن قۇشۇپلار يوللىۋەتسەم بولىتى . لىكىن wifi نىڭ زىيانىلقىنى كۇرۇپلا جىددىلىشىپ بۇ ئىسىمگە كەلمەپتۇ . كەچۇرگەيسىلەر ..........

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

1. دائىم ساڭناغا كىرىپ يۇيۇنۇش
ئۇرۇق ئادەتتە 35-34 گرادۇسلۇق مۇھىتتا نورمال يېتىلەلەيدۇ. ھالبۇكى، ساڭنانىڭ تېمپېراتۇرىسى بۇ چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

2. دائىم يان تېلېفون ئىشلىتىش
گەرچە بۇ خىل يەكۈن تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۇزاق ۋاقىت دائىم يان تېلېفون ئىشلەتكەن ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىشلەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.

3. ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسبىتى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 3 ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن.
ئىسپىرتتىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەنلەردە ئۇرۇقدانيىگىلەش كۆرۈلۈپ، مەنى سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

4. تار ئىشتان كېيىش
پادىچىلار ئىشتىنىغا ئوخشاش تار ئىشتانلار ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئۇرۇقدان ئىچىدىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىنى چەكلەپ، ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە ساقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

5. ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەش
ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ مەنىسىدىكى ئۇرۇق سانى سەل ئازراق، غەيرى شەكىلدىكى ئۇرۇقلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. چۈنكى، ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا ئۇرۇقداننىڭ ھارارىتى ئېشىپ، ئۇرۇق سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم كەسپىي شوپۇرلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدىگەندە ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى 34.2 گرادۇستىن 35.5 گرادۇسقا چىقىدىكەن، ئۇدا 2 سائەت ھەيدىگەندە 36.2 گرادۇسقا يېتىدىكەن. ماشىنا ھەيدىگەن چاغدا ئۇرۇقداننىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ماڭغان چاغدىكىگە قارىغاندا 2.2 گرادۇس يۇقىرى بولىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولغان شارائىتتىلا ئاندىن نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالايدۇ.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 16:58:18

نىمىدىگەن خەتەرلىك، مەنمۇ ئۆيۈمگە wifi بىكىتەي دەپمۇ ئويلىغان
لىكىن، يىڭى تۇغۇلغان بالامغا wifi سىگنالى رادىياكسىيە قىپ
قالارمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ بولدى قىلدىم.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 18:19:16

شۇڭا ياش بالىلار كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئاز ئولتۇرۇڭلار!:ow
بەت: [1]
: كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟