خۇشرۇي007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:37:59

ھىندىستانچە 19X19 كەررە يادلاش ئۇسۇلى

تورداشلارغا بۈگۈن ئەۋلاتلىرمىزنى ئارفىمىتكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەشتە زۈرۈر بولغان ھىساپلاشقا ئائىت ئۇشبۇ يازمىنى مىسرانىم مۇنبىردىن كۈچۈرۈپ ئەكەلدىم.كەسىپداشلارغا ئازىراق بولسىمۇ ياردىمى بۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ھىندىستانچە 19X19 كەررە يادلاش ئۇسۇلى

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كەررە يادلاش تولىمۇ مۈشكۈل بىر ۋەزىپە. بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، جوڭڭولۇق ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ 9X9 كەررىسىنى يادقا بىلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەندە، ھىندىستان بالىلىرى19X19 كەررىسىنى يادلاپ بولغان بولىدۇ.








ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇنداق تىز بولىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئارفىمېتىكا دەرسلىكىدە كۆپەيتىش كەررىسى 1X19 شەكلىدە بولىدۇ، بالىلار 9X9 كەررىسىنى جوڭگو بالىلىرىغا ئوخشاش يادلايدۇ، ئۇنداقتا ھىندىستان بالىلىرى 11دىن 19 غىچە بولغان كەررە نەتىجىسىنى قانداق ئېسىدە ساقلايدۇ؟

سىز پەقەت تۆۋەندىكى ماتېماتىكىلىق ئىپادىگە دىققەت بىلەن قارىسىڭىزلا بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالايسىز (بۇ يەردىكى X كۆپەيتىش بەلگىسىنى بىلدۈرىدۇ):
13X12=?
بۇنىڭ ھىندىستانچە ھىسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق:
1-قەدەم: ئاۋۋال 13 كە 2 نى قوشىسىز

13+2=15

2-قەدەم: ئاندىن 15 كە 10 نى كۆپەيتىسىز (ئەمەلىيەتتە كەينىگە 0نى قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ).
15X10=150
3-قەدەم: ئاندىن 3نى 2 گە كۆپەيتىسىز.
3X2=6

4-قەدەم: ئاخىرىدا 2-قەدەمدىكى نەتىجىگە 3-قەدەمدىكى نەتىجىنى قوشىسىز.

150+6=156
 ‹‹ ماتېماتىكا مۇئەللىمنى-زە...مۇشۇنداق نەرسىلەرنىنىمىشقا ماڭا ئۈگەتمەيدىغاندۇ؟››
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلار 11X11 دىن 19X19 غىچە بولغان كۆپەيتىش كەررىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئاسانلا ھىسابلاپ چىقالايدۇ.
‹‹بەك قالتىسكەن!››

ئەمدى تۆۋەندىكى ئىپادىلەر ئارقىلىق مەشقنى پىششىقدايمىز:

14X13
14+3=17 ①
17X10=170②
4X3=12③
170+12=182④

16X17 :
16+7=23①
23X10=230②
6X7=42③
230+42=272④
19X19 :
19+9=28①
28X10=280②
9X9=81③
280+81=361④
يۇقۇرىدىكى ئىپادىدىن مەلۇم قانۇنىيەتنى ئىگىلىۋالغان بولسىڭىز، 100 ئىچىدىكى كەررە نەتىجىسىنىمۇ ئاسانلا ھىسابلاپ چىقالايسىز
23X26=598①

23+6=29
29X20=580
3X6=18
580+18=598

32X34=1088②
32+4=36
36X30=1080
2X4=8
1080+8=1088

68X63=4284③
68+3=71
71X60=4260
8X3=24
4260+24=4284

91X96=8736④

91+6=97
97X90=8730
1X6=6
8730+6=8736
مانا، مانا بىردەمدە بىلىپ بولدى، ئۇتان، ئۇتان! دوستلىرىڭىزغا ئۈگۈتۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ھە، تاتلىق، تاتلىق!!!
مىسرانىمدىكىئىگىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسى:
بۇ پەقەت كۆپەيگۈچى بىلەن كۆپەيتكۈچىنىڭ10لەر خانىسى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدىلا ئەسقاتىدىغان ئۇسۇل.
مەسىلەن :
12X13
26X25
31X37
42X44
........................
95X98

ئەسلى مەنبەسى: http://www.bzcm.net/news/2014-08/13/content_1552966.htm
يازما مەنبەسى:http://bbs.misranim.com/thread-128258-1-1.html

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:40:04

ماۋۇبۇلىدىغان ئۇسۇلكەنمەنمۇئۈگىنىۋالدىممەن ئادەتتە كۆپەيتىشنىڭ تارقىتىش قانۇنى بۇيىچە ھىسابلايىتىم

1arman يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 21:12:10

رەھمەت مەنمۇ بىلۋالدىم،بولدىغان ئۇسۇلكەن.

karwan217 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 21:18:20

نىمانداق جاپا تارتىسىلەر؟ مۇنداق ھىساپلىسا تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟
(13x10)+(13x2)
=13x12
20x19-19
=19x19

روھلان7 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 22:15:01

مەن ئەزەلدىن ماتىماتىكىدا سىنىپ بويۇنچە ئەڭ ئاخىرىدا قالمە:L

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 22:16:29

قالتىس ئۇسۇلكەن ، رەھمەت

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 22:32:50

قىنى مەنمۇ ھىساپلاپ بىقىپ توغرا چىقىپ قالسا بالامغا ئۇگتىمەنمۇ تىخى.:lol:lol:lol

sultanbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 23:24:10

بەك ياخشى بىلىمكەن رەھمەت
بۇنى ئازراق كارتونلاشتۇرۋەتسەك باللارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلاتتىكەن

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 08:41:03

ئىچكىباغلىنىشىنىچۈشەنمىسەممۇ ، ھىساپلاشئۇسۇلىنىبىلىۋالدىم ، رەھمەت !

150015 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 13:55:39

مىنىڭمۇ مۇشۇ رىيىم قان (ئابدىرىيم راخمان )دەكمۇشۇ سانسىپىرلق ، ماتىماتىكىلىق ، ھىساپلايدىغان نەرسىلەنى كۆسەمنىرۋام ئۆرلەيدۇ.
بەت: [1] 2
: ھىندىستانچە 19X19 كەررە يادلاش ئۇسۇلى