سەر خىل يۇمۇرلاردىن ھوزۇرلىنىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-10 09:24يۇيۇنسام بولمايدۇ
ئانىسى ئوبدان قىزىم ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇۋېلىپ ئاندىن ئۇخلىغىن .
قىزى : بولمايدۇ ، ئەتە ئىمتىھان بېرىمەن .
ئانىسى : يۇيۇنىشنىڭ ئىمتىھان بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟
قىزى : چۈنكى ، سۇئاللارنىڭ جاۋابى بىلەكلىرىم ۋە پاقالچاقلىرغا يېزىلغان .
ئاڭلىماي قالدىمىكىن دەپ
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ، مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن يىللىقلار ئىچىدە نەتىجىسى بىرىنچى بولغان ئوقۇغۇچىنى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىپتۇ. لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچى ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم چاقىرغاندىلا ئاندىن سەھنىگە چىقىپتۇ . سىنىپ مەسئۇلى ئۇ ئوقۇغۇچىدىن؛
-نېمە بولدى سىزگە، بايا ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەنغۇ ئېنىق ئاڭلىدىم ، باشقا ساۋاقداشلېرىم ئاڭلىماي قالدىمىكىن دەپ.....
ئەقىللىق بۇلاڭچى
بىر بۇلاڭچى يولۇچىدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، يېقىن ئەتراپتا ساقچىلارنى ئۇچراتتىڭىزمۇ ؟
- ياق .
- ئۇنداقتا ياخشى ، دەرھال ھەميىنىڭىز بىلەن سائىتىڭىزىنى ، باشقا پۇلغا يارايدىغان نەرسىلېرىڭىزنى چىقىرىڭ .
خوتۇندىن كەلگەن تېلىفون
بىر ئەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ كونا ئادىتىنى تاشلىماي، پۇرسەت بولسىلا سىرىتتا كۆڭۈل خوش قىلىپ يۈرىدىكەن.
بىر كۈنى، ئۇ ئاغىنلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، مەسلىكتىن خۇدىنى يوقىتىپتۇ، ئاغىنلىرى ئۇنى ئۆيگە ئەكىلىپ خوتۇنىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ئاغىنلىرى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يانفۇنغا تېلىفون قىلىپتۇ.
ئۇ تېلىفوننىڭجىرىڭلىشىدىن ئويغىنىپتېلىفوننى ئاپتۇ- دە ، يىنىدا ياتقان خوتۇننى نۇقۇپ ئويغىتىپ پىچىرلاپتۇ :
- شۈ....ئاۋازىڭىنى چىقارما ، خوتۇنۇمدىن تېلىفونكىلىپ قالدى
يۈز ئېرىم يوق
ئەزەلدىن شەھەرگە كىرىپ باقمىغان بىر يېزىلىق ئايال شەھەرگە كىرىپ ئېرىغا تېلفون ئۇرماقچى بولدى .
- ئا بىزنىڭ ئادەمنى تولىۋېتىڭە ، _ دىدى ئۇ تېلېفونىستقا . - دەيدىغان گىپىم باتتى .
- ئېرىڭىزنىڭ نۇمۇرى قانچە ؟ - دەپ سورىدى تېلېفونىست .
ئايال ئاچچىق بىلەن جاۋاپ بەردى:
- ۋۇيت خېنەمنۇمۇر سېلىپ قويىدىغان يۈز ئېرىم يوق مىنىڭ.
يۇمۇرلار راستىنلا سەرخىلكەن.:lolئەمما بىر يۇمۇرىڭىزنىڭ ئاخىرى چىقماپتۇ،تەھرىرلەپ قويارسىز. ھى ھى ئەجەپ قىززىق يۇمۇركەن يامغۇردا ھەجەپ خوش كەلدىيا ما يۇمۇرلا:lol رەھمەت سىزگە. يۇمۇرلىرىڭىز بىر بىرىدىن قىزىقارلىقكەن. ئاخرىدىكى ئىككى يۇمۇرىڭىزدا ئازراق ئالمىشىش بولۇپ قاپتۇ. ئوڭشىۋەتسىڭىز بولغۇدەك. يۇمۇرلىرىڭىز بىر بىرىدىن قىزىقارلىقكەن. ئاخرىدىكى ئىككى يۇمۇرىڭىزدا ئازراق ئالمىشىش بولۇپ قاپتۇ. ئوڭشىۋەتسىڭىز بولغۇدەك. بىرقېتىم تەھرىرلىۋېتىڭ. تەھىرلەپ قويدۇم ،تىما يوللايمەن دەپ ئالدىراشلا يولىغاچقا دىققەت قىلماپتىمەنبۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي.:( قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن.
بەت:
[1]