turgun110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 14:28:46

تېما يوللۇغۇچىلارغا بىر تەكلىپ

تېما يوللۇغۇچىلارغا بىر تەكلىپ
مەن مۇنبەرنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى. مەن خېلىدىن بېرى مۇنبەرنى ئارىلاش داۋامىدا ئىشىلتىش قىممىتى خېلى يۇقۇرى بولغان بىر قىسىم ماتىرياللارنىڭ ئادرىستىن ئۆچۈپ چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيانقى خېلى ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان بىر قىسىم بوشلۇقلارنىڭمۇ موقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن يوللانغان ماتىرياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسلىرىدىن ئۆچۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ خېلى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بەلكىم باشقا تورداشلارمۇ ھېس قىلغان بولۇشى مۈمكىن.
يوللانغان تېما ئەلۋەتتە بىلمىگەنلەرگە ياردەم بېرىش، باشقىلارنى يېتەكلەشنى مەخسەت قىلىپ يوللىنىدۇ.بىزنىڭ ئەشۇ مىڭبىر جاپادا تەييار قىلغان تېمىللىرىمىز، دەرسلىك دېتاللىرىمىز بىر تەرەپتىن ئۆچۈپ ماڭسا بىزنىڭ ئەشۇ نەچچە سائەتلەپ قىلغان ئەجىرىمىز بىكارغا كەتكەن بولىدۇ.ئەلۋەتتە مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. مەن يۇقارقى ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى كىچىككىنە تەكلىپ سۈپىتىدەئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1-        دىن ئەگەر بىز يوللىماقچى بولغان تېمىمىزدا بىرەر دېتال يوللىغان بولساق بىز ئۇنى تومتاقلا ‹‹بىر ئېسىل دېتال ئېلىپ كەلدىم چۈشۈرىۋېلىڭ ›› دەپ يوللىماستىن بولسا شۇ دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى قوشۇپ يوللىساق. بولۇپمۇ ھەممىدىن موھىمى شۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يوللىساق. چۈنكى سىز يوللىغان دېتال سىز يوللىغان ئادرىستىن ئۆچۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ سىز يوللىغان دېتالنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئىسمىمۇ بولسا بولغاچقا باشقىلار ئۇنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ پايدىلنالايدۇ. دىمەك بۇ يەردە سىزنىڭ تېمىڭىزنىڭ قىممىتى يوقالمىدى دىگەن گەپ.
2-        دىن يوللانغان تېما مىڭبىر جاپادا تەييارلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز يەنە ئازراق جاپا تارتساقمۇ ئۇنى ئىمكانىيەت بولسا بىرلام بوشلۇققا يوللىماستىن، بىر نەچچە بوشلۇققا تەڭ يوللاپ بىر نەچچە ئادرىس بىلەن تەمىنلىسەك.چۈنكى بىزنىڭ ماتىريالىمىز بىر بوشلۇقتىن ئۆچۈپ كەتسە بەلكىم يەنە بىر ئادرىستا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ جەھەتتە مۇنبىرىمىزدىكى ئىنتىزارئۇستازنىڭ يوللانغان تېمىللىرى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
مېنىڭ كومپىيۇتور سەۋۋىيەم چەكلىك بولغاچقا بۇھەقتتە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي. قالغىنىنى ئۇستازلار مېنى مازاق قىلمايتولۇقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بولسا تولۇقلاپ قويساڭلار.

ياسىن212 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 19:25:32

مىنىڭچە بۇ بىر ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن.
لىكىن دوسلا مەنمۇتوردىن يىغىپ ساخلىۋالغان ياخشى دىتاللىرىمنى مۇنبەرگە يوللاي دەپ360   ۋە   بەيدۇتور دىسكىللىرىدىن ھەم بەھىر لىسەم پەقەت بولمايۋاتىدۇ دىسە ، بەيدۇ ھەم بەھىرلەش ئادرىسىنى پەقەت چىقىرىپ بەرمەيۋاتىدۇلىكىن 360 چىقىرىپ بەرگەن ھەم بەھىر ئادىسى ھىچ نىمە يوق ھالەتتە قۇرۇق چىقىۋېلۋاتىدۇ ، دوسلا مۇشۇ مەسىلىگە قارتا ماڭا يول كۆرسەتسەڭلا

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 20:51:09

مۇنبەرگە ھۆججەت يوللاشتا تورداشلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانسا ئەڭ قولايلىق.
ھەقسىز تور دېسكىسىدىن زادى قايسىسى ياخشى؟
/thread-31452-1-1.html

ئەلېجان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 23:11:15

روھلانغا تېما يولاش دەرېسلېكېبولسائادېرسېنېكۆچۈرۈپقوي غانبولساڭلاتېمايوللېيالمېدېم

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 00:16:43

مىنىڭچە ھازىرچە مۇنبەرنىڭ چىيەنناۋ دىسكىسى بىلەن خۇاۋى دىسكىسى بىر قەدەر مۇقىمراق.

بىلال500 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 01:18:30

قوللايمەن            

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 22:38:31

يەنىلا http://qiannao.com/ غا ماتېريال يوللىغىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ،چۈنكى مېنىڭ مۇشۇ تور دېسكىسىدىكى ماتېرياللىرىملا ھازىرغىچە يوقاپ كەتمەي تۇرىۋاتىدۇ.

100200 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 01:55:58

مىكروسوفىتنىڭ تور دىسكىسمۇ ياخشىغۇ ، ئۇنىڭدا ھەمبەھىرلىگەن ئادرىس ئۆچۆپ كەتمەيدۇ ،
بەت: [1]
: تېما يوللۇغۇچىلارغا بىر تەكلىپ