ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:52:24

土豆 تورىدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش مەخسۇس قورالى

بۇ دېتال بىلەن 土豆 تورى http://www.tudou.com دىكى فىلىملەرنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. پارچە چۈشكىنىنى ئۆزى بىرلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز.
دېتالنى ئېچىپ قوزغاتقاندىن كېيىن، ئۈستىگە فىلىم قۇيۇلىۋاتقان تور ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ ئاسرىغا ساقلايدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ بېرىمىز، ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى 选项 دىن كىرىپ، 下载完自动合并 نى تاللاپ قويسىڭىز، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن فىلىمنى بىرلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

مەن تۆۋەندىكى يېڭى يىللىق ئالاھىدە سان ناۋا پىروگراممىسىنى مۇشۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ چۈشۈردۈم
/mtv/2014yengi_nawa_alahide_san.aspx

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/f4b61f3a/

چۈشۈرۈش ئادرىسى:
/down/423.aspx
土豆网视频下载器(xmlbar) 正式版 8.5.zip
土豆网视频下载器(xmlbar) 正式版 8.5.zip

ياسىن212 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 12:02:51

رەھمەت مەن چۈشۈرۋالدىم

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 12:36:03

مەن بۇرۇندىن تارتىپ بىلىتىم بۇ دىتالنى

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 12:55:12

تۇردىنفىلىم چۈشۈرۇشقۇراللىرىتۇكمەبۇلۇپكىتىپتىغۇئەمدى:lol

wapasiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 20:52:06

ھەرقانداق تور بەتتىكى فىلىملەرنىپارچىلۋەتمەيتولوقچۈشۈردىغان   دىتالبامۇدۇ؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 21:01:33

wapasiz يوللىغان ۋاقتى2014-8-6 20:52
ھەرقانداق تور بەتتىكى فىلىملەرنىپارچىلۋەتمەيتولوق...

ھەرقاندىقىغا ئورتاق ئىشلەيدىغان دېتالنى مەن ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئەمما ئىنتىزار ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر دەرسلىكى ۋە تەمىنلەنگەن دېتال بار، شۇنى ئىشلەتسىڭىز پارچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، خېلى كۆپلىرىنى شۇنىڭدا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 22:46:48

مەن بۇ خىل دېتالنى ئىشلىتىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ، بۇ خىل دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك ، ئەپچىل . ھەقىقەتەن ياخشى دېتال .

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 23:23:54

مەنمۇ چۈشۈرۈۋالاي ئەمسە. ئادىل ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 23:43:32

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-8-6 23:23
مەنمۇ چۈشۈرۈۋالاي ئەمسە. ئادىل ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رە ...

نۇرلان ئەپەندى باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ماس رەسىمگە ئالماشتۇرۋېلىڭ دەيمەن.:L:D

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 00:30:43

قانداق ئالماشتۇرىمەن؟ مەن بۇ جەھەتتە ساۋاتسىز.
بەت: [1] 2
: 土豆 تورىدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش مەخسۇس قورالى