heqqani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 07:16:30

شەھەر ئاتلاپ پىراۋا ئىلتىماس قىلغىلى بولامدۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! روھلان مۇنبىرىدىكى دوستلار ياخشىمۇسىلەر. مېنىڭ ئىنىم پىراۋا ئىلتىماس قىلماقچى ئىدى . كوچىدىكى ئەپقاچتى پاراڭلارغا قارىغاندا نوپۇس تەۋەلىكى قەيەردە بولسا شۇ جايدىن ئىلتىماس قىلىنىدۇ ، رايون ، شەھەر ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ . دەپ يېڭى نىزام چىقىپتىمىش ... مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا بىر ياردەم قىلساڭلار ... ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

تۆرە يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:35:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-2 10:37

شوپۇرلۇق مەكتەپنى قەيەردە ئوقۇسا شۇ يەردىن بىرىدۇ ، بىزتەرەپتە ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ پىراۋىنى ئۈرۈمچىدىن ئالدى ، ئەمما نوپۇسى قەشقەردە . بۇ راس بولغان ۋەقە ، ھەرگىز ئەپ قاچتى گەپ ئەمەس

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:58:10

پىراۋىنى ئۇقۇپ ئالسا ، شۇ تۇرۇشلۇق جايىدىن ئىلتىماس قىلىدىكەن . ئەمما ئۇقۇمايلا پۇل بىلەن ئالمەن دىسە ، رايۇن ئاتلاپ ئالدىكەنغۇ ، بىز تەرەپتىمۇ شۇنداق ، ئاقسۇدا تۇرۇپ ، خوتەندىن ، قەشقەردىن ، ئالدىكەن .

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:21:09

مېنىڭچە بولغاندىمۇ پىراۋا ئىلتىماس قىلىشتا نوپۇس (رايون) چەكلىمىسى يوق. مەسىلەن: ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇش ۋە خىزمەتتە بولغانلار شۇ جەرياندا پىراۋا ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئېغىزىدىن شۇ سەۋەبلىك نوپۇس يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشقا يۇرتلاردا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسىنى يۆتكىمەي تۇرۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارغا قارىتا بېجىرىۋاتقان «ئاممىغا قولايلىق كارتا» ئارقىلىق، يوقۇرقىدەك بىرقىسىم ئىشلاردا مەلۇم چەكلىمە بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
شۇڭا سىز كوچا پاراڭلىرىغا ئىشەنمەي، ئالاقىدار ئورۇنلار ئارقىلىق بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. مېنىڭچە ئىش ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولماسلىقى مۇمكىن.

heqqani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 12:38:05

بىرەر شوپۇرلۇق مەكتىۋىگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقسام بولغۇدەك ... ھەممىڭلارغا رەھمەت ... ئەمما مەسىلەم ھەل بولمىدى ... ھى ھى ...

heqqani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 12:39:14

جام يوللىغان ۋاقتى2014-8-2 11:21
مېنىڭچە بولغاندىمۇ پىراۋا ئىلتىماس قىلىشتا نوپۇس (راي ...

ھازىر باشقىچە تۈزىتىشلەر كىرگۈزىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ... شۇڭا ...

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 13:40:09

قايسى تەۋەلىكتە ئوقۇغان بولسىڭىز پىراۋىنى شۇ يەردىن ئالغىلى بولىدۇ رايۇن چەكلىمىسى يوق لېكىن cكىنىشكىنىلا خالىغان يەردىن ئوقۇپ ئالالايسىز ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى تەۋەلىكىڭىزدىن ئالمىسىڭىز بولمايدۇ

xaxxum يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 13:57:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaxxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-2 14:01

ۋاقىتلىقنوپۇس   بىجىرەلسىڭىزلاب   دىنتۆۋەننىجۇڭگۇ   ئىچىدىكى   خالىغان يەردىنئالالايسىز,ب   ۋە   ئۇندىن   يۇقىرىنى نۇپۇسىڭىز قەيەردەبولسا   شۇ يەردىكى   ناھىيە   دەرىجىدىن   يۇقىرى   مەكتەپتىن   ئالالايسىز,باشقا   ئورۇندا تۇرۇپ ب   دىن تۆۋەننى تىزىملىتىپ   ھەر   قېتىملىق   ئىنتاھانغا    قاتناشقاندا   بىر پارچە   ۋاقىتلىقتۇرۇش   ئىسپات   قەغىزى   تاپشۇرىسىز,كىنىشكىنى   ئېلىپ   بولغاندىن   كىيىنئارخىپىڭىزنى ئىلتىماسقىلىپئۆزىڭىز   دائىم   تۇرىدىغان

xaxxum يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 14:09:28

xaxxum يوللىغان ۋاقتى2014-8-2 13:57
ۋاقىتلىقنوپۇس   بىجىرەلسىڭىزلاب   دىنتۆۋەننىجۇڭگۇ ...

ئۆزىڭىز تۇردىغان يەردىكى قاتناش   ساقچى ئۇرۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ,ئەسلى كىنىشكىنىئالماشتۇرىسىز,ئارخىپنى   نەگە   تاپشۇرسىڭىزكىيىنكى   قېتىملىق   تەكشۈرۈش ,جەرىمانە   تۆلەش   شۇ يەردە   بولىدۇ。ئارخىپنى   يۆتكەشكە   20نەچچە   يۈەن,كىنىشكە ئالماشتۇرۇشقا10نەچچە   يۈەن   كىتىدۇ、

تەلبا1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:13:49

مىنىڭمۇ بىرقانچە ساۋاقداشلىرىم ئېپ بولدى ،نۇپۇسى تۇرپاندا ،خوتەندە دىگەندەك ،شىئەندىن ئالدى،مەنمۇ شۇ شىئەندە،پىراۋا ئالاي دىسەم دەسلەپتە بولمايدۇ شىنجاڭلىقلارغا دىگەن،كىيىن قانۇن چىقىپتىمىش ،ئالغىلى بۇلدىغانغا،ھەم ئۈزۈم بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقتىم ئالغىلى بۇلدىكەن لىكىن ئۇقۇش پۇلى 1000سوم قىممەت توختايدىكەن ،،مەن نۇپۇس يۆتكىمىگەن نۇپۇسۇم يەنىلا كۇچادا،شۇڭا ئالغىلى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ،شىنجاڭ ئىچىدە قانداق بىلمىدىم
بەت: [1] 2
: شەھەر ئاتلاپ پىراۋا ئىلتىماس قىلغىلى بولامدۇ ؟