ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-30 15:09:24

pdf ئېلكىتابلارنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش قورالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار.
مەن بۈگۈن توردا تەمىنلەنگەن word ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى تولدۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئىمزا قويغاندىن كېيىن، سىكانىرلاپ، بېكىتىلگەن ئېلخەتكە ئەۋەتىدىغان بىر ئىشقا يولۇقۇپ قېلىپ، بۇ ئىشنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ھەل قىلدىم.
مەندە كومپيۇتيېردىن باشقا ھېچنىمە يوق، بۇ word ھۆججىتىنى بېسىپ چىقىرىش ۋە سىكانىرلاشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، ئاۋال تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇنلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن، office 2007 نىڭ ئېلكىتاب شەكلىدە ساقلاش رولىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئاۋال ئېلكىتابقا ئايلاندۇرىۋالدىم، ئاندىن توردىن ئىزدەپ ئېلكىتابنى رەسىمگە ئايلاندۇرىدىغان دېتالنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى رەسىمگە ئايلاندۇردۇم، ئاخىرىدا ئۇنى windows نىڭ رەسىم قورالىدا ئېچىپ، مائۇستا ئالدىرىماي ئىمزا قويدۇم، ئاندىن ئۇنى شۇ پېتىدا ساقلاپ، بېكىتىلگەن ئېلخەتكە بۇ رەسىمنى يوللاپ بەردىم.
تورداشلارنىڭمۇ ئېلكىتابنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش ئېھتىياجى چىقىپ قالسا ئىشلەتسۇن دەپ سىلەرگە ئالغاچ كەلدىم.
ئېلكىتابنى TIF、TIFF、JPG、GIF、PNG、BMP、EMF、PCX、TGA قاتارلىق رەسىم ھۆججەتلىرىگە ئايلاندۇرالايدىكەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
/down/pdf2tupian.aspx
pdf转换成图片 - PDF To Image Converter4.1中文绿色版.zip
pdf转换成图片 - PDF To Image Converter4.1中文绿色版.zip(2.05M)

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-30 16:16:02

رەھمەت، بۇنداق ئەھۋالغا بىزمۇ ئۇچراپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تەجرىبىكەن.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-30 21:30:37

ئۆگىنىپ قۇيۇشقا تېگىشلىك ناھايىتى ياخشى مەزمۇن ئىكەن ،   رەھمەت سىزگە .

ئوكيان يوللانغان ۋاقتى 2015-4-27 22:15:04

ماۋۇ ھۈنەرنى بۇلتۇر جاڭگالدا يۈرۈپ كۆرمەپتىمەن . :o
بەت: [1]
: pdf ئېلكىتابلارنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش قورالى