purset يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 19:05:08

[دەرىسلىك]ئىسىم-فامىلە ئوتتۇرسىسىدىكى چېكىتنى چىقىرىش

سوئال : بىلەت زاكاس قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بىلەن فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى چىكىت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟

جاۋاب : ئۇيغۇرلار ئايروپىلان بىلىتى زاكاس قىلغاندا كىملىك ئۈستىدىكى ئىسىم فامىلە بويىچە زاكاس قىلىدۇ ، لىكىن ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى چىكىت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى سېستىمىسى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلار بىلەت زاكاس قىلغاندا ئىسىم بىلەن فامىلە ئۇلاپ يېزىلىدۇ ، ئوتتۇرسىدىكى چىكىت يېزىلمايدۇ .
سوئال :تاۋباۋ (淘宝) تورىدا مال سېتىۋالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بىلەن فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى چىكىت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟
تاۋباۋ (淘宝) تورى ئەلىبابا گورۇھىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى تور سودا بېكىتى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تور سودىسى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ بېكەت ھېسابلىنىدۇ، مەنمۇ مۇشۇ تور بېكەتتىن كىيىم-كىچەك، يان تىلفۇن، تۇرمۇش بويۇملىرى، مەۋھۇم بويۇم قاتارلىقلارنى سېتىۋالىمەن، تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرت شارائىتلارنى ھازىرلىشىمىز زۆرۈر.
1. ئاۋال تاۋباۋ (淘宝) تورىغا ئەزا بولىسىز، بۇ باشقا تور بېكەتلەرگە ئەزا بولغان بىلەن ئوخشاش، ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى تولدۇرغاندا كىملىكىڭىز بويىچە تولدۇرۇڭ، ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى چېكىتنى تولدۇرۇشنى قەتئى ئۇنۇتماڭ ، بۇ چېكىت ھەقىقىي ئىسىمنى (实名认证) جەزىملەشتۈرىدىغان ۋاقىتتا لازىم بولىدۇ.
http://www.purset.me/wp-content/uploads/2014/07/002063175.gif
بۇ تېمامدىن مەنپەئەتلەنگەنلەر تۆۋەندىكى ياردەم تېمامغىمۇ كۆز يۈگۈرتۇپ قۇيارسىلەر
ۋاي داد،ياردەم قىلىڭلار!!!
/thread-32904-1-1.html

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 23:34:16

تاۋباۋدىكى مەسلە چىكىت يىزىش بىلەنلا ئەمەسبەلكى شۇچىكىتنى تۇغرا تۇلدۇرۇش كىرەكھىلىھەممۇشۇ چىكىتنى تۇغۇرلاپ بۇلالمايۋاتقانلارمۇبار

1694400834 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 23:38:19

ئەڭ ئاددىيسى،كۇنۇپكا تاختىسىدىكى tabكۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.

chongbazar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 02:48:00

بەزى كىرگۈزگۈچتە ئىشلەيدۇ، بەزىلىرىدە ئىشلىمەيدۇ.

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 03:21:05

يانفۇندىچۇ؟

chongbazar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 05:36:12

uqkun يوللىغان ۋاقتى2014-7-28 03:21
يانفۇندىچۇ؟

مەن ئادەتتە baidu كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىمەن. كىرگۈزگۈچنىڭ «بەلگە» دېگەن كونۇپكىسىنى باسساق نۇرغۇن بەلگىلەر كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ ئىچىدە بار.
باشقا كىرگۈزگۈچلەردە قانداقكىن.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 11:31:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-28 11:40

بىلگنلەر ئۇچۇن شۇ ئوتۇردىكى چىكىتنى چىقىرىش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس بىلمىگەنلەر ئۇچۇن خىلى قىينغا توختايدۇ ھەتتا خەنچە مەكتەپتە ئوقوپ كىلىپ شۇ چىكىتنى چىقرالمىغان ئادەمنى كۆردۇم.

ئادەتتە سىزدە قايسى خىل كىرگۇزگۇچ بولشىدىن قەتتى نەزەر شۇ چىققان كىرگۇزگۇچنىڭ ئوڭ تەرپىدە كىچىكىنە كونۇپكا تاختىسى كورنىۇپ تۇردۇ ،سىز شۇ كۇنۇپكا تاختىسنىڭ ئۇستىگە مائۇسنى ئاپرىپ ئوڭ تەرەپنى چىكىمىز بىر قاتار خەنزۇچە خەتلەر كۆرنىدۇ سىز خالىغان خەتنى چەكسىڭىز ھەر خىل بەلگە ئۇنمىگە ئىرشەلەيسىز ،دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى ئىچىلغان تىرناقتا      )9دىگەن سان بار ھەم مەھۋۇم كۇنۇپكا تاختىسىدىمۇ شۇ 9 دا بىر تال چىكىت كۆرنىدۇ شۇنى مائۇس بىلەن چەكسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە كونوپكا تاختىسىدىكى    )9    نى باسىڭىزمۇ چىكىت خەت ئوتۇرغا چىقىدۇ.

DiLL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 15:35:37

توردىن پويىز بىلىتى زاكاس قىلغاندىچۇ ،ئىسىم -فامىلە ئوتۇرسىدىكى چىكىت ئىشلىتىلەمدۇ يوق ، بىر قىتىم پويىز بىلىتى زاكاز قىلىپ خىلى ئاۋارچىلىق تارتقان ئىدىم

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 18:58:08

DiLL يوللىغان ۋاقتى2014-7-28 15:35
توردىن پويىز بىلىتى زاكاس قىلغاندىچۇ ،ئىسىم -فامىلە ئو ...

پويىز بېلىتىگە چېكىت كىرگۈزىسىز، ئەمما ئىسىم فامىلىڭىز پاتمىسا پاتمىغان يېرىنى كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.

بىلال500 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 19:31:32

مە نمۇ بلىم ئىگەنلىۋالدىم
بەت: [1] 2
: [دەرىسلىك]ئىسىم-فامىلە ئوتتۇرسىسىدىكى چېكىتنى چىقىرىش