hujanasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 02:41:03

9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ دېگەن خەۋەر يالغان

مائارىپ مىنىستىرلىكى: «ئوقۇتقۇچىلار مائاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەڭ يېڭى لايىھەسى يولغا قويۇلدى» دېگەن خەۋەر يالغان
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا توردا تارقىلىپ يۈرگەن «ئوقۇتقۇچىلار مائاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەڭ يېڭى لايىھەسى يولغا قويۇلدى» دېگەن خەۋەرنى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئورگان مىكرو بلوگى 23-ئىيۇل رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار مائاشىنىڭ يەنىلا 2006-يىلدىن بۇيانقى ئىش ئورنى ئۆنۈم مائاش تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

يېقىندا، ‹‹2014-يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى مائاش ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى، 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ» دېگەن خەۋەرلەر توردا كەڭ تارقالدى. 23-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان مىكروبىلوگىدا بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتتى.
توردا تارقالغان ‹‹لايىھە››دە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى ئاساسىي مائاش، خىزمەت تارىخى مائاشى، ئۈنۈم مائاش ۋە ئالاھىدە تولۇقلىمىدىن تەركىب تاپىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي مائاش ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئاساسەن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئايرىم ھالدا 3000 يۈەن، 3500 يۈەن، 3800 يۈەن، 4100 يۈەن ۋە 4500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، خىزمەت تارىخىغا يىلىغا 60 يۈەن قوشۇلىدىكەن.
23-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان مىكروبىلوگىدا بۇ ‹‹ لاھىيە›› گە رەدىيە بېرىپ مۇنداق دېگەن: ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەنىلا 2006-يىلىدىكى كەسپىي ئورۇنلار كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدا بېكىتىلگەن ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاش تۈزۈمى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەۋەر تورى

شاھيار88 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 09:36:43

مال باھاسى ئۆسمىسىلا بولاتتى                  

alnap630803 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 10:31:05

مال باھاسى ئۆسمىسىلا بولاتتى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:39:01

ئۆسمىسە ئۆسمىسۇن، كۆڭلۈم يېرىم بولمايدۇ. :lol

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 22:48:42

مۇشۇنداق يالغان خەۋەرنى تولا تارقىتىپ ھەم ئىشىنىپ كىتىپ كۈنىمىز مانا شۇ. توۋا دەيمەن مۇشۇنداق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلارنى خېلى بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنە ئاز قالمىغان ئوخشىمامدۇ بۇ خەق.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 07:08:39

باشقا يالغان ئۇچۇرلار تارقىسىمۇ چاتاق يوق، ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشى ئۈسىدۇ دەپ تارقالسا باشقا ساھەدىكى يارىماسلار يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇقۇتقۇچى بۇلىۋالسا شۇ يامان. بىزنىڭ كەنتىمىزدە بىر ئۇقۇتقۇچى بار ئىدى، باشلانغۇچتا ئۆزگىچە ئۇسلوپ بىلەن بالىلارغا ئىلىپبەنى بەك تىز ئۆزلەشتۈرۋىتىدىغان، يا بالىلارغا تېركىپ كەتمەيدۇ قارىسا...
   مەرھومنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!...
   قۇلىدا بىرە يىل ئۇقۇۋالغانلاردىن مۇشۇ يەردىكى شارائىتقا نىسبەتەن خېلى كۆپ قىسمى ياراملىق چىقتى دىيىشكە بۇلىدۇ ھەم ھاراقكەشلەر چىغىدا ئۇ ئادەمنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇممايدۇ.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 11:49:04

.ئەمىدى روھىلان مۇنبىرىدىكى مائارپىچىلار يىغىلايدىغان بولدىدە :lol

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 12:06:30

بازارنى كونتۇرۇل قىلسىلا بولاتتىغۇ
بەت: [1]
: 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ دېگەن خەۋەر يالغان