ۋاقىت ھەققىدە ئېيتىملار
* ۋاقىت-ناھايىتى مۇلايىم، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە قارشلىق قىلالمايدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچكە ئىگە. بىر چىكىت، بىر چىكىتتىن نەچچە يىللارنىڭ يالدامىسىنى سىزگە تۇيدۇرماي گۈزەل ھاياتىڭىزغا سىڭدۈرۋېتەلەيدۇ.* ۋاقىت-ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ. چۈنكى سىز ھاياتىڭىزدا ئېقىن سۇغا ئىككىنچى قېتىم يېقىنلىشالمايسىز، چۈنكى بىر قېتىم ئېقىپ كەتكەن سۇ قايتىلانمايدۇ، سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.
* ۋاقىت-يەڭگىلى بولمايدىغان دۈشمەن. ئۇ سىزنىڭ ياشلىقىڭىزنى نابۇت قىلدى، مۇھەببىتىڭىزنى خاراب قىلدى، ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايغۇ-ئەلەملىرىڭىزنىمۇ ماس قەدەمدە تۈگەتتى، بىراق ئۇ ھېچقاچان يېڭىلىپ باقمىدى.
*ۋاقىت-زەھەرلىك دورا. ئۇ بىزگە تۇيدۇرماستىن ئۆزىنىڭ دورىسىنى بېرىدۇ؛ ۋاقىت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زەھەر قايتۇرۇش دورىسى، لازىم بولغاندا ئۇ سىزنىڭ بارلىق قايغۇ-ئەلەملىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ.
* ۋاقىت-دېڭىز دولقۇنى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دېڭىز ساھىلىدىكى بارلىق ياخشى-يامان ئىزلارنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدۇ.
*ۋاقىت-بارلىق ھېسياتلارنى ئاجىزلىتالايدۇ ھەم كۈچەيتەلەيدۇ. شۇڭا ۋاقىت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان تارازا.
* ۋاقىت-ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا قولىڭىزدىكى پۇل. بىر يۈەن خەجلىسىڭىز بىر يۈەن كېمىيىپ بارىدۇ. كىشلىك ھاياتقا نىسبەتەن ئۇ بىر دېڭىز، ئۇنىڭ چېكىنى كۆرەلمەيسىز.
*ۋاقىت -كاپىتالغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ پايدا يارىتىدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق-ئامباردىكى مېلىڭىزنى، يانچۇقىڭىزدىكى پۇلىڭىزنى ئوغرىغا ئالدۇرغان بىلەن باراۋەردۇر.
*ۋاقىت-كۆپ ئىقتىدارلىق ئاچقۇچ. ئۇ ھەرقانداق ئېچىلمايدىغان مۇستەھكەم قۇلۇپلارنىمۇ ئېچىۋىتەلەيدۇ.
*ۋاقىت- بىر بانكا، بىز ئۇنىڭغا ھەم پۇل قويالايمىز ھەم بەلگىلەنگەن سوممىدىكى پۇلنى ئالالايمىز.
*ۋاقىت-ئۇستا بىر رەسسام. ئۇ سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى ئوخشاش بولمىغان سىمارىڭىزنى ئادىللىق بىلەن سىزگە سىزىپ بېرىدۇ.
*ۋاقىت-ۋەدە. ئۇ سىزنىڭ بارلىق كۈچىڭىزنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان مۇھەببەتنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىغانلىقىڭىزنى سىنايدۇ.
*ۋاقىت-دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئۇ پۇل ۋە جاۋاھىراتلارغا ئوخشىمايدۇ، پۇل ۋە جاۋاھىراتلار يۈتۈپ كەتسە ئۇنى تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئۆتۈپ كەتتىمۇ بولدى، مەڭگۈ سىزگە تەئەللۇق بولمايدۇ.
مەنبە : تور خاتېرە بەتلىرىم
ۋاقىت بىزگە نىسبەتەن ھەممە نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەزھەر ئەپەندىمگە رەھمەت. ۋاقىت ئاتقان ئوق ئوقنى كىم تۇتالغان شۇنداق بىز ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىز كىرەك ، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت شۇڭا
بەت:
[1]