تۈرك تىلنى قانداق ئۈگىنىش كىرەك ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aydingkiqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-23 21:21ئەسسالامۇ ئەلەيكوم روھلان تورىدىكى بارلىق دوستلار
يىقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يۇرتىمىزدا تۈرك تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ بارماقتا. تىل ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىرىمىزمۇ بۇ قىزغىنلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل كۇرسلارغا بىرۋاتىدۇ . تور تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تورلاردىمۇ ھەرخىل ھەقلىق ۋە ھەقسىز دەرسخانلار مەيدانغا كەلدى . كۇرسلارغا بىرىشقا قۇربى يەتمىگەن دوستلار بولسا تور يۈزىدە بولىسمۇ بۇ قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە . يەنە بەزەن تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دوستلار بولسا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشماقتا.
مەنمۇ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن تۈرك تىل ئۈگىنىش ھەۋىسىم قوزغىلىپ قىلىپ بۇ تىلنى ئۈگىنىشكە بەل باغلىغان. دەسلەپكى مەزگىللەردە كىتاپ يوق بەك قىينالغان ئىدىم ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا مەخسۇس كىتاپلارنى باستۇرۇپ شۇنىڭدىن مۇئەللىمسىز ئۈگىنىپ كەلدىم . مۇئەللىمسىز ئۈگىنىش بولسا مۈشكۈل ئەمما ئۈنىمى يۇقىرى بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئىكەن .
مۇشۇنداق جاپالىق جەريانلارنى بېسىش ئارقىلىق بۇ تىلنى ئۈگىنشكە كىرىشىپ كەتتۇق .تىل ئۈگەنگەندىن كىيىن ئادەمنىڭ بىلدىغان بىلىمى ئازتولا كۆپىيىدىكەن ھەمدە تىخىمۇ جىق بولغان نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلدىكەن . تىل دىمەك -كۆرۈك دىمەكتۇ.
يىقىنقى كۈنلەردە توردا دوستلارماڭائۆزلىرىنىڭ تۈرك تىلنى ئۈگىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ،ئەمما قانداق باشلاشنى ئۇخمايۋاتقانلىقىنى ئىيتتى . مەن ئۈگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۈگەنگەن ۋاقىتتىكى تەجىرىبىلىرىمنى دەپ بەرگەن بولدۇم . بۈگۈن باشقا دوستلارغىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا دىگەن مەقسەتتە تۈرك تىلى ئۈگىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى (تۈرك تىلنى قەيەردىن ئۈگىنىشنى باشلاشنى) دوستلارغا دەپ بىرىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
1.تۈرك تىل ئۈگىنىشتە (تۈرك تىل ئۈگىنىشلا ئەمەس باشقا تىللاردىمۇ ئوخشاش) ئىلىبەسىنى ئۈگىنىش بەك مۇھىم . تىل ئۈگىنىشتە ئىلىپبە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .شۇڭا تۈرك تىلدىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئىلىپبەنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . ئىلىپبە دىگەندە يەنى تۈرك تىلدىكى29 ھەرىپنى ياخشى تونۇش ، يادقا بىلىش ،يادقا يېزىش كىرەك . بۇ بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تۈرك تىلى ئىلىبەسى ۋە بىر قىسىم قائىدىلەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۋالسىڭىز بۇلىدۇ
كۆرۈش
2. ئىلىپبەنى ئۈگىنىش بىلەن بىرگە تۈرك تىلدىكى سۆزلەرنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . سىز قانچىكى جىق سۆز بىلسىڭىز باشقىلار بىلەن شۇنچە راۋان ھەم بىمالال پاراڭلىشالالايسىز.ئەگەر سز جىق سۆز بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىتىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرەلمەيسىز ۋەياكى بىلدۈرۈشتە قىينىلسىز.
تۈرك تىلدىكى سۆزلەر ، كەلىمىلەر ھەققىدە ئازغىنە پايدىلىنىش ئۇچۇرلار مۇنبەرگە يوللانغان شۇنىڭدىنمۇ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .
كۆرۈش
3. سۆزلەرنى ئۈگىنىش بىلەن بىرگە تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . بىر تىلدا گىرامماتىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .گىرامماتىكىنى ياخشى ئۈگەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى راۋان ھەم چۈشنىشلىك توغرا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ .ئەگەر گىرامماتىكىنى بىلمىسىڭىز ۋەياكى ياخشى بىلمىسىڭىز ئاغىل-تاغىل سۆزلەپ خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرامماتىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ،شۇڭا گىرامماتىكىنىمۇ ياخشى ئۈگىنىڭ .
تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى ھەققىدە تۈزگەن ماتىرياللار مۇنبەرگە يوللانغان شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ .
كۆرۈش
4.ئىلىپبە ،سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكىنى ئۈگىنىش بىلەنلا بىر تىلنى ئۈگىنىپ بولغان بولمايدۇ . شۇ تىلنى ياخشى ئۈگىنىش ئۈچۈن شۇ تىلدىكى ماتىرياللارنى كۆپ كۆرۈپ بىرىش ،خەۋەر،گىزىت ،ژورنال قاتارلىقلارنى كۆپ ئوقۇپ بىرىش كىرەك . ئازراق سەۋىيە ئاشقاندا تۈرك تىلدىكى كىنولارنى خەۋەرلەرنى كۆرۈش كىرەك، شۇنداقتىلا ئوقۇپ چۈشىنىپ ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
تۈركچە يىزىلغان تىكىستلارنى كۆرۈش ۋە ياكى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ ئادرىستىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ .
كۆرۈش
رادىئو ئاڭلاش
5.بىز بىر تىلنى بىز ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس باشقىلار بىلەن راۋان ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئۈگىنىمىز. شۇڭا بىز ئامال بار باشقىلار بىلەن تۈركچە پاراڭلىشىپ بىرىشىمىز كىرەك . دەسلەپكى مەزگىلدە خاتا سۆزلەپ قويساق ھىچنىمە بولمايدۇ . دەسلەپكى مەزگىللەردە خاتا سۆزلەيمىز ، ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشچە توغرا سۆزلەپ كىتىمىز. شۇڭا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ پىراكتىكا قىلىپ بىرىڭ . بۇ بەك مۇھىم
ئىزدەن تورىنىڭ تىل ئۈگىنىش چ چ توپلىرى باش شۇنىڭدا تۈرك تىلى بىلدىغان دوستلار ۋە ياكى شۇ توپتىكى تۈرك دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ پىراكتىكا قىلسىڭىز بولىدۇ.
چ چ توپ نۇمۇرى : 263115185، 138339902 ئىزدەن تورى ئۈندىدار سالون ئىزدەش ئىسمى :izdencc
يۇقىرىقى ئۇسۇللار بويىچە ئۈزلۈكسىز ئۈگەنسىڭىز چوقۇم ياخشى ئۈگىنىپ كىتىسىز. يۇقارىقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجىرىبىلەرنىڭ يەكۈنلىرى بولۇپ سىزگە پايدىسى بولىدۇ .تىل ئۈگىنىشتە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش بەك مۇھىم . ئەگەر توختىتىپ قويسىڭىزلا ئۈگەنگەنلىرىڭىز ۋە تاتقان جاپالىرىڭىز 0 گە ئايلىندۇ ،شۇڭا توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرۇڭ . تۈرك تىلى ئۇيغۇر تىلغا ئوخشايدىكەن دەپ سەل چاغلىماڭ. تۈرك تىلى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلغا 100% ئوخشاپ كەتمەيدۇ ،ئوخشىدى دىگەن تەقدىردىمۇ 20% ئوخشاپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ تىلغا سەل چاغلاپ قالماڭ . يۇقارىقى ئۇسۇللار بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسىڭىز چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايسىز . ئاخىرىدا تىل ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىغا ئوتۇق ۋە ئاسانلىق تىلەيمەن .
تۈرك تىلدا تىخىمۇ جىق ماتىرياللارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ئىزدەن تورى سىزگە ياردەمچى بولالايدۇ . تىخىمۇ جىق ماتىرياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇيەرگە كىلىڭ .
قوقماي بىر سەكرەپ بىقىڭە قېنى :باشلىدۇق ئەمسە ؛ تەييارلىق ..... بىر ،ئىككى ئۈچ سەكرىدۇق ... چۈشتۇق
ئەسكەرتىش : يىقىندىن بۇيان تور بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بەزەن تورلار تاقىلىپ قالدى . بىز دەرسلىكلەرنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللىغان ئىدۇق ، بەيدۇ تور دسىكىسىمۇ تاقىلىپ قاپتۇ . شۇڭا بەزەن ماتىرياللار ئىچىلماي قالسا توغرا چۈشىنىپ تۇرغايسىلەر ، ئىچىلمىدى دەپ تۇرۋالساڭلارمۇ بۇنىڭدا ئامال يوق . ئەگەر شارايىت يار بەرسە تىلفۇنىڭلاردا ئىچىپ باقساڭلار ئىچىلىشى مۇمكىن .
مەنبە -ئىزدەن تورى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما بۇلۇپتۇ مەسلەن بىز تۇرك تىلنى ئۇقىماقچى بولساق، ئادەتتە بىز پىنيىچنى ئۇقىغانغا ئوخشاش ئوقىۋېرمىزمۇ!
مەسلەن :Günaydin!------ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن! Günaydin! بۇنى ئۇيغۇرچىدا ( گۇنايدىن ) دەپ ئۇقىساق توغرابولامدۇ؟ ئەجرىڭىزگە رەھمەت. مىىنىڭچە،ئۇنداق ئوقوساق بولماسمىكىن. كۈلمەس يوللىغان ۋاقتى2014-7-24 00:06
مەسلەن بىز تۇرك تىلنى ئۇقىماقچى بولساق، ئادەتتە بىز پى ...
ئۇنداق ئوقىسىڭىز بولمايدۇ . چۈنكى ھەربىر ھەرىپنىڭ ئۆزىگە خاس ئوقۇلىشى بولىدۇ . مەسىلەن ü ھەرىپىنىڭمۇ ئۆزىغا خاس ئوقۇلىشى بار. ü ھەرىپىنىئۈ دەپ ئوقۇيدۇ ،سىز ئۇيغۇرچە ئوقۇيمەن دەپ ئۇ دەپ ئوقىسىڭىز ئەلۋەتتە خاتا بولىدۇ دە . Günaydin نى گۈنايدىن دەپ ئوقۇيسىز.
بەت:
[1]