ئۇيغۇرى يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 20:24:35

بالامغا سان ئۆگەتسەم بولامدۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك مۇنبەر ئەھلى دوستىڭىزلار ئەخمەتجاندىن ھەرقايسىڭىزلارغا ئوتلۇق سالام .
مەقسەتكە كەلسەك مېنىڭ چوڭ قىزىم بۇ يىل 4 ياشقا توشۇپ 5 ئايلىق ئاشتى (تېخى يەسلىگە بەرمىدىم)، بۈگۈن قارىسام ماتىرياللىرىمدىكى سانلارنى ئوقۇۋاتىدۇ (نەدىن ئۆگىنۋالدىكىن تاڭ، بۇ قانچە ئۇ قانچە دەپ سورىسام بىر نەچچە ساننى توغرا دەپ بەردى . قالغانلىرىنى خاتا دېدى شۇنداق قىلىپ قىزىمغا ساننى ئۆگىتەيمىكىن دەپ خىيال قىلدىم يەنە بىر خىيال قىلىپ ھازىر سان ئۆگەتسەم بەك بېسىم بوپ كېتىپ تەپەككۈرىنى بوغۇپ قۇيىمەنمىكىن دەپ خىيال قىلدىم . شۇڭا روھلان تورىدىكى مائارىپچىلىرىمىزدىن مەسلەھەت سوراپ تېما يازماقتىمەن . ئەستايىدىللىق بىلەن مەسلەھەت بېرىشىڭىزلارنى سورايمەن .
يەنە بىر مەسىلە قىزىمغا نەچچە يېشىدىن باشلاپ ھەرىپ ئۆگەتسەم بولىدۇ ؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 00:14:52

ئۆگەتسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن بۇ ئۆگىتىش ئويۇن شەكلىدە بالىنىڭ قىزىققان ۋاقتىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىشى، ھەرگىزمۇ بۈگۈن مۇنچىلىك ساننى ئۆگىنىپ بولسىڭىز ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بېرىمەن، قونچاق ئېلىپ بېرىمەنگە باغلىنىپ قالماسلىقى، ئۆگىنىش جەريانىدا بالىڭىز خاتا دەپ قويسا ياكى خاتا يېزىپ قويسا ئىلھاملاندۇرۇش ئېلىپ بېرىشىڭىز، تەنقىدلىمەسلىكىڭىز لازىم.
قىزىڭىز مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن ئاساسەن تەڭ كېلىپ قالىدىكەن، ئۇمۇ ھازىر 1 دىن 10 غىچە سانلارنى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە سانىيالايدۇ ۋە تونۇيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى بەك ئۆگىتىپ كەتمىدىم، چۈنكى كۆپ ئۆگىتىپ كېتىشمۇ بالىنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.
ئەسلى بۇنداق ۋاقىت بالىلارنىڭ تازا قېنىپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئىدى، بىزىلەرمۇ 7 ياشتا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئۆگەنگەن ئىدۇق.:lol

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 01:46:49

قىزىڭىزغا سان ۋە خەت ئۈگەتسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، خۇددى ئادىل ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك ئۆزى قىزىققان ئاساستا.سىز قىزىڭىزنىڭ سىز ئۈگەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ سانلارنى بىلىۋالغانلىقىنى دەپسىز،مانا بۇ قىزىڭىزنىڭ ئۈگىنەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ،ھازىرقى رىقابەت دەۋرىمۇ بىزنى ئالدىرىتىۋاتىدۇ، بەلكىم قىزىڭىزدا سىز ھىس قىلالمىغان يوشۇرۇن ئىقتىدار بولۇشى مۈمكىن ،شۇڭا قىزىڭىز خالىغان ،قىزىققان ئەھۋال ئاستىدا چارچاپ كەتمىگۈدەك ئۈگەتسىڭىز بولىدۇ.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:14:17

مېنىڭچە، يەنىلا ئۆگەتمىگىنىڭىز ياخشى. چۈنكىبالىڭىز تېخى تۆت ياشتا ئىكەن. يەنە بىرەر يىل تەخىر قىلىڭ.
ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ھازىرچە ئۆزى ئۆگىنىپ تۇرسۇن.

پىنھار يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 11:36:25

مەن ئۈچ يىشىدىن باشلاپ ئۈگەتكەن شۇڭا ماتىماتىكىدا سىنىپنىڭ ئالدى ..............

akax1498577372 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 13:05:46

مىنڭچە سان شەكىللىك تىزىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقئېلىپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى:victory: بۇلىدۇ

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 14:59:45

بىسىم قىلماي ئۆزى خالىغان ئاساستا ئۇگەتسىڭىز بولدۇ ئەمما زورلاشقا بولمايدۇ مىنىڭمۇ 4 ياشلىق ئوغلۇم كومپىيۇترنى ئىچىپ بىر قىسىم مەشخۇلاتلارنى ئۆزى مۇستەقىل قىلالايدۇ پەقەت قىللالمىسا مەندىن سورايدۇ.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 16:29:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-23 16:30

ئەھۋالدىن قارىغاندا مەنمۇ بەك ئالدىراپ كەتمىسەم بولامدۇ نېمە. پەرزەنتلىرىم بۇ شۇ تاپتا 5 يېرىم ياشقا كىردى. شارائىتنى بولىشىغا تولۇقلاپ بەردىم، مەسىلەن: ئىرپان ئاۋازلىق قەلىمى (كىتابلىرى بىلەن بىرگە)، ئەلپىدا ئاۋازلىق ئاسما رەسىم شەكلىدىكى ئۆگىنىش ياردەمچىسى دېگەنلەر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپتىكى تونۇشلىرىم بەرگەن ھەرخىل ھەرپ- سانلارنىڭ شەكىللىرىمۇ بار. كومپيۇتېر دېگەندىغۇ ئويۇننى تىتىۋېتىدۇ، بىراق شۇ يېقىندىن بېرى مەكتەپكە بېرىدىغان ۋاقىتنىڭ يېقىنلاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ بالىلارغا كۈندە پالانى سانلارنى ئۆگىنىپ بولىسەن، بولمىسا كومپيۇتېرغا يېقىن يولىمايسەن دېگەنلەر بىلەن سەن بېسىم قىلىپ قويۇپتىمەن. ئادىل ئاتاماننىڭ سۆزلىرىنى كۆرۈپ بۇ قىلمىشىمدىن سەل ئۇيىلىپمۇ قالدىم. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا سەككىز يېشىمدا ئاران باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن ئىدىم. :loveliness:

menggutash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 01:36:19

مىنىڭ ئوغلۇم ئىككى ياشتا ، ھازىر 1-20گىچە سانلارنى سانيالايدۇ ، ئەلىۋەتتە بەزىدە ئېزىپمۇ قالىدۇ ، بىز زورلاپ ئۆگەتمىدۇق ، بىز ئاتا-ئانىلار بەزىدە ھېلى ئۇ ھېلى بۇ بازاردىن ئالىدىغان نەرسىلەرنى سانايدىكەنمىز ، ھېلى توي-تۆكۈنگە كېلىدىغان ئادەم سانايدىكەنمىز ...شۇپۇلنى ئاز سانايدىكەنمىز:lol   شۇ ۋاقىتلاردا ھەركەت گەپ -سۆزلەرگە دىققەت قىلىپ يۈرۈپ ئۆگىنۋالدىكەن . بەزى قىلغانقىلىقلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالىمەن دە دەرھال ، يۈرۈش-تۇرۇشقا قاتتىق دېققەت قىلمىساق بولمايدىكەن دەپ ئويلاپ كېتىمەن .

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 15:02:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-26 15:06

بالا تۇغۇلۇپ 15 كۈنلۇكتىن ئاشقاندىن كىينلا سان ۋە ئاددى سۆزلەرنى قۇلاق تۇۋىدە تەكرارلاش نۇرغۇن دۆلەتلەردە قوللىنۋاتقان تەربىيلەش ئۇسولىنىڭ بىرى. ئىلمىي بولغان تەربىلەشنىڭ بالىلارغا پايدىسى باركىن زىيىنى يوق. ئەلۋەتتە ناھايتى ئىزچللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىش كېرەك. ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ. ئەمما قارغۇلارچە ئىلمىي ئاساسى يوق. سىز مومكىن بولسا ‹‹سېتىنا خانىمنىڭ بالا تەربىيلەش دەستۇرى، ‹‹كارىل ۋېتىرنىڭ بالا تەربىيلەش دەستۇرى››دىگەن كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇپ كۈرۈڭ. سىزگە ياردىمى بولىدۇ.
بەت: [1]
: بالامغا سان ئۆگەتسەم بولامدۇ ؟