ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 20:01:20

چۈشمەس بولۇپ قالغان تېما ئادرىسلىرىنى توپلاڭ، قايتا يوللايمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.
ئۇزۇندىن بېرى روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇم ئىلگىرى خېلى ۋاقىتلارغىچە بەيدۇ تور دېسكىسىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق، كېيىن ئارقا ئارقىدىن چىققان تور دېسكا جېڭىدە يەنە 360، تېڭشۈنلەرمۇ بىزنى قىزىقتۇردى، ھەممىمىز بۇ ئۈچىگە تولىمۇ قىممەتلىك ماتىرىياللىرىمىزنى چىقىرىپ، تورداشلىرىمىزغا ھەقسىز سۇنغان ئىدۇق.
تولىمۇ ئەپسۇس، ھەممىسى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مېزىنى چىقىرىشىپ، ئادرىسنى ئۆچۈرۋېتىدىغان، ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن بۇرۇن تورداشلىرىمىزغا سۇنغان ئېسىل ماتىرىياللار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر، يۇمشاق دېتاللار، ئېلكىتابلار، دەرسلىك دېتاللىرى،.... دېگەندەكلەر ئىسمى بار، جىسمى يوق قۇرۇق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى، بىر قىسىم تېما ئېگىلىرى تېمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال تولۇقلاپ قويغان بولسىمۇ يەنە بەزىلىرىمىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ بولالمىدۇق ياكى ۋاقىت چىقىرالمىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار، يوللىغان ماتىرىياللىرىم ئىچىدىن خېلى كۆپلىرىنى چىيەنناۋ قاتارلىق مۇقىملىرىغا يوللاپ بولالىغان بولساممۇ، يەنە كۆپلىرىنى يوللاپ بولالمىدىم، مەن پەقەت تورداشلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىنكاسى كۈچلۈك بولىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىىلا يېڭىلاپ ئۈلگۈرەلىدىم.
شۇڭا بارلىق تورداشلار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، چۈشمەس بولۇپ قالغان تېمىلارنىڭ ئادرىسىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلار، مەندىن باشلاپ بارلىق باشقۇرغۇچى، ئەزالار شۇ تېمىنى كۆرۈپ چىقىپ، تور دېسكىمىسزدا بارلىرىنى چۈشۈرۈپ، بېكىتىمىزنىڭ تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى چىيەنناۋ، خۇۋاۋېيلارنىڭ تور دېسكىسىغا چىقارساقمۇ ياكى ئۆزىمىز ئايرىم تىزىملاتقان ھېساباتىمىزغا يوللىساقمۇ ئامال قىلپ بۇ تېمىلاردىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى رەتلەپ قويساق دېگەن ئۈمىددىمەن.

پايدىلىنىش ئۇچۇرى:
300 مىگابايتتىن چوڭ تېمىلارنى تور بەتتىن بىۋاستە چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئايرىم تىزىملىتپى چىقارساڭلار بولىدۇ.
چىيەنناۋغا تىزىملىتىش ئادرىسى: مەرھەمەت
روھلاننىڭ چىيەنناۋغا يوللاشنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەب: مەن بۇ تور دېسكىسىغا بىر يىللىق ئەزالىق پۇلى تاپشۇرىۋەتتىم، شۇڭا سەت ئېلانلار چىقماي پاكىزە كۆرۈنىدۇ.

مۇنبەردىن بىۋاستە ھۆججەت يوللاش ئورنى تېما يېزىش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى مۇشۇ ئورۇندا.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/7c8d9838/

turgun110 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 00:05:39

ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرى توپلىمى
/forum.php?mod=viewthread&tid=26799&highlight=%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%DA%86%DB%95

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 20:12:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-19 20:17

مەنمۇ تىزدىن تىمىلىرىمنى تەكشۇرۇپباقايچۇشۇرىدىغانماتىريالبۇلمىسائۇتىمىنىڭقانداقمۇقىممىتىبۇلسۇن

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 20:16:12

سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-7-19 20:12
مەنمۇ تىزدىن تىمىلىرىمنى تەكشۇرۇپباقايچۇشۇرىدىغان...

ياخشى ئويلاپسىز، ھەممىمىز ئاۋال تىمىلىرىمىزنى تەكشۈرپ چىقساق بۇ مەسىلە ناھايىتى تېزلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 20:23:31

مەنغۇبۇ جەھەتتە ساۋاتسىز. ئەمما تىرىشىپ باقاي. بەك بولمىسا ئاتامان قاراپ تۇرماس؟:lol

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 20:34:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-19 20:39

مىنىڭ   بەيدۇغايۇللىغان ئادىرىسلىرىمنىڭھەممىسىتۇگىشىپتۇ   يىڭىدىنبەھىرلىسەممۇ    يەنىلائىچىلمىدىپەقەتئۆزەملاچۇشۇرەلايدىكەنمەن:funk:

تىلفۇندانۇرمال چۇشۇرگىلى بۇلىدىكەن    لىكىن كۆمپىيۇتىردانۇرمال ئىچىلمىدىبۇنىمە   ئىش   ئەمدى؟

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:06:49

مەنمۇ كۆپچىلىلىك ياقتۇرۇغان تىمىلىرىمىنى ئامال بار مۇقۇم بوشلۇققا يوللاپ قوياي

saedi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:14:31

مىنىڭ يوللىغان تىمىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بەيدۇ بىلەن 36 قا يوللىغاچقا ھەممىسى دىگۈدەك چۈشمەس بوپ قاپتۇ . ئەمدى ئالدىرماي ئولتۇرۇپ باشقا بوشلۇققا يۆتكەپ قويسام بولغۇدەك ..شۈنلى نىمىشقا 20 كۈندىن ئوشۇق ماتىريال ساقلىمايدۇ ... مۇشۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:20:53

saedi يوللىغان ۋاقتى2014-7-19 21:14
مىنىڭ يوللىغان تىمىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بەيدۇ بىلەن 36 ق ...

ئۇنىڭغا ھەقلىق ئەزا بولساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ، ھازىر ياخشىسى مۇشۇ چىيەنناۋ بولۇپ قاپتۇ.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:35:53

مەنمۇ ھەركەتكە كىلەي، مەن ھازىرچە ئالتۇنتاغنى ئىشلىتىۋاتىمەن،
بۇمۇ قاچانغىچە بەرداشلىق بىرەلەكىن تاڭ

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-19 21:39:04

مەن ئاساسەن تىمىلىرىمدىكىچۇشۇرۇش ئادىرىسلىرىنى   رۇھلانچىيەنناۋبۇشلۇقىغايۇتكەپبۇلۇپچۇققائىنكاسلىرىمنى تەھىرلەپبىشىغاقىستۇرۇپ قۇيدۇم    مۇشۇنداق قىلىپقۇيسام بۇلارمۇ›   300mدىن چۇڭ ھۆججەتلەرنى يۇتكەپ بۇلماقمۇدەماللىققا ئىغىركىلىدىكەنئۇلارنى ئاستا ئاستايۇللاپقۇيارمەن
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: چۈشمەس بولۇپ قالغان تېما ئادرىسلىرىنى توپلاڭ، قايتا يوللايمىز