نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:00:00

جاھىل پوپنىڭ ئاقىۋىتى

مەلۇم بىر كەنتتە قاتتىق يامغۇر يىغىپ،كەلكۈن كەپتۇ.شۇ چاغدا،بىر پوپ چىركاۋدا دۇئا تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئىكەن.كەلكۈن سۈيى ئۇلغىيىپ ئۇنىڭ تىزىغا كېلىپ قاپتۇ.بىراق ئۇ يەنىلا قىمىرلىماي ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋېرىپتۇ.بۇ چاغدا بىر ئادەم بىر سالنى ھەيدەپ كېلىپ:
-پوپ،ئىتتىك سالغا چىقىۋېلىڭ.كەلكۈن سىزنى يۇتۋېتىدۇ جۇمۇ،دەپتۇ.
پوپ قەتئىيلىك بىلەن:
-ياق،تەڭرى مېنى چوقۇم قۇتقۇزۋالىدۇ،سىز باشقىلارنى قۇتقۇزۇڭ،دەپتۇ.
ھېلىقى ئادەم ئامالسىز كېتىپ قاپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي كەلكۈن سۈيى ئۇنىڭ مەيدىسىگە كەپتۇ.ئۇ ئاخىرى پەشتاققا چىقىۋاپتۇ.بۇ چاغدا بىر قۇتقۇزغۇچى خادىم بىر كاتېرنى ھەيدەپ كەپتۇ.ئۇ پوپنى كۆرۈپ:
-پوپ چاققان چېقىۋېلىڭ.بولمىسا ئۆلۈپ كىتىسىز،دەپتۇ.
پوپ بېشىنى چايقاپ:
-ياق،مەن چىركاۋنى ساقلايمەن،تەڭرى چوقۇم مېنى قۇتقۇزۋالىدۇ،دەپتۇ.
قۇتقۇزغۇچى ئۇنى قايىل قىلالماي كېتىپ قاپتۇ.بىر ئازدىن كېيىن،كەلكۈن چېركاۋنى يۇتۇپ كېتىپتۇ.
پوپ پاناھلىنىدىغان جاي تاپالماي،ئاخىر چېركاۋنىڭ ئۈستىگە قادالغان كرېسىتقا ئېسىلۋاپتۇ.بۇ چاغدا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇپ كەپتۇ.ليۇتچىك.ئارغامچا شوتىنى تاشلاپ:
-پوپ،چاققان چېقىۋىلىڭ،ئەمدى ماڭمىسىڭىز،كەلكۈن سىزنى يۇتۇپ كېتىدۇ،دەپتۇ.
پوپ يەنە:
-ياق.مەن چېركاۋنى ساقلايمەن،تەڭرى ماڭا ياردەم قېلىپ چوقۇم قۇتقۇزۋالىدۇ،تەڭرى مەن بىلەن بىللە بولىدۇ، دەپتۇ.
شۇ ئارىدا،كەلكۈن سۈيى يۇپۇرلۇپ كېلىپلا پوپنى يۇتۇپ كېتىپتۇ.جاھىل پوپ سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپتۇ........
پوپ.ئۇ دۇنياغا بارغاندىن كېيىن تەڭرىگە ئاچچىقلاپ:
-ئەي تەڭرىم،مەن ساڭا شۇنچە ساداقەتمەن بولۇپ ،ساڭا بارلىقىمنى ئاتىسام،سەن نېمىشقا شۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلىپ،مېنىئقۇتقۇزمايسەن?،دەپتۇ.
تەڭرى مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ:
-1.قىتىم سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سال ئەۋەتسەم،سەن چېقمىدىڭ،مەن سېنى خەتەرلىك دەپ چېقمىغان چىغى دەپ، 2.قىتىم كاتېر ئەۋەتتىم،سەن يەنە چېقمىدىڭ، 3.قېتىم ئايروپىلان ئەۋەتسەممۇ چىقمېدىڭ.ئەجىبا سېنى ئۆزۈم بېرىپ،قولۇڭدىن تۇتۇپ قۇتقۇزسام بولامتى،دەپتۇ.


نەپرەت تەرجىمىسى

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:01:24

قېيىنچىلىققا يولۇققاندا،ھەممىنى تەغدىرىم مۇشۇ دەپ ئارتىپ قويماي تېرىشىپ ھەل قېلىشىمىز كېرەك،چۈنكى بۇ سەۋەپنىڭ ئالىمى.

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:06:47

نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 19:01
قېيىنچىلىققا يولۇققاندا،ھەممىنى تەغدىرىم مۇشۇ دەپ ئا ...

بەك توغرا سوز بوپتۇ.

لوپجان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:28:42

ياخشىكەن جۇمۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 21:22:27

ئەجىبا سېنى ئۆزۈم بېرىپ،قولۇڭدىن تۇتۇپ قۇتقۇزسام بولامتى،دەپتۇ.
بىزگە ئۈگەنگۈدەك شارائىت بەرسە ئۈگەنمەيلا قالماي باللېرىمىزنڭمۇ ئۈگىنىشىگە يول قويمىساق، ئۈگىنىشكە يىتەكلىمىسەك يۇقىلىپ كىتىشىمىز مۇقەرەر!

阿尔慢007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 11:25:56

بۇ تەرجىمە ئەسەرما؟؟؟

®رەزىل® يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:04:04

ياخشى تىما بوپتۇ
بەت: [1]
: جاھىل پوپنىڭ ئاقىۋىتى