ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ
بۇرۇن،خەلقى ئالەمگە تونۇلغان ناھايتى مەرد بىر باتۇر ئۆتكەن ئىكەن.ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئوغلىغا-بالام،مەن شۇنچە يىل جاھاندارچىلىق قىلىپ،ھەممە ئادەمگە تونۇلغان باتۇرغا ئايلانغان بولساممۇ،پەقەت بىر يېرىملا دوست تۇتالىدىم،دەپتۇ.
ئوغۇپ دادىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەپتۇ.يېرىم دوست دىگەن قانداق گەپتۇ?دەپ گاڭگىراپلا قاپتۇ.دادىسى ئۇنىڭغا:
-بالام.مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلىپ بىر يېرىم دوستۇمنى كۆرۈپ كەلسەڭلا،ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلەيسەن،دەپتۇ.بالا ئاۋال دادىسى ›بىر دوستۇم‹ دىگەن ئادەمنىڭ يىنىغا بېرىپتۇ دە:
-مەن پالانى ئادەمنىڭ ئوغلى.ھازىر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى بولۇپ قالدىم.پەقەت بارىدىغان يەر تاپالماي،پاناھلانغىلى كەلدىم،مېنى قۇتقۇزۋالغايلا....دەپتۇ.
بۇ ئادەم ئىككىلەنمەيلا ئۆز ئوغلىنى چاقىرىپتۇ-دە،بۇ ئىككەيلەننىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرغۇزۇپتۇ.
ئوغۇل شۇندىلا ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بوپتۇ.
بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ،بالا-قازا سىزگە يېقىنلاپ كەلگەندە،سىز بىلەن جاپا مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ،ھەتتا ئۆز بالىسىدىنمۇ كېچىپ،سىزنى قۇتۇلدۇرغان ئادەم ھەقىقەتەن سىزگە دوست بولۇشقا مۇناسىپ ئادەمدۇر.
ئوغۇل دادىسى ›يېرىم دوستۇم‹ دىگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بايىقىدەك دەپتۇ.ئۇ ئادەم بالىغا:
-بالام،بۇنداق چوڭ ئىشتا سېنى قۇتۇلدۇرالمىغۇدەكمەن،مەندە ساڭا يەتكۈدەك پۇل پۇچەك بار،ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا قېچىپ كەتكىن،مەن ھەرگىز ساڭا ساتقىنلىق قىلمايمەن...دەپتۇ.
ئوغۇل بۇ ئىشنىڭمۇ تېگىگە يېتىپتۇ.
باشقا كۈن.چۈشكەندە ئۆزىنى ئاياشنى بىلىدىغان،ھەم سىزگىمۇ ساتقىنلىق قىلماي ياردەم قىلغان ئادەم سىزنىڭ يېرىم دوستىڭىز بولۇشقا مۇناسىپتۇر.
نەپرەت تەرجىمىسى دوستقا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ ، چۈنكى دوسلۇق شەخسىيەتسىز بولىدۇ.ئۇ پايدا مەنپەئەت ئارلائغان بىر پاك زېمىن. نەپرەت ئەپەندىم، بۇ قېتىم ئىملا خاتالىقلىرىغا تازا دىققەت قىلمايقالدىڭىزمۇ قانداق؟ يوللىغان تېمىڭىز ياخشىكەن.دوستلۇق ھەقىقەتەن ئەڭ گۈزەل نەرسە،ئەلۋەتتە ئۇنى قەدىرلىگەنلەر ئۈچۈن. دوست تۇتۇشتا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.ياخشى تېمىلارنى يوللاش ئۈچۈن قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن. HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى2014-7-11 19:03
نەپرەت ئەپەندىم، بۇ قېتىم ئىملا خاتالىقلىرىغا تازا دى ...
مەن قارىسام ئىملا خاتا دەك ئەمەس،يول كۆرسەتكەيسىز.
چچ نى ئاچمىدىڭىزمۇ? توغرا ئازاق ئىملا خاتالىقى باكەن ئۇغۇپ بوپقاپتۇھەقىقەتەن ياخشىكەن رەھمەت نەپرەتجانغا ھەقىقەتەن قول قويىمەن جۇمۇ، تېمىلىرىغا كۆپ ئىنكاس يازمىغىنىم بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق كۆرىمەن، شۇنداق ياخشى ماتىرىياللارنى تاللاپ يوللايدۇ، يەنە كېلىپ يانفۇندا بۇنچە مەزمۇنننى تەرجىمە قىلپ يېزىپ چىقماقنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۈشكۈل ئىش. ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-7-12 00:28
نەپرەتجانغا ھەقىقەتەن قول قويىمەن جۇمۇ، تېمىلىرىغا كۆ ...
رەھمەت،ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
رامىزاندا باشقا ئىش قىلمىغانكى ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇنبەر ئۈچۈن تۆھپە قوشۋالاي دەيمەن. لېكىن مىنىڭ تۇنۇش بىلىش دوسلىرىم بېشىمغا كۈن چۈشكەندە پەقەت ئەسقاتمىدى .بېشىمدىكى كۈن ئۈتۈپ كەتكەندە .ھەممىسى ئەھۋال سوراپ كەلدى .
مەن رەخمەت دىدىم نەپرەت مۇنبەردېشىمىزنىڭ ( ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ .) دىگەن تېمىسى بەك ياخشى تېما بوپتىكەن، ئەمما ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئىملا خاتالىغى بىلەنلەنلا قاپتۇ ، بۇ مىنىڭچە ھەقىقى جاۋاپ ئەمەس ،
ھەقىقى دودت دىگەن ۋاختى كەلگەندە بىر قوساق قېرىندىشىندىنمۇ ئارتۇق ئورۇندا تۇرۇپ ،ھەقىقى مىھرىبانلىغىنى يەتكۈزەلەيدۇ . تېما يوللىغۇچىنىڭ ئىملا خاتالىغنى تۈزۈتۈپ ئوقۋالايلى ..........!خەت يازغان ۋاقتىمىزدا دىققەت قىلمىساق ھەممىمىزدىن ئىملا خاتالىق كۆرىلىدىغىنى راس....! مۇشۇكەچكىچە ئىملا خاتالىقىبىلەنلا قالدىكەنتوۋائوزىنى بىلدۇ
بەت:
[1]
2